ئەمدى ئۇ مەڭگۈلۈك تاشلىدى سېنى
چىرايى كۆكرەڭدە ئاغزى قىزىل چوغ،
كۆزى ھال چاچلىرى قاشلىرى قارا.
بۆرىدەك ھۆكىرەپ كۆكنى تىترەتكەن،
ئوغۇزخان قېنى بار تومۇرلار ئارا.
ۋە لېكىن ئوغلۇمنىڭ ھالىغا قاراپ،
قەلبىمنى ئۇپرىتار ئەجەللىك يارا.
ئوغۇزخان ھەر كۈنى تۇرۇپ سەھەردە،
ئاڭلايتتى بۆرىنىڭ بىشارىتىنى.
لېكىن سەن چۈشكىچە قالىسەن ئۇخلاپ،
ئۇنۇتتۇڭ ئەجدادىڭ قىياپىتىنى.
كۆزلىرىڭ خۇنۇكتۇر، تاپقىلى بولماس،
ئوغۇزخان بوۋاڭنىڭ سالاپىتىنى.
ئوخشىماس ئۇنىڭغا ھەتتا چىرايىڭ،
قاڭشارلىق بولساڭمۇ بويۇڭ بەك پاكار.
ئوغۇزخان نەسلى مەن دېگىنىڭ بىلەن،
بۆرىنىڭ تىلىنى ئۇقمايسەن زىنھار.
ئۇقمايسەن ئاسماننىڭ سېھىرلىرىنى،
قەلبىڭنى تاغلارغا قىلمايسەن ئىزھار.
كۆك نۇرنىڭ ئىچىدە كۆكتەڭرى قىزى،
ئوغۇزخان ئالدىغا چۈشتى سامادىن.
مېڭى بار شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزدەك،
قوياشتەك ھارارەت كېلەر چېھرىدىن.
بىر مىللەت ئەۋلادى راۋاج تاپقۇدەك،
مەڭگۈلۈك بىر بۇلاق ئاقار مەھرىدىن.
لېكىن سەن كۆرگەن قىز يات سەھنىلەردە،
ئاسماندىن چۈشمىدى، ئاياقلار ئارا
يۈرىيدۇ ئۇ ئۆزى چەيلەپ ئۆزىنى.
ئالماشتى ئۇ كۆك نۇر ۋال ۋۇل چىراققا،
شەھۋەتتىن چاقنىتىپ ئەرلەر كۆزىنى،
ھەممە يەر لىق تولغان بەدبۇي پۇراققا.
ئوغۇزخان بايراق دەپ بىلدى قوياشنى،
سېنىڭچۇ بايرىقىڭ بوتۇلكا ھاراق.
ئوغۇزخان كېزىدۇ تاغلارنى، دەشتنى
سېنىڭچۇ كەزگىنىڭ رېستۇران قاۋاق.
ئوغۇزخان تېۋىنار ساماغا، كۆككە،
سېنىڭچۇ مەبۇتۇڭ پۇل ۋە نام ئاتاق.
قارابباق ئەتراپقا سەھەردە تۇرۇپ،
بۆرىنىڭ مۇقەددەس گەۋدىسى قېنى؟
سەن ئۇخلاپ ياتقاچقا چۈشكىچە قوپماي،
ئەمدى ئۇ مەڭگۈلۈك تاشلىدى سېنى.
ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلانماس ئەمدى،
ئۇپۇققا ئايلىنىپ يوقالدى تېنى.