مۇنىرەنىڭ چۈشى
(سىڭلىم مۇنىرەنىڭ كەلگۈسىگە ئۇتۇقلار تىلەپ)
تۆتھوگۇل
بىر غۇلاچ زېمىننى قۇچاقلاپ ياتىمەن
بېشىمنى قۇچقاچلار چوقۇلايدۇ
قاغىلار ئۇزاق زاماندا ئېشىپ قالغان جەسەتلىرىمنى؛
ئەڭ تېز ئۇنتۇپ قالىدىغان ۋاقتىمىز سەھەر بولدى
بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ؛
چايكىلارنىڭ ۋىچىرلاشلىرى
كەينىمدىكى ئورماندىكى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى
دەقىقىدە چۈشلىرىمگە ئايلىنالايتتى
ئامالسىزمەن ئەي رەببىم...!!!
كۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرىگە،
قۇلۇقۇمنىڭ ئىشىتكەنلىرىگە،
يۈرەكلىرىمنىڭ ئۆرتىنىشلىرىگە...
كوچا ئاپتۇبۇسى
«توپقاپى» دىن ئۆتكەندە
تېنىمنى غاجايدۇ كۆك قۇرتلىرى
نىساننىڭ مەلۇم بىركۈنى
توپقاپى
بېدە تېرىۋاتقان تۈرك قىزى
كۆك چۆچۆرىسىگە ئۇيغۇرنىڭ
ياكى
«سۈلەيمان» نىڭ كەچلىك غىزاسىغا
ياكى
تەنلىرىمىزنىڭ نەزىرىگە
ئىشقىلىپ خېلە يەڭگىللەپ قالدىم
كۆرمىگەنتىم بۇنداق ھاۋانى
مېنى سايىداۋاتقان شاماللار
بېدىلەر ئۇچىۋاتاتتى پىشانەمدە
مۇنىرە يىغلاۋاتاتتى يىراق كەلگۈسۈمدە
...
كوچا ئاپتۇبۇسى
«زەيتۇن بۇرنى» دىن قايرىلغاندا
شۈكۈرلەر ئېيتتىم رەببىمگە
قىزىل داغلىق كۈمۈشرەڭ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا
شېئىر بولسىمۇ قاپتۇ مەندە...
زەيتۇن شېخىدا سايرىغان بۇلبۇلغا قاراپ ھەيران قالدىم
چۈنكى
ئىچ-ئىچىمدىكى بىر يەرلەرگە تىنىپ كېتىۋاتاتتىم
ھىچكىم بىلمەس ئىدى مېنى
مەن بۇ ئوردىغا ناتونۇش ئىدىم
مېڭىپ ئوردا دەرۋازىسىغا كەلگەندە
ئاغۋاتلار چىقىپ سورىدى مېنى
چېكەمنى سويۇپ تەڭلىدىم
بىر خەنجەر ئۇردى كەينىمدىن
كىم...؟
بىر ھازا يانغان قىزىل چىراقتىن كېيىن ئاپتوبۇس قوزغالدى
كېتىڭلار چۈشلىرىم، ئۆتۈنەي سىلەردىن...!!!
ئۆيۈم بار، ئايالىم بار، بالام بار،
ئۇلارغا مېنىڭ جېنىم بار
روھىمنى ھىم قويدۇم، كېتىڭلار مەندىن!!!
ئۇلار مېنىڭ قولۇمدىكى نانغا قارايدۇ
سىلەر باشقا بىرىنى ئىزدەڭلەر...!!!
ياكى جەسەتلىرىمگە تىنىپ كېتىڭلاردە،
مارتتا كۆك بولۇپ ئۈنۈڭلار ئۈستۈمدىن
مۇنىرەمۇ كېلەر ئۇنغىچە
ئۇمۇ ئۈزگىدەك بولار سىلەرنى بىر كۈن
كۆك چۆچۆرىسى ئەتسۈن ئۇيغۇرغا
نەزىر بولغانلارنىڭ روھى خوش بولسۇن...
ئاسمان يېرىلدى
مېڭىلىرىمنىڭ قاتلىرىدىن؛
ئاپئاق كەپتەرلەر ئۇچتى ئىچىمدىن
...
كېتىڭلار، كېتىڭلار، كېتىڭلار
ئۇۋا تۇتۇڭلار مۇقەددەس پىشايۋاندا
تارىمنىڭ گىرۋەكلىرىدە يېشىللىق ئەۋج ئالغۇچە
كۆز ياشلىرىمنى دانلاڭلار
چۆجىلىرىڭلارغا سالامىمنى يەتكۈزۈڭلار...
قۇچاقلاپ ياتتىم ئۇزاق بىر زاماننى
زېمىن مېنى يۇتىۋاتقان بىر پەيتتە
چۈشلىرىمگە زەيتۇن چىشلىتىپ كېتەلىسەم ھە..؟!
28.05.2011