تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 10826|ئىنكاس: 10

ھاراق ھەققىدە رۇبائىلار(1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1395
يازما
6
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2009-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2009-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-23 11:23:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  



  ھاراق ھەققىدە رۇبائىلار(1)

ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

                 1
مەي دىسە تۆت پۇتلۇق بولۇپ چاپىسەن،
مەيسىز كۈن ئاتلىسا ئىشىك قاقىسەن.
ساقالغا ئاق كىرگەن مۇشۇ دەملەردە،
ئۇيالماس نەۋرەڭدىن، قانداق ئاتا سەن؟...
                2
باشتا مەي ئىچىسەن سىلىق-سىپايە،
(چېھرىڭدە قىزىرىپ كۈلگۈچە لالە.)
كەيىپلىك ھىسسىڭنى قىلغاندا قامال،
كىمنىدۇر غاجايسەن قىلىپ كىنايە.
                 3        
مەي ئىچسەڭ ماختىنىپ كۈلۈپ ئىچىسەن،
رومكىنىڭ لىۋىگە سۆيۈپ ئىچىسەن.
ئەلەسلىك كۆزىڭنى تورلىغان چاغدا،
گاھ ئادەم، گاھ تامغا ئۈسسۈپ ئىچىسەن.
                    4        
مەي ئىچسەڭ جاھاننىڭ ھەممىسى سېنىڭ،
جىمى مەس-پەسلىكنىڭ سەللىسى سېنىڭ.
بۇ رەزىل يۇقۇمغا ياپمىساڭ ئىشىك ،
كۆرۈنگەن ئۆلۈمنىڭ پەللىسى سېنىڭ.
                  5
ئەي نامەرت مەي ئىچمەي مەستەك يۈرگىچە،
ئىجاتكار شانىغا قاپاق تۈرگىچە.
خوشاللىق تاپ، ئاچچىق خىيالغا پاتماي،
ئىچىپ مەي-شاراپتىن كۆڭلۈڭ قانغۇچە.
                 6
يار ئەيلەپ شاراپنى ئۆتتى كۈنلىرىڭ،
يۈزلەندى زاۋالغا ياڭراق ئۈنلىرىڭ.
ئۈزۈلدى راۋابىڭ تارى نەچچە رەت،
مەيلىمۇ يۇلتۇزسىز قالسا تۈنلىرىڭ؟
                7
ئىچتىڭمۇ تۆت رومكا، چىقاردىڭ بوران،
باشلاندى ئويۇننىڭ قىززىقى شۇئان.
جىدەلنى ئۇ ئىچتى-ئىچمەدىن باشلاپ،
ياتقىنىڭ ھوزۇرمۇ، ئېغىز-بۇرۇن قان.
                  8
ئىچسەڭلا، سەن پەقەت ئەسلىڭنى ئۇنتۇپ،
ئۇنىڭ بەل، بۇنىڭ قول، بۇتىنى تۇتۇپ.
خوشامەت بىرلە دىل ئۇتماقچىمۇسەن؟
غورور ھەم ۋىجداننىڭ كۆزىنى چۇقۇپ.
               9
بىرىلىپ ھەرنەپەس كەيىپ- ساپاغا،
چۈشۈسەن قاغىدەك دەسسەپ ساماغا.
يېقىلساڭ ئازگالغا ئۆزۈڭدىن كۆرمەي،
بارغىنىڭ نىمىسى داتلاپ داۋاغا؟...
                10
ئىچىشىڭ كۈندە مەي، قىسمىتىڭ مەسلىك،
ھەر پايى كارىڭدا مەغلۇپلۇق، خەسلىك.
ئۆتەمسەن غەپلەتكە ئوينىتىپ قاش- كۆز،
روھىڭدا زەئىپلىك، خۇلقىڭدا پەسلىك.
1990-يىللار، شەھرى خوتەن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10
يازما
183
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
741
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-26 23:14:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇندە ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا سەتلىشىپ يۇرىدىغانلار مۇشۇنداق شېئېرلارنى كۆپرەك ئوقىسا دەيمەن .نەدىن يوقتى دەيمەن مۇشۇ ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىزغا ،ھاراق ئىچكەن ئەرلەردىن بىزار بولۇپ يۇرسەك ،ئەمدى ئاياللىرىمىزمۇ قوشۇلدى دىسە بۇ سەپكە .

تىرىشچان ئەزا

~~~خۇشبۇي~~~

UID
427
يازما
112
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
308
تىزىملاتقان
2008-11-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-28 00:04:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇندە ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا سەتلىشىپ يۇرىدىغانلار نىڭ بۇنداق شېئېرلارنى ئوقۇشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ چۈنكى ئۇلار سورۇن ئىزدەش بىلەن <ئالدىراش> . شۇڭا سەركەردە دىگەندەك  يەكلەش ،ئەيىبلەش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يولدىن قايتۇرۇش قايتۇرۇش مۇنكڭنمڭكڭن دەيمەن .

UID
10
يازما
183
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
741
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-2-28 16:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمىيەت شۇنداق قىلسىغۇ بولاتتى ،ئەمما  جەمىئىيەت ئۇلارنى يەكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ناھايتتى قىزغىنلىق بىلەن قوينىغا ئېلىۋېتمامدۇ.

UID
1003
يازما
134
تېما
14
نادىر
0
جۇغلانما
3669
تىزىملاتقان
2008-12-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-3-31 16:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ئۇلارنى بىز يەكلىگەن بىلەن ..... مال تۈرى بىلەن ئادەم خىلى بىلەن دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟...ھەي....

ئىت ھۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايىتماس ئىزىدىن ئارسىلان !!!

UID
4842
يازما
22
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
942
تىزىملاتقان
2010-8-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 18:44:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشامكى مەسلەرنى كۆرگەنلەر بارمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
487
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15069
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 19:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئەگەر  مەن بۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى  بولغان بولسام   ، ھەر  قانداق ئادەمنى ھاراق ئىشلەشتىن چەكلىگەن بولاتتىم .)  ھەي................
ھاراق تاتلىق  بولغان بولسا  قانچە  ئىچەتتىكىن  بۇ خەق..

UID
4227
يازما
698
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19750
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 19:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلچىنىڭ مەيخانەسىدە ئىدىك دوست بىرلە سۆھبەتتە،
مەيزاب كەلتۈردى، مىزبان: «ئىچكەنگە ھېكمەت بۇ شەربەتتە»،
سەئىدىيە دەۋرانىنىڭ دەستۇرخانىنى شەۋكەتتە ــــ
يورۇتقان، سىر ئەمەس ئەمدى، ئەسلىنى ئېيتسام ئەلبەتتە،
سىقىلمىش قارغالىق ئانارىدىن شاھانە لەززەتتە.

UID
4227
يازما
698
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19750
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-13
توردا
122 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 19:15:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىتمەدى مىزباندا ماختاش، بىتتى مەيزاب نەچچە جامدا،
قالدى سۆھبەتنىڭ داۋامى ئەرتەكى شەرھىي كالامدا،
گۈزەل رەقىس ئەتمەكچى ئەردى دوستۇم قوپۇپ ھەر چامدامدا،
ۋەلىك ماھارىتى تۈشكۈن كەبى كۆرۈندى گۇماندا،
مىزبان ھەققىنى تاپتىمۇ ؟ ئاياغلاشقان بۇ سۆھبەتتە.

كۆيۈمچان ئەزا

راست گەپ بىلەن ي

UID
5085
يازما
191
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6012
تىزىملاتقان
2010-8-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-9-14 20:57:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ باقاي، مەن ھاراق ئىچمىگىلى قانچىلىك بولغاندۇ. ھە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، قارىغاندا مەن ھاراقكەش ئەمەسكەنمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش