(دادامنىڭ ۋاپاتىغا)
ھايات شامى ھامان بىر كۈن ئۆچەر ئىكەن،
جان قۇشلىرى بۇندىن ئۆزگە كۆچەر ئىكەن.
تىرىك جانلار غەم تەكتىگە چۆكەر ئىكەن.
ئاتا، ئۆلۈم يۈرىكىمنى پارە قىلدى.
بۇ ھىجرانغا دۇنيادا كىم چارە قىلدى؟
ئادەم گويا كۆلەڭگىدەك ئۆتەر ئىكەن
بايلىق، ئامەت، كۆزدىن ھەممە يۈتەر ئىكەن.
تەقدىر شۇنداق پىشانىگە پۈتەر ئىكەن،
بۇ ئۆمرىڭىز ئۆتتى جاپا مېھنەت بىلەن.
ھەپىلەشمەي قۇرۇق ئاتاق شۆھرەت بىلەن.
دۇنيا شۇنداق، مەنزىلىدۇر ئاخىر زۇلمەت.
ئارمان قىلىپ ئېرىشكىنى پەقەت ھەسرەت.
ئىنسانلارنى شاد ئەتكىنى پەقەت غەپلەت.
بىر رازىلىق ئالالمىدىم ئاتا سىزدىن،
ئەجرىڭىزگە بولمىدى ھېچ جاۋاب بىزدىن.
تىرىكلىكنىڭ كويى بىزنى قىلار سەرسان،
ئۆلۈمنىڭكى سىرى بىزنى قىلار ھەيران.
قېنى كىم بار بۇ دۇنيادا ئۆلمەي قالغان؟
پەقەت سىزنى سېغىنىپلا قالار بولدۇق،
ھەسرەت بىلەن يىغلاپ تىلغا ئالار بولدۇق.
باغدا ھەربىر گۈلگە بىر كۈن سۇلماق باردۇر،
تاپقان بايلىق، تۇتقان جاھان قالماق باردۇر،
جاھان ئۈچۈن كۆپ پالاقلاپ ھارماق باردۇر،
قارا تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالار بىر كۈن.
ئىشىكى يوق سارايىغا سالار بىر كۈن.
سىز كەلمەيسىز ئەمدى قايتىپ، بىز بارغىچە،
يازدىن قىشقا، قىشتىن يەنە باھارغىچە،
كۆز ياش بىلەن بېغىڭىزنى سۇغارغىچە
ئاتا، دائىم سىمايىڭىز كۆز ئالدىمدا،
ئېيتقان ھەر بىر گەپلىرىڭىز بار يادىمدا.
ھەسرەت بىلەن ئېگەر تاغمۇ باشلىرىنى،
ئاسمان يىغلاپ تۆكەر ئۈنسىز ياشلىرىنى.
ئاتتى ئەجەل يۈرەكلەرگە تاشلىرىنى،
قالدى ئاتا، كۆڭۈللەردە ئېغىر داغلار.
ھەسرەت بىلەن ياپراق تۆكۈپ قالدى باغلار.
سىز بەردىڭىز كۆزلىرىمگە نۇر ئاتىجان،
ئاتا قىلىپ ۋىجدان غۇرۇر ھەم ئاتىجان،
سىز روھىمدا تۈۋرۈك غايەت زور ئاتىجان،
ماڭا مەڭگۈ پاك روھىڭىز مەدەتكاردۇر.
ئارزۇيىڭىز تا ئەبەتكە دىلغا ياردۇر.