كۆرۈش: 12756|ئىنكاس: 22

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

4تادۇ ئۇيغۇر تېب

UID
8092
يازما
45
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1606
تىزىملاتقان
2010-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 18:58:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز
ئەنبۇسى(ياپونىيە)



[align=justify]ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى ئەنبۇسى – يېمەكلىككە ئىش قوشۇشنى تۇنۇشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن 20 نەچچە يىل شوغۇللىنىپ ، يېمەكلىككە قېتىلىدىغان ‹‹ قوشۇلمىلار تىرىك لۇغىتى ›› ، ‹‹ يېمەكلىك قوشۇلمىلىرى بويىچە سېھرىي ئادەم ›› دەپ نام ئالغان كىشىدۇر.

ئۇ ھەر خىل قوشۇلما تەركىبلەرنىڭ رولى بىلەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن ،يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلار››نىمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھچىدۇر.

شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ  بۇ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرىڭىزغا تەقدىم قىلدۇق.

بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قۇشۇلمىلارغا ئائىت بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن . سۆزلەشتىن بۇرۇن مەن ئاۋۋال كۆپچىلىككە بىر قاچا سۆڭەك شورپىسى قىلىپ بېرەي. قاراڭلار ، مېنىڭ ئالدىمدىكى بۇ بىر قاتار بوتۇلكىلارغا ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان پاراشوكلار قاچىلانغان ، مەن بۇ بىر نەچچە بوتۇلكىدىكى   ئۇنسىمان ماددىلار(پاراشوكلار)نى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ ئېلەشتۈرىمەن . پۈتتى! سۆڭەك شورپىسى تەييار بولدى ! قېنى ، كىم تېتىپ بېقىشنى خاھلايدۇ؟ قورقمىساڭلارچۇ ! قېنى بۇ يۈرەكلىك يىگىتنى تەكلىپ قىلايلى!

‹‹ ھە ! راستتىنلا سۆڭەك شورپىسى ئىكەن . راستتىنلا بەك تەملىك ئىكەن .››

قانداق؟ مانا بۇ سىلەر كۈندە يەۋاتقان ئۈگرىنى سالىدىغان شورپا ! ھەممىڭلار كۆردۈڭلار ، مەن قىلغان بۇ سۆڭەك شورپىسىدا بىر تال سۆڭەك ، بىر تېمىم شورپىمۇ يوق ، پەقەت مۇشۇ بوتۇلكىلاردىكى ئاق پاراشوكلارنىلا ئىشلەتتىم . ئەمما ، تېتىپ باققان كىشىنىڭ ھەممىسى تەمى ياخشى ئىكەن دېيىشتى . مانا مۇشۇ ئاق رەڭلىك پاراشوكلار مەن تۆۋەندە سكزلىمەكچى بولغان يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلاردۇر.

ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرى ئادەتتە يەۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. سىلەر شورپىلىق ئۈگرە سۆڭەك قاينىتىپ چىقىرىلغان شورپىدا قىلىنىدۇ دەپ قارايسىلەر ، سىلەر رەڭلىك ، چىرايلىق مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋە شەربىتىنى سىقىپ ياسالغان دەيسىلەر ، سىلەر قەھۋە ئىچكەن چاغدا سالىدىغان سۈت پاراشوكىنى سۈتتىن ياسالغان دەپ ئويلايسىلەر . ئەمەلىيەتتە ، كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈۋاتقان ، ئېغىزىڭلار بىلەن تېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساختا تەم . چىرايلىق رەڭ، خۇش پۇراق ئاشۇ تەملەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلما ماددىلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن .  


قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ‹‹كۇمىلاچ ھالەتتىكى خېمىيىلىك ماددا››


مەن ئەسلى يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قوشۇلمىلار شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مال ساتقۇچىسى ئىدىم . ئۇ چاغلاردا خىزمەت ئىپادەم ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، دائىم دېگۈدەك ھەر قايسى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن بازارلىق مەھسۇلاتلارنى ياسىشىغا ياردەملىشەتتىم . مەسىلەن، مەن بىر خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچى ياساپ چىققان ئىدىم . مەلۇم بىر زاۋۇت ناھايىتى كۆپ مىقداردا قىرىۋېلىنغان گۆش كىرگۈزگەن بولۇپ ، ئۇ كالنىڭ سۆڭىكىدىن قىرىۋېلىنغان ، گۆش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان قىسمى بولۇپ ، ھەم چاپلاشقاق ھەم سۇلۇق، ھېچقانداق تەمى يوق يېگىلىمۇ بولمايتتى . شۇڭا چاناپ قىيما قىلىشقىمۇ بولمىغاچقا ، ھايۋانلار ئۈچۈن يەم – خەشەك قىلىشقىلا بولاتتى . ئەمما بىرلا يېرى ئۇ خىل ‹‹گۆش ›› بەكمۇ ئەرزان ئىدى. مېنىڭ خىزمىتىم دەل مۇشۇ يېگىلىمۇ بولمايدىغان ئۇششاق گۆشلەرنى يېگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.

ئالدى بىلەن، ئۇنىڭغا تۇخۇم تۇغالمايدىغان تۇخۇنىڭ گۆشىنى قىيما قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىرلىقىنى ئاشۇردۇق .ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ،بېقىلىۋاتقان توخۇلار تۇخۇم تۇخۇسى ، گۆش توخۇسى دەپ ئايرىلىدۇ. بىز ئادەتتە گۆش توخۇسىنىڭ گۆشىنى ، تۇىۇم تۇخۇسىنىڭ تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلىمىز.تۇخۇم تۇخۇسى بىلەن گۆش تۇخۇسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس . ئەمما، بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز بولسا ئاللىقاچان تۇخۇم تۇغالمايدىغان بولۇپ قالغان توخۇنىڭ گۆشى بولغاچقا ، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېيىشلىك ، يۇمشاق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى قاتتۇق.

بۇ خىل سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى يەنە ‹‹سۈنئىي گۆش ›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئەرزان باھالىق ھامبۇرگ بولكىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارلا ئەمەس ، ئۇنى ياساشقا يەنە كۆپ مىقداردا خېمىيىلىك تەم تەڭشىگۈچىلەر (يېمەكلىك قوشۇلما ماددىلىرى) نى ئارىلاشتۇردۇق.

يېيىشلىك، سىلىق قىلىش ئۈچۈن چوشقا مېيى ئىشلەتتۇق ، كىراخمال قوشتۇق، ئاپتوماتلاشقان ماشىنىلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن چاپلاشتۇرغۇچى ماددا ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق، رەڭگىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن رەڭ بەرگۈچى ماددا ئىشلەتتۇق، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماددا ، pH  قىممىتىنى تەڭشىگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق ، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوكسىدلاشقا قارشى ماددىلارنى ئىشلەتتۇق.

شۇنداق قىلىپ بۇ قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ئاخىر پۈتۈپ چىقتى . ئۇنى ياساشقا 20-30 خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇردۇق. بۇ ھالەتتە بۇنى ‹‹كۇمىلاچ  ھالەتتىكى يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلار››نىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولاتتى . مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ، شۇ ھامان بالىلار ۋە ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .

بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، مەن ئىشلەتكەن ‹‹يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلار›› ھەممىسى دۆلەت ئىشلىتىشكە يول قويغان ماددىلار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي دۆلەت بەلگىلىگەن مىقدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن قوشتۇق. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مەسىلە زادى قەيەردە ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل دۆلەت يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى تەكشۈرگەندە پەقەت يەككە ھالەتتىكى يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلغانلىقىدا . ئەگەر بىرلا قېتىمدا نەچچە خىل قوشۇلغۇچى ماددىلارنى بېراقلا (بەدەنگە) قۇبۇل قىلغاندا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ قانداق بولىدۇ؟ ‹‹بىرىكتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش››قا قارىتا تەتقىقات يەنىلا بىر ئاجىز نۇقتا . بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل قۇشۇلغۇچى ماددىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ زىيىنى بارمۇ يوق؟ زىيىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى پەقەت ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە يۇقىرىقى ئىشلارنى سكزلەپ ئۆتتۈم ؟ چۈنكى بىر كۈنى مەن قىزىمنىڭ ئۆزۈم ياسىغان بۇ خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچىنى مەززە قىلىپ يەۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن چېغىمدا ، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مەن ھەرگىزمۇ قىزىمنىڭ ئۇ نەرسىنى يېيىشىنى خاھلىمايدىكەنمەن . شۇناق، بۇلارنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . مەن يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ، ئەمما ، مەن ئەزەلدىن رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ ئويلىنىپ كۆرمەي ، يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى قۇشۇپ ، ھەر ىىل يېمەكلىكلەرنى ياساش بىلەن بەنت بولۇپتىمەن . دەل مۇشۇ دەقىقىدە ، مەن ئۆزۈم ياسىغان يېمەلكىك – چاپلاشقاق بىراك گۆش بىلەن نەچچە ئون خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيەلىك ماددىلارنى قۇشۇش ئارقىلىق ياسالغان قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچىنى ئاخىرى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتىم . چۈنكى ، ئۇنى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ، مېنىڭ قىزىم يېگەنىدى...بۇ ۋاقىتتا قەلبىم چەكسىز جىيانەتكارلىق تۇيغۇسىغا تولدى.  

قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن ، مەن يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك  ماددىلارنى  تۇنۇشتۇرۇپ ساتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم . تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ نەچچە ئون يىللىق ‹‹سەھنىنىڭ ئالدى-كەينى››دىكى تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق ، كۆپچىلىككە بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرمەكچى .

سۈت پاراشوكى دەل ‹‹كالا سۈتى شەكلىدىكى ئۈسۈملۈك مېيى››دۇر

ئەمدى يەنە سۈت پاراشوكى ھەققىدە توختىلايلى. ماگىزىنلاردىكى قەھۋەگە سالىدىغان سۈت پاراشوكى ئاساسەن ھەقسىز بولغاچقا ، مەن دائىم دېگۈدەك بەزىلەرنىڭ ماگىزىندىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا قولىنى سۇزۇپلا بىر نەچچىنى ئېلىۋالغىنىنى كۆرىمەن . ئۇلار ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىپ ئاستا – ئاستا ئىشلىتىشى مۇمكىن .

ئەمدى ، مەن كۆپچىلىكتىن سوراپ باقاي ، سىلەر بۇ خىل سۈت پاراشوكىنىڭ نېمىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر ؟ سۈتتىنمۇ ؟ سېرىم مايدىنمۇ (قايماقتىنمۇ)؟

سىلەر ‹‹سۈت پاراشوكى›› ئىچىدە ‹‹سۈت ›› بارلىقىغا قاراپلا بۇنى چۇقۇم سۈتتىن ياسالغان دەپ قالماڭلار . ئەمەلىيەتتىن مەن باياتىن سۆڭەك  شورپىسى قىلغانغا ئوخشاش ، سۈت پاراشوكى ياساشقا بىر تېمىم سۈت ياكى قايماقمۇ ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنى ئۈسۈملۈك مېيىغا سۇ ، يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددا قاتارلىقلارنى قۇشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييار بولىدىغان سۈتكە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىدىن ياسايدۇ.

ئۇنىڭ ئىچىدىك ئۆسۈملۈك مېيى تېخىمۇ كونكرت قىلىپ ئېيتقاندا ھىدروگىنلاشقان ئۆسۈملۈك مېيى بولۇپ ، تەركىبىدە ‹‹تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى›، بار . تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى ساغلام بولمىغان تەركىب بولۇپ ، ئۇنىڭ يۈرەككە بولغان زىيانلىق دەرىجىسى ھەر قانداق بىر خىل ھايۋانات مېيىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. تەركىبىدە ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى بار يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىدە بەلكىم تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسى بولۇشى مۇمكىن . مەسىلەن : پېچىنە ، بولكا ، غەرپچە تورت ، شاكىلاتلىق پىرەنىك ، سالات مۇرابباسى، مايدا قىزدۇرۇلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى، مايدا قورۇلغان توخۇ پاچىقى، غولپىياز قاتلىمىسى، قەھۋەگە قېتىلىدىغان سۈت پاراشوكى ، قىززىق شاكىلات قاتارلىقلار. ئەمما، ئادەتتە تەتۈر تىپلىق ماي كىسلاتاسىنىڭ نامى ھەر خىل بولۇپ ، ئادەتتە يېمەكلەرنىڭ تەركىبى دېگەن جايغا ‹‹ھىدروگىنلىق ئۆسۈملۈك مېيى››،‹‹ ئۈسۈملۈك سېرىق مېيى››، ‹‹سۈنئىي سېرىق ماي››، ‹‹ سۈنئىي قايماق››،‹‹ئۈسۈملۈك قايمىقى››ياكى ‹‹ئۈسۈملۈك ياغ كۈپۈكى›› قاتارلىق ناملار ئىزاھلاپ قۇيۇلىدۇ. ئەمما ، ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە تەتۈر تەركىبلىك ماي كىسلاتاسى بار.

ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ، سۇ بىلەن ماي بىر – بىرىگە ئارىلاشمايدۇ، بۇ چاغدا دەل يېمەكلىككە قۇشۇلىدىغان ماددىلار ئارقىلىق ئۇلارنى ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

ئالدى بىلەن ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا(بىر-بىرىگە پەقەت ئارىلاشمايدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ماددا) ئىشلىتىدۇ. ئۇ بولسا سىرتقى يۈز ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا بولۇپ ، ماي بىلەن سۇنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ سۈتكە ئوخشاش بىر خىل ئاق رەڭلىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئەمما، ئۇ سۈتكە ئوخشاش يېپىشقاق ، قۇيۇق ئەمەس . شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پولى ساخارىد تۈرىدىكىلەرنى ئىشلىتىپ قۇيۇقلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كوكس كەمپۈت پېگمىنتىنى قوشۇپ  سۇس رەڭلىك چاي رەڭگىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ رەڭگى قارىماققا قايماقنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ھالەتكە كېلىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا  قىممىتىنى تەڭشىگۈچى ماددا قوشۇلىدۇ  pH يەنە ، يەنە ئۇنىڭغا قايماق پۇراقلىق خۇش پۇراق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

شۇڭا ، سۈت پاراشوكى دېگەنلىك – سۇ . ماي ۋە بىر نەچچە خىل يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن ياسالغان ‹‹ سۈت شەكىللىك ئۆسۈملۈك مېيى››دۇر. سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىبىگە قارىساقلا بۇنى شۇ ھامان بىلەلەيمىز.

ئىلگىرى مەن يەسلىدىكى بالىلارغا مىۋە شەربىتى ياساش ئۇيۇنىنى كۆرسەتكەن ئىدىم .

لىمۇن شەربىتى مۇنداق ياسىلىدۇ :

ئالدى بىلەن 4- نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭنى سۇدا ئېرىتسەك ، ناھايىتى چىرايلىق لىمۇن رەڭگىگە ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە چۈچۈمەللەشتۈرگۈچى ماددا ۋىتامىن س  بىلەن لىمۇن كىسلاتاسىنى تۆكۈپ ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە ئۇنىڭ بىر قىسمىدىن كۆپرەك مېۋە شىكىرى ئارىلاشتۇرساق ، ئاچچىق - چۈچۈك تەمگە ئۆزگىرىدۇ . ئۇنىڭغا يەنە لىمۇن پۇرىقىنى قوشقاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي لىمۇن شەربىتى بولىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا سىللۇزا تالقىنى قۇشۇلىدۇ . سىللۇزا تالقىنى دېگىنى ‹‹ ھەرە كىپىكى ›› دىن ياسالغان بىر ىىل قۇشۇلغۇچى ماددا بولۇپ ، ھەر خىل دۇغلاشقان رەڭلەر ئارقىلىق راست شەربەتنى ئىچكەنگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ .

ئەگەر   قۇغۇن تەملىك ئىچىملىكنى ياسىماقچى بولساق ، قۇغۇننىڭ رەڭگى يېشىل بولغانلىقتىن ، ئالدى بىلەن سۇغا 1- نۇمۇرلۇق كۆك رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكۈپ ، سۇنى قېنىق كۆك رەڭدە بويايمىز ، ئاندىن ئۇنىڭغا 4 – نۇمۇرلۇق سېرىق رەڭلەندۈرگۈچنى تۆكسەك ، سۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭگە ئايلىنىدۇ . بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان .

ئاپلىسىن شەربەتلىك مېۋە ئىچىملىكى ياسىماقچى بولساق ، ئۇنىڭغا ئىشلەتمەكچى بولغان قىزغۇچ سېرىق رەڭ قۇرت – قوڭغۇزلارنى ئىزىپ تالقان قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . مەن تەييار بولغان ئىچىملىكنى ئىستاكانلارغا قۇيۇپ كۆپچىلىكتىن ‹‹ ئىچەمسىلەر ؟››  دەپ سورىدىم . بالىلار بىر – بىرىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشتى . ئەمما ، كۆپچىلىك ئادەتتە ئىچىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ياسىلىدۇ.

ئىلگىرى مېۋە ئىچىملىكلىرىگە شېكەر قوشاتتى . ئەمما ، شېكەرنىڭ تەمى بەك كۈچلۈك (تاتلىق) بولغاچقا بالىلار ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى ، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئورنىغا مېۋە شىكىرى قوشىدۇ-دە ، ئۇنىڭ تەمى ئىچىشلىك ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ . بالىلارمۇ ياقتۇرۇپ ئىچىدۇ . ئەمما، مېۋە شىكىرىنىڭ ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان بىر يىرى بار ، ئۇ بولسىمۇ ئۇنى ئىچكەندە ئىسسىقلىق مىقدارىنى ھەددىدىن زىيادە سۈمۈرۈۋېلىش مەسىلىسى .

مېۋە شىكىرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گىلۇكوزا بىلەن مىۋە كىسلاتاسى . گىلۇكوزا بولسا ، ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسىي ئىنىرگىيە مەنبەسى . بەدەن ئۇنىڭغا ئاجىز ۋاقىتتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولىدۇ ، بىز كىسەل بولۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىگە گىلۇكوزا قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر قۇشۇلىدۇ .

ئەمما ، ئاسما ئۇكۇلنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ قۇيۇقلۇقى %0.5 كىمۇ يەتمەيدۇ . باياتىن بىرى بىز تۇنۇشتۇرغان ئۇۋاق پاراشوكلاردىن ياسالغان ‹‹ مىۋىسىز ›› شەربەتلەرنىڭ ئىچىدە 500گرام مېۋە ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدىكى مېۋە شىكىرىنىڭ مىقدارى 60 گرامدىن ئېشىپ كىتىدۇ . يەنى ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئىچىۋاتقان 500 گراملىق ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدە %10 تىن كۆپرەكى  شىكەر تەركىب ئەگەر ئۇلارنى قاتتىق ھالەتتىكى  ئۇنىڭ تەركىبىدىكى گىلۇكوزىنىڭ مىقدارى 25گرام، مىۋە شىكىرىنىڭ تەركىبى 20 گرامدىن ئېشىپ ، تەخسىگە ئۇسقاندا لىپلۇلىق توشۇپ كىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە شىكىرى تەركىبلىك ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن ، ئادەم تۇيۇپ كەتكەندەك ھېس قىلماستىن ، ئىچمىگەن بىلەن ئوخشاش يەنە بىر نەرسە يىگۈسى كېلىدۇ .

بىر بۇتۇلكا 500گراملىق ئىچىملىك تەركىبىدە 50 گرام شىكەرنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كەلگۈدەك ئىسسىقلىق مىقدارى بولىدۇ . يەنى 200گرام ئەتراپىدىكى ياڭيۇ قەلەمچىسى تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىغا تەڭ كىلىدۇ . ئەمما ، بۇ ىىل ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى ئىچمىگەنگە ئوخشاش تۇيغۇدا بولىدۇ! كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى ، مۇشۇنداق بولىۋەرسە بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەنگە كۆپلەپ شۈمۈرۈلىۋېرىدۇ .

ئىلمىي تەجرىبىلەر شۇنداق ئىسپاتلايدۇكى ، دائىم سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە ، بەلكىم دېئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تېزلىتىشى مۇمكىن . ئامرىكىدىكى بىر ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئەگەر ھەر بىر بالا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە بىر قۇتا كاربونىك كىسلاتا تەركىبى بار ئىچىملىك ئىچكەندە ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىش ئېھتىماللىقى % 60 تىن يۇقىرى بولىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، سىمىزلىك ، شۇنداقلا دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆزگە كۈرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى ياخشى بىر ئەمەلىي مىسال .

كىشىلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ ياردىمىدە شۇنداق تەمگە كىرىدۇ . يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتىكى ئۇچۇرلار جامائەتكە ئاشكارىلانمايدۇ . زور كۆپ ساندىكى ئادەملەر تولىمۇ ساددىلىق بىلەن ‹‹ ئالدىنقى قاتاردىكى زاۋۇتلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتتا مەسىلە يوق››،‹‹ چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان نەرسىلەردە چاتاق يوق ›› دەپ ئىشىنىپ كىتىدۇ . ئەمما، بىزنىڭ تىللىرىمىزنىڭ تەم سەزگۈسى يېمەكلىككە قۇشۇلغۈچى ماددىلار تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتسىمۇ يەنە ئۇنى بىلمەي يۈرسەك ، بۇ نىمدىگەن ئېچىنىشلىق – ھە !

100كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە 130 كلوگرام كولباسا  ياسىغىلى بولىدۇ.
كۆپچىلىك بەلكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .100 كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە قانداق قىلىپ 130كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ؟ ئارتۇق 30 كلوگرامغا نىمە قوشۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا دەل ئېغىرلىقنى ئاشۇرىدىغان يېپىشقاق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.

ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇشتا ،ھەم كۆپ پۇل خەجلىمەيھەم ئوڭايلا قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇل ‹‹سۇ››قېتىشتۇر.

شۇڭلاشقا يېمەكلىك ساھەسىدە ‹‹سۇ قېتىلغان كولباسا›› دەيدىغان بىر خىل چۈشەنچە بار .

بۇ خىل ئۇسۇل باھا جېڭىدە  جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر خىل ئىستراتىگىيىلىك تاكتىكىدۇر.

ئەمما ، ئەگەر بېۋاسىتە ھالدا سۇنى قاتقاندا گۆش ئوڭايلا چىرىپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنىڭغا قىزىتقاندىن كېيىن ئوڭايلا قاتىدىغان يىلىمسىمان ماددا ئىشلىتىلىدۇ. 100 دانىدىن ئارتۇق شىپرىس بىلەن بىرلا ۋاقىتتا توخۇ گۆشىگە مەخسۇس گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئۇرۇلىدۇ. ئۇنداق مەنزىرىنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ قالسىڭىزلا بولدى ، ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقمايدۇ، تولىمۇ قورقنۇچلۇق! ئۇنىڭدىن كېيىن گۆشكە ئۇرۇلغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ گۆش توقۇلمىلىرىغا تەكشى يېيىلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئايلاندۇرۇپ ئىلەشتۈرىدۇ. گۆشكە ئارىلاشتۇرىدىغان يىلىمسىمان ماددىنىڭ ئېغىرلىقى گۆشنىڭ ئۇمۇمىي ئېغىرلىقىنىڭ %20 - %30 گىچە توغرا كېلىدۇ. گۆشلەر ئايلاندۇرۇپ ئېلىشتۇرۇلغاندىن كېيىن ، كۆپۈپ ئېسىلىدۇ-دە ، ئاندىن شەكىلگە ئېلىش ، قىزىتىش قاتارلىق باسقۇچلاردىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا بازاردا سېتىلىۋاتقان كولباساغا ئايلىنىدۇ .

ئارتۇق قوشۇلغان قىسمىنىڭ رەڭگى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ، يەنە ئۇنىڭغا باشقا يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. سۇ قۇشۇلغان كولباسانىڭ باھاسى تولىمۇ ئەرزان بولۇپ ، تاللا بازارلىرىدا ئالاھىدە باھادا توۋلاپ سېتىۋاتقان كولباسانىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ خىلدىكىلەردۇر.

كولباسا دېگەن ئەسلىدىنلا چۇقۇم تۇخۇ گۆشىدىن ياسىلىدىغان تۇرسا ، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى ، تۇخۇم ئېقى ، لاكتالبۇمىن (سۈت ئاق ئاقسىلى) قاتارلىق تەركىبلەر ئىشلىتىلىدۇ؟

تاللا بازارلىرىدا مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ھەيدىگەچ شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئالاھىدە باھالىق  ماللارنى تاللاۋاتقىنىڭىزدا ، ئۇلارنى ھارۋىڭىزغا سېلىشتىن بۇرۇن ،مەھسۇلاتنىڭ تەركىبىگە ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ! ھوشىڭىزنى يىغىپ ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭ!



مەنبە : ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى 2009- يىللىق ئىككىنچى سان

www.4tadu.com
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

http://tejelliy67.blogbus.com/

UID
3429
يازما
163
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
6093
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 23:11:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بىز بىلىپ بىلمەي ئىستىمال قىلىۋاتقان ھەرخىل ئىچىملىك يىمەكلىرىمىزنى ئىسلاھ  قىلمىساق بۇلمايدىغان دەرىجىگە يىتىپتۇ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن رەھمەت قىرىندىشىم  !!!!!!!!

ئاللاھ بەندىلىرىڭنىڭ كۈڭلىگە ئىنساپ بەر

UID
3254
يازما
97
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2529
تىزىملاتقان
2010-7-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 00:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىمىيىۋىسىز يىمەكلىكلەرنى يەيدىغان كۈنلەر كىلەرمۇ؟

UID
7492
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2415
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 10:42:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا ساغلام ئادەملەر ئازلاپ كەتتى ھازىر  ،مەن 30ياشقا كىردىم مەن بىلەن قۇرداش كىشىلەرنىڭ بالىلىق دەۋرى ھەر ھالدا ھازىرقىدىن ياخشىراق،كۆپ بۇلغانمىغان يىمەكلىكلەر بىلەن ئۆتكەن ،ئەمما ھازىر چوڭ بولۇۋاتقان بىر ئەۋلات بالىلار پۈتۈنلەي خىمىيىلىك مىقدارى يۇقىرى يىمەكلىكلەر بىلەن چوڭ بولۇۋاتىدۇ خۇدا ساقلىسۇن ئىنسانىيەتكە مۇشۇ سەۋەپلىكلا قىرغۇچى ئاپەتلەرنىڭ كىلىشىدىن .
رەھمەتلىك بوۋام 103ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولغان ئىدى شۇ ئۆمرىدە دوختۇرخانا ،دورا ،تاماكا ،كەيىپ قىلغۇچى نەرسىلەرگە يولىمىغان ئىكەن تاكى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇنقى 7كۈنگە قەدەر مەسچىتتىن قالمىغان ئىدى ئاخىرقى 7كۈننىڭ ئۈچ كۈنىدەك ئۆيدە يېتىپ قالدى دوختۇرغا ئەكىرەيلى دىسەك ئۆمرۈمدە بۇلغىمىغان تىنىمنى ئەمدى بۇلغىمايمەن قېرىدىم ئەمدى ئاللا ئامانىتىنى ئالىدىغان ۋاخمۇ كەپ قالدى مىنى ئارامىمدا قويۇڭلار مەندە كىسەل يوق دەپ ئۇنىمىغان ئىدى،مەن ئوينىغىلى چىقكىتىپ كىرسەم تىنىچلا ئامەنەتنى ئىگىسى ئەپ بوپتىكەن
ئەمما بىزلەرچۇ ياش-ياش تۇرۇپلا دوختۇر دوختۇرخانىدىن كىلەلمەي يۈرمەكتىمىز.

UID
11515
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-5-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 11:15:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ھازىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ مۇشۇ توغرىلىق تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇنداق خەۋەرلەر نۇرغۇن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. مەيلى بۇ خەۋەر راست ياكى توقۇلما بولسۇن، بىزنىڭ دىققىتىمىزنى قوزغايدىغان تېما.
     كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ خىمىيەۋى ماددىلارنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى ئازايتىشتا ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئاۋۋال ئۆزىمىز ئاز ئىستېمال قىلايلى، ئاندىن بالىمىزغا تەربىيەنى ياخشى قىلايلى.
    تېما ئىگىسى ۋە تور تەھرىرىگە تەكلىپ: بۇ تېمىنىڭ مەزمونى ياخشى بولسىمۇ، تەرجىمىسى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، ئەڭ ئاددىيسى 食品加工 دېگەن سۆز "يېمەكلىككە ئىش قوشۇش" دەپ ئېلېنىپتۇ "يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش دېيىلسە توغرا بولار؟"، ماقالىنىڭ ئىملا خاتالىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. تېل كومىتېتى قېلىپلاشتۇرۇپتۇرۇپ قويغان ئاتالغۇلارنى قالايمىقانلاشتۇرمايلى، تېلىمىزنى قالايمىقان قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرۇپ نېمە قىلىمىز. مەن بۇ يەردە بىر كىمنى قامچىلاش مەقسىدىم يوق، پەقەت تېما تەمىنلىگۈچىلەر ۋە تور تەھرىرلىرىنىڭ ئەستايىدىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئانا تىلىمىزنى قوغداشتىمۇ ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

تۇنجى ھۆكۈمىڭىزگە ئىشىنىڭ

تىرىشچان ئەزا

شەھرىزات مەلىكە

UID
11214
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
683
تىزىملاتقان
2011-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 11:27:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكيالنىڭ بۇ تىمىسىنى ئوقۇپ ھەقىقتەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم، ئاھ...بىزنىڭ بەدىنىمىزمۇ ھازىر خىمىيۋىلىك ماددىلارنىڭ يىغىلغان ئورۇنلىرى بولۇپ قاپتۇ.

ئۆتكەندە تىخى ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدە ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر يىرىدە سۈننىي ئۇسۇل ياساپ سىتىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئوقۇپ تۇخۇمغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

ئىشتىن چۈشۈپ سىتىۋالغان سۈتۈمنى پىشۇرۇپ ئىلىپ قۇيۇپ ئەتىسى ئىستىمال قىلىش ئۈچۈن قارىسام لاتقا ھالەتتە چۆكمىسىمان ەرسە ئاستىغا تىنىپ ئۈستىدە سۇ قىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قۇسۇۋەتكەن ئىدىم.

....................

بىزنىڭ يەۋاتقان كۆكتاتلىرىمىز خىمىيىۋىلىك ئوغۇت، بالدۇر پىشۇرۇدىغان خىمىيۋىلىك ماددا، رەڭگىنى تىخىمۇ جۇلالىق قىلىدىغان خىمىيۋىلىك ماددا، تىخىمۇ يوغان،چوڭ قىلىپ پىشۇرىدىغان خىمىيۋىلىك ماددا، ھەم بىز تىخى بىلمەيدىغان ھەرخىل تىپتىكى خىمىيۋىلىك ماددىلارنىڭ بىرىكىمىسىدىن تەييار بولغان كۆكتاتلار.

بىز يەيدىغان ئۇنلار...ئاقارتقۇچى ماددا...چىرىشكە قارشى تۇرۇش ماددىسى...يەنە ئاللىقانداق ماددىلەر قۇشۇلغان...

بىزنىڭ يەۋاتقان گۆشلىرىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ، كالا-قوينى تەبىئىي بورداتماي مەلۇم بىرخىل خىمىيۋىلىك ماددىنى يەم-خەشەكلىرىگە ئارلاشتۇرۇپ بىرىپ قاسساپلارغا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتتا ئۇ كالا-قويلارنىڭ سەمىرىپ قانچىلىك لوق گۆشلەر بولىدىغانلىقىنى بىر دىمەڭ...

يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىستىمال قىلىۋاتقان نەرسىلىرىمىز......

بىزنىڭ يىمەسلىكتىن باشقا ئامالىمىز يوق، چۈنكى بىز ئۆزىمىز تىرىپ يەيدىغان يىرىمىز يوق، بولسىمۇ بۇنىڭغا ۋاقتىمىز يوق...ھەي ھازىرقى زاماننىڭ بىچارە ئادەملىرى...

كەلگۈسىدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى سۈننىي زامان بىلەن ھىچبىر ئالاقىسى يوق كىشىلەر توپى تىپىلىپ قالسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى، ھىچ بولمىغاندا ئۇلار ساپلىقىنى ساقلاپ قالغان، شۇلارنىڭ گىنىنى ئىلىپ بولسىمۇ كەلگۈسىدە بىزدەك خىمىيۋىلىشىپ كەتكەن كىشلەر توپىنىڭ گىنىنى قايتا ئىسلاھ قىلىپ ساپلاشتۇرۇشقا پايدىسى تىگەتتى...

UID
6986
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2010-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 11:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر بازاردىكى كۆپلىگەن يېمەكلىكلەردە ئىشەنچ قالمىدى.
ئالدىمىزغا كەلگەننى ئىستىمال قېلىۋەرمەيلى،ئۇنداق بولمايدىكەن ئىمان بۇلغاندى دىگەن گەپ.ئىمان بۇلغانغانلىق دىن سۇسلاشقانلىق.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:08:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھەقىقەتەن قىممەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،شۇڭا بەدەن ساپايىمىز نىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشى بىكار ئەمەسكەندە ...ئەگەر ھەقىقى مۇسۇلمانلار ئىشلەپ چىقارغان بولسا ئۇنداق قىلماييتتى ھازىر بۇ دىنسىزلار پۇل ئۈچۈم ھەممە ئىشلارنى قىلىدۇ ...شۇڭا دەيمەن دوستلىرىمغا ئامال ئۆزىمىزنىڭ ئۇستاملىرنىڭ قولدىن چىققان يىمەكلىكلەرنى يەيلى دەپ ، بەزى دوستلىرىم بىزنىڭ مىللىيچە ئاشخانلارنى ياراتماي غەرىپچە تاماقخانلاردىن تاماق يەپ كىتېدۇ .نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ تاماقخانلىردىن يىمەيسەن دىسەم تازلىقى ياىشى ئەمەس ،مۇھىتى ياخشى ئەمەس دىگەندەك بانالار نى كۆرسىتىدۇ ،سەن يىگەن ئۇ تاماقلار مۇسۇلمانچە ئەمەس دىسەم كاللڭ خۇراپىيلىشىپ كىتىپتۇ ،سەن ھازىر قايسى دەۋىردە ياشاۋاتسەن ھاماقەت ئۆزۈڭنى داۋالىتىۋال دەيدۇ تىخى !!! ئەمدى بولسىمۇ يىمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ .ئۆزىمىزنىڭ تائاملىرنى قەدىرلەشنى ئۈگۈنۋالايلى !!!

كۆيۈمچان ئەزا

tunuxup pikhr almaxtursam man

UID
7601
يازما
193
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
4453
تىزىملاتقان
2010-11-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-9
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسى ئەجرىڭىزگە كۆ پ رەھمەت. كۆ  پ رەھمەت.مەن بۇ تىمىنى ئۇقۇپ تىنمىزگە قانچىلىك خېمىيلىك ماددا ئىستىمال قىلنىپ بولغان بولسۇن، بۇندىن كېيىن ئۆ زىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇنداق خېمىيلىك ئىستىمال بۇيۇملىرنى ئازراق ئىستىمال قلىشقا تۈرتكە بولدىغانلىقغا ئىشىنمەن،ھەم ئىستىمال ئادىتىمىزنى ئۆ زگەرتىشمىزگە چۇقۇم ياردىمى بۇلدۇ.

ەەر قانداق ظشتا ظأ زەڭگە ظىشەن .

كۆيۈمچان ئەزا

yalpuz -muz guli

UID
4072
يازما
242
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
7928
تىزىملاتقان
2010-8-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 12:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالنى ئوقۇپ يېشىل يىمەكلىك ماركىسى چاپلانغان مەسۇلاتلاردىمۇ مەسىلە بارمۇدۇ دەپ ئويلاپ كەتتم،قانداق قىلغۇلۇق؟ ئىستىمال ئېھتىياجىمىز شۇ مەسۇلاتلارغا چۈشكەندە سېتىۋالماي ئامالىمىز يوق.
كېسەلنى پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىش دىگەن شۇ بولسا كېرەك.

ئۇمىد يېرىم ھايات،چۈشكۈنلىشىش يېرىم ھالاكەت دىمەكتۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش