- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 196
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- UID
- 613
- يازما
- 196
- تېما
- 86
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4638
- تىزىملاتقان
- 2010-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- توردا
- 48 سائەت
|
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ NOKIA يانفۇنلىرى ھەر بىر يانفۇن ئىشلەتكۈچى قىزىقىدىغان ماركىغا ئايلاندى. ئەپسۇسلىنارلىقى نوكىئا يانفۇنلىرىنىڭ ھەقىقىسىدىن ساختىسى كۆپ. ھەقىقىي نوكىئا يانفۇنلىرىنى سېتىۋالاي دېسە شىنجاڭ تەۋەسىدە خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشتىن باشقا ئورۇندىن سېتىۋالغىلى تېخى بولمىغان. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇنلىرىمىز تورغا مۇراجىئەت قىلىمىز...
مەن يېقىندىن بىرى تور ئارىلاپ مەخسۇس يانفۇن ئالدامچىلىقى قىلىۋاتقان بەزى تور بېكەتلەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. نېمىگە ئاساسەن ئۇنى ئالدامچى دەيسىز، دېسىڭىز، ئۇلار تەشۋىق قىلىۋاتقان يانفۇنلار ئەڭ مۇھىمى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەرزان، ئۇنىڭدىن باشقا بىر خىل يانفۇننىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسىنى تەشۋىق قىلغان.
مەسىلەن: NOKIA N82 3G版
NOKIA N82普通版
NOKIA N85 3G版
NOKIA N85
NOKIA N96 3G 版
NOKIA N96
...
سەل كاللىسى سەگەك ھەم NOKIA يانفۇنلىرىنى ئاز تولا چۈشىنىدىغان ئادەم بولسىلا بۇنى ھېس قىلىۋالالايدۇ. ئەمەلىيەتتە N82 نىڭ ھەرگىزمۇ ئىككى خىل (رەڭ جەھەتتىن پەرقلىنىدىغان يەنى كۈمۈشرەك ۋە قارا رەڭدىكى پەرقنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا) نۇسخىسى يوق. جۇڭگو بازىرىدىكى N82 لار پۈتۈنلەي بىر خىل، يەنى قارا رەڭدىكى GSM يانفۇنلار. نەدىمۇ N82 نىڭ 3G نۇسخىسى بولسۇن (نوكىئا شىركىتى چەتئەللەردە بازارغا سالغىنى 3G نۇسخىسى بولسا بۇ بىر گەپ) ئۇنىڭدىن باشقا N85 مۇ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان 3G يانفۇن. ئۇنىڭمۇ ئىككى خىل تۈرى يوق. N96 لا ئىككى خىل، پەقەت ۋە پەقەت ئىككى خىللا. بىرى ئادەتتىكى نۇسخىسى، يەنى بىرى لى شىياۋلۇڭ نۇسخىسى. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى 3G يانفۇن. N96 نىڭ ئادەتتىكىسى ھازىر 5674 يۈۋەن. لى شياۋلۇڭ نۇسخىسى 8000 سومدىن سەل يۇقىرىراق. بۇ ئىككى خىل يانفۇننىڭ پەرقى، لى شياۋلۇڭ نۇسخىسىدا بىر خىل مەخسۇس ئويۇن بار (يانفۇن بىلەن بىللە تەمىنلىنىدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا لى شياۋلۇڭ ئۈستەل يۈزى بار (بۇ ئادەتتىكى نۇسخىسىدا يوق) ھەم يانفۇننىڭ كەينىدە لى شياۋلۇڭنىڭ پورتېرىتى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتىكى نۇسخىسى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. ھەر ئىككىلىسىنىڭ سىغىمى 16GB.
ماۋۇ مەنزىلگە قاراڭ.http://mobile.wlmq.com/index.php?action=content&lid=334
بۇنىڭدا N96 يانفۇننىڭ ئىقتىدارىنى چۈشەندۈرگەن يەردە (سۈرەتنىڭ سول تەرىپىدە) سىغىمى 8GB دېيىلگەن. يەنە ئاستى تەرەپتىكى تەپسىلىي ئىقتىدار چۈشەندۈرۈشىدە ئىچكى سىغىمىنى 16GB دەپ يازغان...
يەنە بۇ يەرگە قاراڭ: http://mobile.wlmq.com/index.php ... A%E5%9F%BA%E4%BA%9A
ئويلاپ باقايلى، نوكىئا يانفۇنلىرىنىڭ باھاسى مەملىكەت بويىچە ئوخشاش تۇرسا قانداق قىلىپ بەزى تور بېكەتلىرى ۋە بەزى يانفۇن سودىگەرلىرى يانفۇنلارنى شۇنچە ئەرزان ساتىدۇ؟ ئېنىقى، بۇ يانفۇنلار بىر بولسا مەملىكىتىمىزگە قانۇنسىز كىرگەن، يەنە بىر بولسا يېڭىلاپ بازارغا سېلىنغان... بۇنداق يانفۇنلار جەزمەنكى ئىشەنچسىز كېلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يانفۇن ساتقۇچىدىن باشقا نوكىئا تەرەپ مەسئۇل بولمايدۇ ھەم ھېچقانداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.
نېمىشقا بۇنىڭغا دىققەت قىلدىڭ، دېسەڭلار، مەن 3 يىل بولدى NOKIA نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقىلى. دەسلەپتە 3230 نى سېتىۋالدىم. بۇ 2007-يىلىدىكى گەپ. شۇ چاغدا خوتەندە خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشنىڭ مەخسۇس سېتىش ئورنى يوق ئىدى. ئادەتتىكى يانفۇن سودىگىرىدىن سېتىۋېلىشقىلا توغرا كېلەتتى. يانفۇننى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ رېمۇنت ۋاقتىنى نوكىئا تور بېتىدىن تەكشۈرۈپ باقسام رېمۇنت ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن، دېدى. بىرەر ئاي ئىشلىتە-ئىشلەتمەي ھېلى ئۇنداق ھېلى مۇنداق كاشىلىلا كۆرۈلدى ھەم يانفۇننىڭ ئېكرانى ئىچىگە ئەخلەت چاۋىلار كىرىپ يانفۇن ئېكرانىنى تەستە كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ قالدى. مەن بىر دېھقان ئەمەس زىيالىي تۇرۇپ بۇ ئەخلەت چاۋىلار نەدىن كەلگەندۇ، دەپ ئاچچىقىم كېلەتتى... شۇنداق قىلىپ بۇ يانفۇننى ئوغرى ئالغۇچە ساق بىر يىل ئىشلەتتىم. مېنىڭ نوكىئا يانفۇنلىرىغا بولغان تونۇشۇم ئاشۇ 3230 دىن باشلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىن N70 نى، N73 نى ئىشلەتتىم. ھەممىسىنى ماڭا 3230 نى سېتىپ بەرگەن خەنزۇدىن ئالدىم. گۇمانلانساممۇ ئامالسىز شۇنداق قىلدىم... N70 نىڭ ئېكرانى بىرەر ئاي بولا-بولماي داغلىشىپ قالدى، كەينى تەرەپتىكى كامېرانى ئاسرايدىغان قاپ ھەم كامېرا ئەتراپىدىكى خەتلەر ئۆچتى. N73 مۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا تەقدىرگە دۇچار بولدى.... ئىشقىلىپ شۇنچە پۇلنى خەجلەپ ئالغان يانفۇنلاردىن رازى بولماي ئۆتتۈم. كېيىن ھېس قىلدىمكى، ئۇ خەنزۇ ماڭا بۇ يانفۇنلارنى خېلىلا ئەرزان سېتىپتىكەن. نوكىئا تور بېتىغا قاراپ باقسام N73 نىڭ ئۆزى ئاز كەم 3000 سوم ئىدى. مەن بۇ يانفۇننى 1950 سومغا سېتىۋالغان. ئاز كەم 1000 سوم ئەرزان دېگەن گەپ. ھازىر خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشتىن ئەمەس ئادەتتىكى يانفۇن سودىگەرلىرىدىن n73 نى 1600 سوملارغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ. توردىكى باھاسىمۇ ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ئەمما خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشتە ھەم نوكىئانىڭ تور بېتىدە بۇ يانفۇننىڭ باھاسى ھېلىمۇ 2500 سومدىن چۈشمەي تۇرماقتا، مەن N82 نى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن بىر ھەپتە بازار ئارىلىدىم. خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشنىڭ مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى تېخى ئەمدىلا تىجارەت باشلىغانىدى. مەن ئالدىنقى قېتىم يانفۇن سېتىۋالغان خەنزۇ سودىگەرنىڭ يېنىدىن N82 نى سورىسام ساڭا 2200 سومغا بېرەي دەيدۇ. ۋاھ، نېمىدېگەن ئەرزان، ئالسام مۇشۇ يەردىن ئالاي دەپ ئويلىدىميۇ، بۇرۇنقى كۆڭۈل غەشلىكىم ئېسىمگە كېلىۋېلىپ يەنە توختىدىم بىرەر ھەپتىدە ئوتكەندىن كېيىن خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشنىڭ سېتىش نۇقتىسىدىكى ماللارنىڭ تۈرى كۆپەيدى. N82 بۇ يەرگە تېخى ئەمدىلا پەيدا بولغانىدى... يانفۇننىڭ باھاسىغا قاراپ تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى ئالە شەرڭنى، 3999 يۈۋەن! ئاۋۇ خەنزۇدىن ئالسام ساق 1799 سوم ئەرزان ئالىدىكەنمەن!... ئاشۇنداق ئارىسالدى بولۇپ يۈرۈپ ساق بىر ھەپتە بولغاندا ئاخىرى خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشتىن سېتىۋالدىم. شۇنچىلىك تالاشتىمكى، مەن ئۆمرۈمدە مال سېتىۋېلىپ سودىگەر بىلەن بۇنچىلىك تالىشىپ باقمىغان. ئاشۇ باھاغا ئالغان بولسا مۇكاپات يۈزىسىدىن يانفۇنۇمغا 100 يۈۋەنلىك سۆزلىشىش ھەققى سوۋغا قىلاتتىكەن، مەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ يەنە 50 يۈۋەن چۈشۈرۈپ 3850 يۈۋەنگە سېتىۋالدىم. ئۇلار دۇكاننى ئېچىپ ئالىي دەرىجىلىك يانفۇن سېتىشىمىز مۇشۇ. بوپتۇ 50 سوم زىيان تارتقان بولايلى دەپ سېتىپ بەرگەنىدى. بۇ يانفۇننى تەكشۈرسەم رېمنۇنت ۋاقتى بار دېدى، ئىشلىتىۋاتقىلى 4 ئاي بولاي دېدى، ھېچقانداق يىرى سۈرۈلۈپ كەتمىدى. ئېكرانىمۇ قول تەگمىگەندەكلا... ئۇلار شۇنچە ئەخمەقمۇ؟! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارمۇ سودا قىلىدۇ، پايدا ئالىدۇ! گەپ ئۇلارنىڭ مال كىرگۈزۈش يولى قانۇنلۇق ئەمەس. قانۇنلۇق كىرمىگەن مالنىڭ سۈپىتىگە قانداقمۇ ھۆددە قىلغىلى بولىدۇ، دەيسىز!!!
ئىزدىسەڭلار، بىلىك كۇلۇبىنىڭ يانفۇن سەھىپىسىدە مېنىڭ يانفۇن ھەققىدىكى تېمىلىرىم خېلىلا كۆپ. بۇلارنى كۆرسەڭلار ھەم ماۋۇ تېمىنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلساڭلار، مېنىڭ بۇ جەھەتتە نېمىشقا مۇتەخەسىس بولۇپ قالغانلىقىمنىڭ تېگىگە يېتەلەيسىلەر
بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت نېمە؟ پەقەت بىرلا! ئۇ بولسىمۇ نەچچە مىڭ يۈۋەننى خەجلەپ ئازراق پۇلغا بېخىللىق قىلىپ توردىكى ياكى بازاردىكى (خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىش ھەم نوكىئانىڭ تور دۇكىنى بۇنىڭ سىرتىدا) ئەرزان نوكىئالارغا دۇم چۈشمەڭ.
كۆرۈپ سېتىۋالىمەن دېسىڭىز ئەڭ ياخشى تاللاش خۇڭجىڭ خەۋەرلىشىشنىڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى. ئۇنىڭدىن باشقا نوكىئانىڭ تور دۇكىنىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ مۇتلەق ئىشەنچلىك مال سېتىۋالالايسىز.
سىزمۇ مەندەك پۇل خەجلەپ تۇرۇپ كۆڭۈل غەشلىكى تېپىۋالماڭ، مانا بۇ مېنىڭ مۇشۇنچىۋالا مەمەدانلىق قىلىشىمدىكى مۇددىئادۇر!
مەزكۇر تىما بىلىك كۇلۇبىدىكى راشىت1971 ئەپەندىمنىڭ بۇلۇپ تىما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئەلكۈيىگە يۆتكەپ كىلىندى |
|