تەشۋىش
پۇرايدۇ ئەتراپتىن بىر مۇدھىش پۇراق ،
ھويلىنى قاپلىغان يىغا- زار، پىراق ،
يىغلار ھەم بۆشۈكتە بەش كۈنلۈك بوۋاق،
ئويلىدىم«ئۆچۈپتۇ بىر نۇرلۇق چىراق.»
ئىدىغۇ ئۇ كىشى كۆڭلى بەكمۇ ئاق ،
مىجەزى ئوچۇق ھەم مۇلايىم، سالماق،
ھەمسۆھبەت بولسىڭىز سۆزلىرى قايماق،
ئىلىم ۋە ھۆنەرگە يۈرىكى چاڭقاق ،
ھەيرانمەن ئالدىمدا بىر غەمسىز سىياق،
تۇراتتى چىرايى ئەلەمدىن يىراق،
تېنىدىن گۈپۈلدەر سېسىق مەي، ھاراق،
قاراشتا تۇرسىمۇ بىر ئوبدان، ساپساق ،
ياش چىقماس كۆزىدىن، كاللىسى «قاپاق».
شۇ ھامان ئويلىدىم كۆڭلۈمدە مۇنداق:
بولسىمۇ بالىمىز تاتلىق ھەم ئۇماق،
نەسىھەت ئاڭلاشقا بولمىسا قۇلاق،
بۇ تاتلىق ھاياتمۇ بىلىنەر قىرتاق،
غېمىنى يەيمىزغۇ ئولتۇرساق-قوپساق،
نىمىشقا ئۆزىنى «خار» قىلار بۇنداق ،
ئەۋلادلار تونۇسا ھاراقنى «قايماق» ،
مۇقەررەر ئۈمىدنىڭ گۈللىرى سۇلماق،
بالىلار بوپ قالسا يۈرىكى«قۇرغاق»،
دۇئامۇ قىلارمۇ قەبرىدە ياتساق،
دۇئاسىز قەبرىدە ئۈنمەيتتى قىياق،
جەننەتمۇ، دوزاقمۇ، بارارمىز قاياق ،
قانداقمۇ قىلارمىز شۇ كۈنگە قالساق،
ياراشماس مەرھۇمدىن چىقارساق پۇتاق،
لېكىن بەك بىلگۈم بار تاقىتىم بەك تاق...
مەنبە:قەلەم