دۇنيادا مەشرەپ بىر
چۆليامغۇرى
تېلۋىزوردا ئىككى مەشرەپ بولۇپ قالدى،
بىرى تونۇش،سەھنىلەردە قىزىغان مەشرەپ
چاۋاك چېلىپ ئالقىشلاپ ئەل-جامائەت،
ئەلمىساقتىن جۇش ئۇرۇپ قاينىغان مەشرەپ.
يەنەبىرى گۆشنى پۈتۈن توڭلىتىشقا،
سوپەك بىلەن سەھراغا ئاتلىغان مەشرەپ.
دېھقان دادام چۈشەنمەي ئالمىغان بىلەن،
سەلەي چاققان تىرىلىپ ماختىغان مەشرەپ.
ھەيرانمەن! سورۇندىكى مەشرەپ قاينىسا،
گۆش سېلىنغان«مەشرەپ»تەڭ قىزىپ كېتەرمۇ؟
كۆكتات بىلەن مېۋىلەر پىشىپ قاق بولۇپ،
توڭلاتقۇدا كاۋاپلار كۆيۈپ كېتەرمۇ؟
راست بوپقالسا ناۋادا توڭلاتقۇ«مەشرەپ»،
قىز يىگىتلەر سەھنىدە توڭلاپ كېتەرمۇ؟
كۆرۈرمەنلەر بۇ قىسمەتتىن ھۇشيار بولۇپ،
مەشرەپ دېسە جۇۋا،تۇماق كېيىپ كىلەرمۇ؟
قارىمۇ-قارشى خىسلەت بىلەن ئىككى مەشرەپ،
نامى شۇنداق ئوخشاپ قالسا ئەپلىشەرمۇ؟
يا ئۇلارنى ئىناقلىققا ئۈندەپ باقساق،
ئوت بىلەن مۇز بىر پەدىدە سەپلىشەرمۇ؟
نىمە دېسەك ئەپلەشمىدى ئىككى مەشرەپ،
مەدەنىيەت تاۋار ئۈچۈن بېزەك ئەمەس.
نۇر چاقنىغان روھىي مىراس مەشرەپ دىگەن،
توڭلاتقۇغا ھېچيەردە قوشكېزەك ئەمەس.
دۇنيادا بىر مەشرەپ،مۇقامنىڭ نامى خاس،
نۇرانە شۆھرەت نامىنى قوغداش كېرەك.
ئايرىپ قىزىق مەشرەپ بىلەن توڭلاتقۇنى-
مۇز داۋانغا ھەمرا قىلىپ قوللاش كېرەك.
(ئۆزەمنىڭ) 2011-5-28قەشقەر