ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ﻫارقانداق شەيئىي، ﻫادىسە ﻫەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ﻫەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ﻫۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېﻬماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاﻫىدە مەﻫسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېﻬقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېﻬقانچىلىق مەﻫسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ مەﻫسۇلى.
نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيا، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيا قەدىمكى خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۈپ نان پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ناﻫايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى نان مەدەنىيىتىنىڭ، نان تىجارىتىنىڭ ﻫازىرقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ ناﻫايىتى بۇرۇنلا نان ئىستىمال قىلغانلىقى، نان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىزگە مەلۇم، ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ﻫەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمال قىلغان. ئەمما گۆشنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، يىغىپ ئىستېمال قىلىشقا مۈمكىن بولمىغاچقا تۇرمۇشى بەكمۇ جاپادا ئۆتكەن. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئاستا- ئاستا دېﻬقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى دېﻬقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى ئارقىلىق ﻫەل قىلغان. يەنى دېﻬقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان دېﻬقانچىلىق دانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېمەكلىك ناننى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ناننى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چارۋىچىلىق مەﻫسۇلاتى بولغان گۆش، سۈت، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ناۋايلىق بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە ئايلاندى. ﻫازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇرغۇن كاتتا نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق "دەرمان" نان سودىگىرى ئابلاجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. "دەرمان" نانلىرى ﻫازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىدىن ﻫالقىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيدى. ﻫازىر نان خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، باشقا مىللەت، باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. ﻫازىر ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بىر قىسمى تونۇردا ئەنئەنىۋى ﻫۈنەر- سەنئەت تۈرى بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلۇشتىن باشقا، نۇرغۇن نان تۈرلىرى زامانىۋى نان پىشۇرۇش ئۈسكىنىلىرىدە پىشۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ئالاﻫىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا يىيىشكە قولايلىق.
ئۇيغۇرلار ناننى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى بۇزۇپ- چېچىشنى، ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ﻫېساپلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت شەكلى نان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ﻫەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسەم شەكلى نان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە نان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلەر بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ بىخەتەر كەسپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ﻫەممە ئادەم ﻫەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسە بولمايدۇ. نان تىجارىتىدە بۈگۈن ئېشىپ قالغان ناننى ئەتە يەنە سېتىشقا بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەندىن تارتىپ ﻫازىرقى دەۋرگىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە نان مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىنىپ، نەزەرىيە جەﻫەتتىن مۇكەممەللىشىپ كەلدى. ئەسلىدە ئائىلە يېمەكلىكى قىلىنىشتىن كەسىپلىشىپ بازارغا يۈزلەندى. ئۆز ئورۇنلىرىدىكى ئاددى تىجارەت شەكلىدىن خەلقئارالىق تىجارەتكە كېڭەيدى. ناننىڭ ئىجاد بولغان دەۋرى ناﻫايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاللىنىپ، تاشلىنىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان ئوبيىكتىلار باشقا مىللەتلەرگىچە كېڭەيدى، تىجارەت شەكلى مىللەت، دۆلەت ﻫالقىدى. بۇنى ﻫەرگىز كىچىك ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.
ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىدىن پايدىلاندى