تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2312|ئىنكاس: 13

سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://rayhan14.blogbus.com

UID
4176
يازما
488
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
15070
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 18:35:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا
(بالىلار تىلىدىن)

شەھەردە يوق نىچۈن ئاي، يۇلتۇز،
كۈلۈپ چىقماس نېمىشقا قۇياش.
ئۆيلەر كىچىك، كوچىلار قىستاڭ.
مۇمكىن ئەمەس مۆكۈشمەك ئويناش.

شەھەرلەردە يوق ئىكەن قۇشلار،
ئاسمانلاردا يۇلتۇزلارمۇ ھەم.
يۈز بېرەركەن ئاجايىپ ئىشلار.
تۇغۇلاركەن غەم ئۈستىگە غەم.

ئوخشىماسكەن سەھرا يولىغا،
شەھەردىكى قاتار رەستىلەر.
ئىگىز ئۆسكەن دەرەخ شېخىدا،
پىشمايدىكەنغۇ جىنەستىلەر.

يوقكەن ئىگىز دۆڭلۈكلەر يەنە،
پادا باققاچ موللاق ئاتقىلى.
چىمەنمۇ يوق كېپىنەك قوغلاپ،
قۇشلار بىلەن قوشاق قاتقىلى.

ھەر ئاخشىمى ئاسمانغا بېقىپ،
مومام بىلەن يۇلتۇز سانايتتىم.
ئۇخلىغۇچە تاتلىق مومامنىڭ ،
چۆچىكىنى ئاڭلاپ قانمايتتىم.

كېچىلەرمۇ كېچىدەك ئەمەس،
تۈگىمەسكەن قاتار چايلىرىڭ.
بۇلۇڭلاردا ھىدىڭ سېغىنىپ،
ئۇخلاپ قالار «قوزا-تايلىرىڭ».

بولدى قويغىن ئېپ بەرمە ماڭا،
ئوينىغۇم يوق ماشىنا، قونچاق...
ئوينىسامكەن ئۆستەڭلەر كېچىپ،
دوستلار بىلەن تۇتۇشۇپ قۇمچاق.

مەن ماڭغاندا ئەگىشىپ قالغان،
ئارسلانچىقىم يىغلىدى چوقۇم.
بارچە كۆڭلۈم سەھرادا قالدى،
شادلىقلىرىم ھەم بارۇ-يوقۇم.

كىرىپ قاپتۇ كېچە چۈشۈمگە،
ئېغىلدىكى قوزىچاقلىرىم.
يىغلىشارمىش سېغىنىپ مېنى.
مېنىڭمۇ نەم كۆز چاناقلىرىم.

كۆڭلۈم خۇشلۇق تاپمىدى ھەرگىز،
كىلىپ سېنىڭ يېنىڭغا مانا.
توسىمىغىن يولۇمنى ئەمدى،
سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25563
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-24
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 22:09:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرايىمغا ئىككى ئايلارچە ۋاقىتتىن كېيىن كېتىش نېسىپ بولىدۇ اللە خالىسا...

UID
6825
يازما
519
تېما
37
نادىر
0
جۇغلانما
11780
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
274 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-28 22:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ بالىلىقىدا ياشاش قانۇنىيەتىگە ئاساسە ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارتىپ بىرىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
6284
يازما
263
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7665
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 08:44:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈندە تەكرار دەيسىزغۇ ئانا،
<مېڭىپ قالما چوڭ يولدىن ھەرگىز>
كىچىكسەم گەر چۈشتە بەش مىنۇت،
يەنە دەيسىز < كەلمىدىڭغۇ تىز>

چىرايىڭىز كىتەر تاتىرىپ،
كەچتە كەلمەي قالسام ۋاقتىدا.
ئۇنتىمايسىز ئەتىسى يەنە
جىكىلەشلەر  بەكمۇ كۆپ-تولا.

بۇ شەھەردە تۇرمايمەن ئەمدى،
سەھرايىمغا كېتىمەن ئانا.
بىخەتەر شۇ ئانا ماكاندا
بالىلىققا قايتىمەن يانا.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمنىڭ ئۆتكەن

UID
10819
يازما
114
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3594
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
61 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 09:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشىنا كوپ قىستاڭ كوچىلار ،
قەدەمدە بىر يوغان ئىستولبا .
ئېرىقلار يوق ئاقمايدۇ سۇلار ،
يەر ئاستىدا ياتار تۇرۇبا .

ئوينىغۇم بار سەھراغا بېرىپ ،
ئۆستەڭلەردە سۇغا چۈمۈلۈپ .
تاپالمايدۇ مىنى شۇم كېسەل .
يېتىۋالسام قۇمغا كومۈلۈپ .

بالىلارغا بەك ئۇۋال بولدى ، ئۇلارنىڭ كورىدىغىنى ئىستىن رەڭگىنى يوقاتقان ئاق قۇشقاچلار ، سۈنئى باغچا - كۆللەر ، قەپەستىكى تۇتقۇنلۇقتا ياشاۋاتقان ھايۋانلار .
   شەھەردىكى دوستلار بالىلىرىڭلارنى بىزنىڭ سەھراغا ئېلىپ كىلىڭلار ، مەن سىلەرگە ياردەملىشىپ ئۇلارنى ئېرىقلارغا چۈمۈلدۈرەي ، قىزىق قۇملارغا كۈمۈلدۈرەي ،  تۇپىلاردا يالاڭئاياغ ماڭدۇراي . ...................
    ئۈژمە دەرەخلىرىگە يامىشىپ چىقىپ ئۆز قوللىرى بىلەن مەي باغلاپ پىشقان ئۈژمىلەرنى ئېلىپ يىسۇن ، تۇخۇ،توشقان ، قوي - كالىلارنى كۆرسۇن ، ئات - ئېشەكلەرگە مىنىپ باقسۇن ، تۈرلۈك ئۇچار قۇشلارنىڭ ئەركىن پەرۋازلىرىدىن ھۇزۇر ئالسۇن . .............

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1365
تېما
36
نادىر
0
جۇغلانما
43100
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-29
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 10:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيخنىڭ شىېرنى ئۇقۇپ شۇنداق ئازاپلانغان بولسام ،،بۇ شىېرنى ئۇقۇپ تېخىدىنمۇ ئازاپلاندىم ،،،،ھازىر راستلا بالىلارغا ئۇۋال بولدى،،،،بىزنىڭ بالىلىقلىرىمىز ئەجەپ ئۆتكەن ،،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

تىرىشچان ئەزا

ھەقىقەت دائىم ئا

UID
5833
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
432
تىزىملاتقان
2010-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-29 18:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن ، سەھرا ئادەمگە باشقىچە ھاياتلىق بېغىشلايدۇ

UID
2272
يازما
299
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9539
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-10
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 10:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرا دېگەن تەبىئەت دېگەن گەپ ... بىرىپ بىر دەم ئىلىپ كىلەي دەيمەن لىكىن خىزمەت ئالدىراشچىلىقى .....

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
676
يازما
184
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
6165
تىزىملاتقان
2008-11-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 10:40:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق يېزىلغان شېئىركەن،.

UID
4049
يازما
154
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
4979
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-1
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-31 21:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھان ھەدە دەپ چاقىراي ،مەندەك كىچىك بولسىڭز يامانلاپ كەتمەڭ ھە.
مەنمۇ بەك بەك بەك  بىزار بولدۇم،بولمىسا قېشىمغا كېلىڭە ،ئاز قالدى سىزنى قۇشۇپلا ئاشۇ سەھراغا ئېلىپ كېتەي.بىللە سۈزۈك سۇللارغا چۈمۈلۈپ،خاماندىكى پاخاللاردا موللاق ئېتىپ،كېچىدە ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا يېتىۋىلىپ يۇلتۇز سانايمىز.
سەھەردىكى قۇياش بىلەن تەڭ پاقلانچاقلىرىمىزنى ئالدىمىزغا سېلۋىلىپ يۇپيېشىل يايلاقتا ئۇلار بىلەن قوغلاشماق ئوينايمىز.
يەنە ............................
جىق جۇمۇڭ قىززىق ئىشلار.كەسىڭز ھەممە ھۈنۈرۈمنى كۆرسۈتۈپ قويىمەن     

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش