تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2212|ئىنكاس: 12

دېڭىز قوشنام بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

تۆتھوگۇل

UID
11734
يازما
53
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2011-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 21:10:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دېڭىز قوشنام بولدى

 

 

تۆتھوگۇل

 

1

بىلمەيسەن ئامرىقىم

ھەر كېچە ياتقىنىمدا

يوتقىنىمنىڭ بىر پېشىنىڭ دېڭىزلارغا چىنىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى

ۋە قورقۇنۇچلۇق چۈشلەرنىڭ دېڭىزلاردىن بېشىمغا كېلىۋاتقىنىنى

كۈندۈزلەرنى نەقەدەر سېغىنىدىغانلىقىمنى...

 

شۇنداق...ياشىتىۋاتقان بىر كۈچ ئايان بولاتتى بەزىدە

دېڭىز كېچىنىڭ رەڭگىنى ئىچكەندە...

 

دېڭىز

ئاستا ئېقىپ كىرىپ مېنى لاي ئەتكەندە

ئاشۇ لاينىڭ ئۈستىدە لەيلەپ قالغان بىر-ئىككى تامچە سۆزنى

مېنىڭ روھىمكەن دەپ بىلىپتىمەن چۈشۈمدە...

 

2

دېڭىزغا قوشنا بولدۇم

كارۋاتىمنىڭ ئاستىدىن بىر بۆلۈك يەرنى كېسىپ بەردىم دېڭىزغا

ئۇ ھەر ئاخشىمى ماڭا ھېكايە ئېيتىپ بېرىدىغان بولغان

ئاپا!

ئەللەي تۈگىمەيدىكەن...

دېڭىزنىڭ ئاڭلىتىۋاتقان ھېكايىلىرى بىلەن ئۇخلاۋاتىمەن

سېنى بارماقلىرىمغا چىڭ يۇمۇپ

ئەللەيلىرىڭنى چۈشەۋاتىمەن...

 

3

دېڭىزغا قوشنا بولدۇم

بىز ئىشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭگە ياساپ ئوينىغان قەغەز كېمىلەر

لەيلەر كۆز چاناقلىرىمدا

ھەر ساباھ دېرىزىدىن دېڭىزغا قارىغىنىمدا؛

ئاتا!

ئۆگۈتلەر تۈگىمەيدىكەن

دېڭىزلار چايقىلىۋاتىدۇ ھاياجان بىلەن

مېنى نەمدەۋاتىدۇ

ئالدىمدىكى ئەينەكلەر بىلەن بىرگە

بىر نەرسىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ...

 

ئاتا!

بىلمەپتىمەن

قۇياشنىڭمۇ يىغلايدىغىنىنى

دېڭىز نەمدەۋاتقاندا ئۇنىڭ نۇرىنى...

بىزگە قارشى كېتىپ قالغان زاماننىمۇ ھەم

ئۇ قەيەرگە بارىدىغاندۇ

يىغلىغانچە

يامغۇر بولۇپ دېرىزىلەرگە ئۈسىيدىغانمىدۇ؟

ياكى بېلىقلارغا بايرام قىلىپ بېرىدىغانمىدۇ

بىزگە قارشى كېتىپ قالغان زامان

نەلەرگە بارىدىغاندۇ

يىغلىغانچە...

دېڭىزلار نەلەرگىچە بارىدىغاندۇ

چايقالغانچە...؟!

 

*** *** ***

 

دېڭىزغا قوشنا بولدۇم

دېڭىز كۆز چاناقلىرىمغا يۆتكىلىۋاتقاندا...

 

04.06.2011

 


يېتەر يىغلىما يۇنۇس!!!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
374
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
8395
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-5 22:46:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر خېلى مەنىلىك يېزىلىپتۇ. ئىشقىلىپ ماڭا  ياختى.

UID
12025
يازما
55
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1195
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-3
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 00:05:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانلاردىن باشلاپ دېڭىز بىلەن قوشنا بولۇپ قالغانسىز . دېڭىزنى ئويلىساملا سەپىرايىم ئۆرلەپ قارا باسىدۇ مېنى

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-30
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 00:56:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇ تىزملىرىنى ياخشى تىزىپىسز ،دېڭىز بويىدا ياشاپ باققان ئوخشايسىز ھە .ئەپسۇس ،مەن تېخى دېڭىزنى كۆرۈپ باقمدىم .دېڭىزغا ئەڭ يىراق شەھەردە تۇرۇپ دېڭىزغا تەلپۈنۈپ تۇرىمەن .ئاشۇ دېڭىز ئېلىپ كەلگەن پۇراقلارنى ،نەمخۇش ھاۋانى ،ئۇنىڭ بويىدىكى قۇياشنى ،ئۇنىڭ قېشىدىكى جىمجىت كېچىلەرنى تۇيغۇلىرىمىغا ئېلىپ باقىمەن .ئۆز تەنھالىقىمنى پارچىلاپ بوتۇلكىغا سېلىپ دېڭىزغا تاشلاپ ،دېڭىزلار چايقالغىنچە يېتىپ بارىدىغان ئاشۇ يەرگىچە ئەۋەتىپ ،ئۆزۈم قىرغاق بويىدا پارچىلانغان تەنھالىقتا  تىترەپ تۇرغۇم بار .ئاھ،قانچىلىغان تەنھالىقنى شامالغا قارشى دولقۇنلار سۆزلەيدىغاندۇ .
قانچىلىغان ناتونۇشلار
ئۇزىتشار (بوتۇلكا)
ئۇزىتىپ ئۆزىنى .
تەنھالىقنى ئىككىگە پارچىلاپ
كىم ئۇ ؟
(قىرغاقتا )پارچىلانغان تەنھالىقتا تىترەۋاتقان .
ئېلىپ كەتمەس مېنى ،
شامالغا قارشى دولقۇنلار .
  راستىنلا ،راستىنلا ئاشۇ دېڭىز بويىدىكى كۈچلۈك دولقۇن بىلەن بىرگە كەلگەن نۇرغۇن-نۇرغۇن سۇ تامچىلىرى ئارسىدا تۇزلانغان كۆز ياشلارغا ئايلىنىپ كەتسەم دەيمەن .




يىغلىغانچە...

دېڭىزلار نەلەرگىچە بارىدىغاندۇ

چايقالغانچە...؟!

بەلكىم تەنھالىقىمىز تۇتاشقان ئاشۇ يەرگە باردىغاندۇ دەيمەن .ئاشۇ ،كوكوس دەرەخلىرى دېڭىزنى كېچە بىلەن يالغۇز قويارمۇ ؟

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 14:33:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېڭىز بىلەن تۆتھوغۇلنىڭ " ئەل كۈيدە'' ئىلا ن قىلىنغان ئۆزگىچە شېئىرلىرى مۇنبەرگە يېڭىدىن رەڭ بەردى. ئەجرىڭلارغا رەھمەت ! ھارمىغايسىلەر ئىنىلەر .

UID
11705
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 19:45:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دېڭىز بويىدا ياشاۋېتىپ بۇ تاتلىق تۇيغۇلارنى ھىس قىلىپ باقماپتىمەن ، بەلكىم يۇرتۇمنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىمدىن ھسلىرىم ئېزىپ قالغان چېغى ..........

ئۆمۈر چەكلىك ، ياشاشنى بىلىشىمىز كېرەك !

UID
3265
يازما
43
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
1596
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 21:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەشتام دىكى قىرغىزىستاندىن كىلىدىغان قىزىل دەريا ۋادىلىردا ئولتۇرۇپمۇ ھېس قىلىمەن كۈندە بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھېسلارنى.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
967
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42690
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
273 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 22:06:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېڭىزدا چايقىلىشمۇ تېنچ ئەمەس. ئۇنىڭ ئىچىدىكى گۆشخور بېلىقلارچۇ؟ ئۇلارمۇ دۈشمەن بولىدۇ. ياشلىرىڭ دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ، تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. تېنىڭ بېلىقلارغا يەم بولۇپ تىتما-تىتما بولۇپ كەتسە... سېنى قانداق تونار يېققىنلىرىڭ؟! بەلكىم بوتۇلكا ئىچىگە چىرايلىق قاتلىنىپ قالدۇرغان ئاق قەغەز يۈزىدىكى تونۇش مىسرالىرىڭ سەن ئىكەنلىكىڭدىن شەپە بېرىپ تۇرسا كېرەك...

دېڭىز ئەجەپ بولىدىكەن. شامال چىققاندىكى كېمىگە زەرب ئۇرۇلغان دۇلقۇنلىرى...خۇددى ئىنسانلاردا ئۆچى باردەكلا.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
7492
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2415
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 22:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكسىز دېڭىزدا سۇ ئۈزۈپ باقسام دەپ ئارزۇيۇم  بار

كۆيۈمچان ئەزا

تۆتھوگۇل

UID
11734
يازما
53
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2011-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-6 22:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ھېكايىسى

 

 

بىر ئىستاكان قەھۋەنىڭ ھېكايىسى

 

تۆتھوگۇل

 
بىر ھازا بولسىمۇ تىنچلىق ئەكېلىدىغان كېچىدىن
ئۇنىڭ زادى قەيەرلەرگىچە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمىسەممۇ
ئەمما
كېچە رەڭلىرىگە ئوخشاپ پىشىۋاتقان قەھۋەلەرنىڭ پۇرىقىدىن
تولىمۇ ئۇزاقتا ئېيتىلىپ قېلىۋاتقان قىزىق پاراڭلىرىمنى تىڭشاۋاتىمەن
شۇنداق...
قەھۋە پىشىۋاتقان مەزگىلدە
يېرىم كېچە ئىختىيارى كىرىپ كەلدى
ھىچكىم توسۇپ قالالماس بىر ئىش يۈز بېرىۋاتاتتى
كېچە قەھۋەگە قۇيىلىۋاتاتتى؛
قەھۋە پىشىۋاتقان مەزگىلدە
مەن ئۆزۈمنى ئۇزۇندىن بېرى ئاچ قالغان خىياللىرىمغا ئۆلۈشتۈرۈپ بەردىم
ئۇلار تويماستىن مېنى تالاۋاتاتتى
قەھۋە پىشىۋاتقان مەزگىلدە
نەپەسنىڭ ئۇزاق-ئۇزاق توختاپ قېلىشى ۋە ئۆلۈمنىڭ قىرلىرىغىچە سۆرۈلۈپ بېرىش يۈز بېرىۋاتاتتى،
تەنلىرىم قورىنىۋاتاتتى
...
كىملىكىمنى چىلاپ قويدۇم ئىستاكانغا؛
قەھۋە دەملەنمەكتە
بىر ئاز قورقۇنچ، ئاجىزلىق، ئاچكۆزلۈك بىلەن
زەڭگەررەڭ ئىستاكاندا...
ئاسماننى يوق ئەتتىم شۇئان
بۇ ئورۇندۇقتا ئۇزۇن ئولتۇرغىنىمنى بىلدىم
ئەمما
قەھۋەنىڭ ئىسسىقى تېخى كەتمىگەن ئىدى
...
كوچىدىكى ئەخلەت تەرگۈچىلەرگە، قاسساپ ئالدىدىن ئاشقان سۆڭەكلەرنى قاينىپ ئىچىدىغان قېرىنداشلارغا
قەھۋە رەڭگى ۋە قەھۋە تەملىك تېتىپ قالدىم
مۇڭغۇل مۇئەللىم ناسانىڭ قەھۋە خۇمارى تېخى بېسىقمىدى
جوڭگۇەنسۈندىكى قىزىق پاراڭلار ئىز قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ
قەھۋە پىشىۋاتقان مەزگىلدە...

 
قەھۋە پىشۇرۇش ماشىنىسى
توشۇپ كەتتى چۈشلىرىمنى
تەڭ كېسىپ تەنلىرىمنىڭ كەينىنى
دېڭىزغا شۇنچە يېقىن
قەھۋەسىز... ئۇيقۇ ھۆكۈمران كېچەمگە
ئامالىم يوق
قەھۋە خۇمارى بىلەن باسماقچى بولدۇم ئاغرىقلىرىمنى
قەھۋە پىشىۋاتقان بۇ مەزگىلدە
ساڭا بۇلارنى ئاڭلاتقۇم كەلدى...

 
قەھۋە پىشتى
قەھۋە ئاڭلاتسۇن ساڭا ئەمدى دەرتلىرىمنى...

 

27.05.2011
 

 


يېتەر يىغلىما يۇنۇس!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش