- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 456
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14957
- تىزىملاتقان
- 2008-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-14
- UID
- 1173
- يازما
- 456
- تېما
- 34
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14957
- تىزىملاتقان
- 2008-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-14
- توردا
- 4 سائەت
|
ئۈستۈن ئاتۇش يېزامدا
( مۇخەممەس )
ئۈستۈن ئاتۇش يېزامنىڭ، دىھقانلىرى زىيالى ،
بىر قولىدا كەتمەن بار، بىر قولىدا كىتاۋى ،
ۋۇجۇدىدىن قاينايدۇ، يۈكسەك نىشان قارارى ،
باياشاتتا ياشايدۇ، كۆز تەگمىسۈن بۇ ھالى ،
دىھقان بولساڭ نەزەر سال، بولما ھەرگىز خىيالى .
ئۆي سالىدۇ ئازادە، نەقىشلەنگەن گۈل ساراي،
پىشايۋىنى ئۆزگىچە، نۇسخىلىرى ھاي ھا ي ھاي ،
ھەر بىر ئۆيگە كىرسىڭىز ، كۆرىنىدۇ ھەممە باي ،
چاڭ-توزاڭدىن خالىدۇر، ئىشىك ئالدى قارىماي ،
دىھقان ياشاڭ ھوزۇرلۇق، كادىر سۈپەت زىيالى .
ساۋاتسىزلىق-نادانلىق، دۇشمەن دەيدۇ نىمىشقا ؟
ئىلىم-ھىكمەت يولىدا، ئىزدەن دەيدۇ نىمىشقا ؟
پەن-مائارىپ ئىشىنى، قوللا دەيدۇ نىمىشقا ؟
ئىلىم بىلەن يېزامنى، گۈللە دەيدۇ نىمىشقا ؟
دىھقان روھى مۇشۇنداق، نۇر چاچىدۇ باھارى .
ئادەملىرى تىرىشچان، ھورۇنلۇقتىن بەك يىراق ،
رىقابەتلىك ئېڭى بار، ھەممە ئىشتا تىرىشقاق ،
تىجارەتكە ئېپى بار، كۆزلىگىنى ھەم يىراق ،
تىپىلمايدۇ بۇ يۇرتتا، نادان، كالۋا ھەم ساياق ،
دىھقانلىرى مۇشۇنداق، ئەقىل تاپقان كامالى .
يۈرۈشلىرى سۈپەتلىك، ئۆيدە موتۇ، ماشىنا ،
قۇرۇق ئەمەس ھەر ئۆيدە، ئىغىل-قوتان ، قوي-كالا ،
ئەتراپلىرى جەننەت باغ، مېۋە كەڭرى قىر-سالا ،
ساخاۋەتلىك دىھقانغا، بەركەت بەرسۈن ھەي خۇدا ،
دىھقانلىرى تىرىشچان، راۋان ئىكەن يوللىرى .
ھۆسەينىيە مەكتىپى ، بۇ يېزامدا قۇرۇلغان ،
چىلىش، پۇتپول ماھىرى، خەلقاراغا تونۇلغان ،
دىھقان ئوغلى ئابدىرشىت، دوس خىنىمنى ئوقۇغان ،
ئۈستۈن ئاتۇش باللىرى، شەمۇ-شەنى سورىغان،
دىھقان ئوغلى ئىكەنغۇ، يۇرتىمىزنىڭ پەخىرى .
مائارىپنىڭ بۆشىكى ،بولغاچ ئەسلى بۇ يېزام ،
چىققان نى-نى زىيالى، تارىخىغا كۆز سالسام ،
تەرىپىنى يېزامنىڭ تۈگىمەيدۇ مەن يازسام ،
دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ، داڭقى چىققان بۇ يېزام ،
ئەلمىساقتىن يېزامدا، دىھقان ئېڭى يۇقۇرى .
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق
|
|