- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 279
- تىزىملاتقان
- 2010-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-10
- UID
- 7825
- يازما
- 9
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 279
- تىزىملاتقان
- 2010-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-10
- توردا
- 0 سائەت
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!!
ھەممىسى ئىماندىكى مەسىلە.
مەن بۇ يەردە قىزنىڭ خاراكتىرى توغۇرلۇق ئىككى ئىغىز سۆزلەپ ئۆتۈپ كىتەي. بۇ قىز ئەزەلدىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، دۇنيادىكى گۈزەل نەرسىلەرگە ئىنتىلىدىغان ھەم شۇنىڭغا يارىشا بەدەل تۆلىيلەيدىغان قىز. ئۆزىگە ئەزەلدىن قاتتىق ئىشىنىدۇ، ئارزۇ قىلغان ئىنتىلگەن بەخىتكە ھامان ئىرىشىمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ناھايتى ئەپسۇس، مۇنداق قىزلاردىن بەلكىم مۇشۇ خىل خاراكتىرىدىكى ھەرقانداق كىشىدن ئۇلۇغ رەببىمىز ناھايتى يامان كۆرىدىغان بىر ئىللەت تەكەببۇرلۇق ئاسانلا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل ئىللەتنى ئوچۇق بىۋاستە ئىپادىلىمەسلىكى مۇمكىن. باشقىلار بۇ خىل كىشىلەرگە قارىسا، بۇ خىل خاراكتىرىدىكى كىشىلەر ئىنتايىن مۇكەممەل،شۇنداق ئىسىل. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈتلىرى بەربات بولدىمۇ، تىرىشقانغا بەدەل تۆلىگەنگە يارىشا جاۋاب يوق بولدىمۇ،ئۆچ ئىلىش خاراكتىرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەقىللىق،ھىسسىياتچان كېلىدۇ. لېكىن شۇ ئەقىل ۋە ھىسسىياتنى ئۈمىدلەر كۆپۈككە ئايلانغاندا، ئۆزى خالىمايدىغان، قوبۇل قىلالمايدىغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىدۇ. قىلىدىغان يامانلىقنى قىلىپ بولۇپ، ئەڭ ئازابلىنىدىغىنى يەنە ئۆزى بولىدۇ. بۇ قىز قىزلار ئۈچۈن جاندىن ئەزىز بولغان قىزلىق ئىپپىتىنى يوقىتىپلا قالماي،”ئاخىرەتنىڭ بىلىتىنى ئىلىپ بوپتۇ،“ قوبۇل قىلىش ئاسان ئەمەس،بۇنىڭدىن كىچىكرەك ئىشلار ئۈچۈنمۇ نېمىلەرنى قىلىۋەتكەن ئىنسانلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. دائىم ئىشلىتىدىغان بىر خەنزۇچە جۈملىنى تەرجىمە قىلىپ دېسەم، قىزنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن كەچۈرۋىتىشكە بولمايدۇ. بىز ھەرقاندىقىمىز ئىبرەت ئىلىشىمىز كېرەك. مەسئۇلىيەت بەلكىم ھەممىمىزدە ئازدۇر-كۆپتۇر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەممىمىز ئۈستىمىزدىكى ئىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى چوقۇم ئىلىشىمىز كېرەك. ئادەم بولۇپ ئارىلىشىپ ياشىغاندىكىن،چوقۇم بىر-بىرىمىزگە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز ھەقىقىي مىھىر-مۇھەببەتنى يەتكۈزۈپ تۇرىشىمىز كېرەك.
ھەقىقەتەن ئەپسۇس، قىزنىڭ تەقدىرىگە ئىچىنىمەن، ئەسلى ئۇ بىر قۇياش كەبى ئىنسان ئىدى. يەنە مىڭ ئەپسۇس، شۇ ياراتقۇچىمىزنى تولۇقراق چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەرقانچە كۈچلۈك ۋە قەيسەر بولۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى، تەكەببۇرلۇقنىڭ ئىنسانغا پەقەت ياراشمايدىغانلىقىنى بىلسىچۇ؟ بۇ قىزغا ھىسداشلىق قىلىمەن،ھەم ياراتقان ئۇلۇغ ئىگەمنىڭ بۇ قىزغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بىرىشىنى ۋە ئۇ دۇنيالىقىنىڭ ياخشى بولۇپ بۇ دۇنيادا ئىرىىشەلمىگەن پاك سۆيگۈ ۋە مىھىر-مۇھەببەتنى ئۇ دۇنيادا بىرىشىنى چىن قەلبىمدىن تىلەيمەن. ئامىين!!
تورداشلارغا بىر تەكلىپىم، ئەتراپىمىزدا شۇنداق بىر قىزلار بار،ھەرجەھەتتىن ياخشى، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەقلى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، قىرىنداشلار،بەزىدە مۇشۇنداق قىزلار مىھىر-مۇھەببەت ۋە ئاسراشقا ئەڭ مۇھتاج، ئۇلارنى كۈچلۈك قەيسەر دەپلا بىر قىسىم ئىشلاردا بولۇپمۇ روھىي بىسىم ئىلىپ كىلىدىغان ئىشلاردا،ئۇلار بىلەن كارىمىز بولمايدىغان ئىشلار بولمىسۇن، بۇ خىل قىزلار دەردىنى ئىيتماي يۈرگەن بىلەن كۆڭلى قىلدىن ئىنچىكە، قىلىچتىن ئىتتىك كېلىدۇ بۇنداق قىزلارغا كۆڭۈل بۆلەلىگىنىڭلارچە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. ئاللاھ ھەممىمىزگە كەڭ قورساقلىقنى ھەقىقىي قىرىنداشلىقنى ئاتا قىلسۇن! ئامىين! |
|