كۆرۈش: 5121|ئىنكاس: 9

سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز خەيرىلىكمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 00:14:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز خەيرىلىكمۇ؟

 

تۇردى توختى

 

 

ئۈزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ خەيرىلىك بۇلۇش-بولماسلىق مەسىلىسىنى ئالدىن بىلىش ئىنتايىن مۇشكۇل بىر ئىش بولسىمۇ ،لىكىن كىشىلەرنىڭ ئۈزى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە ياكى ئويلانماسلىغى ،كەلگۈسىنىڭ خەيرىلىك بۇلۇش بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسى.چۈنكى ئۈزى ئۈستىدە ئويلانغان كىشىلەر ئۈزىنىڭ قايسى يولدا ،قانداق مېڭىشى ئۈستىدە،ئائىلە ۋە ئەۋلاتلىرى،زامان ۋە ماكان ئۈستىدە ئۇمۇمى يۈزلۈك ئويلۇنۇپ،كەلگۈسى ئۈچۈن نىشان بەلگىلىگەن كىشىلەردۇر.جالالىدىن رۇمى مۇنداق دىگەن‹‹ئىنساننىڭ خىيالىدىكى نەرسە ئۇنى ئۆز ئارقىسىدىن يىتەكلەيدۇ. مەسىلەن :باغ خىيالى باغققا،دۇكان خىيالى دۇكانغا ئېلىپ بارىدۇ{1} جالالىدىن رۇمى بىزگە بىزنىڭ نىشانىمىزنىڭ قۇرۇق خىيال بۇلۇپ قالماسلىقنى،قۇرۇق خىيالغا بىرىلگەنلەرنىڭ پۇشايمان قىلدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى يۇقارقى ھۈكىمى ئارقىلىق كۆرسۈتۈپ بەرگەن بۇلۇپ،بىزنىڭ قۇرۇق خىيالدىن مەڭگۈ نېراق تۇرشىمىزنى ئەسكەرتكەن،شۇنداقلا بىزنىڭ ئەمىليەتچان بۇلۇشىمىزنىڭ زۈرۈرلىگەىنى ئوترىغا قۇيۇپ يەنە بۇنى تۈۋەندىكى ھۈكىمى ئارقىلىق دەلىللىگەن‹‹قاچانكى خىياللار يۇقۇلۇپ،ھەقىقەت ئېچىلسا،پۇشايمانلىق ھىسمۇ يوقايدۇ.سىنى ئۈزىگە تارتىغان ھەقىقەت ،سىنى جەلىپ قىلغان ھەقىقەتتىن ئىبارەت››{2}.

بىز ياشاش جەريانىدا نىشاننى توغرا بەلگىلىدۇقمۇ؟بۇ نىشاننى بىز ئەمىليەتكە ئايلاندۇرالايمىزمۇ؟دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ،چۇقۇم يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەمىليىتىدىن ئايرىلىپ،خىيالى نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشىمىز كېرەك.ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن بىزنىڭ كەلگۈسىمىزمۇ بولمايدۇ.خىيالنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ياخشى،بىراق خىيالىمىز قۇرۇق خىيال بۇلۇپ،رىياللىق بىلەن ئۇچرىشالمىسا ئۇنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنىمۇ تۈزۈك.

نىمىلا دىمەيلى ياشاش جەريانى ئادەملەر نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەر قوينىدا ياشايدىغان جەرياندۇر.شۇ مۇناسىۋەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تەپەككۈر يۈرگىزىدىغان جەرياندۇر ۋە مۇرەككەپ ئىجدىمائى رىياللىقتا ياشاشتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق جەريان بىلەن كۈرەشلەرنى قىلىپ،ئۈزىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان جەرياندۇر.بۇ مۇرەككەپلىك ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىش ھەممە كىشىنىڭ ئارزۇسى بولسىمۇ ،بىراق،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر مۇشۇ مۇرەككەپلىك ئىچىدىن ئوڭۇشلۇق چىقالماي،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدۇ ۋە بەندىگە مۇھتاچ بۇلۇپ ياشاشقا مەجبۇر بۇلۇدۇ.بۇ كىشىلەر ئۈزى ئۈستىدە ئويلانمىغان،نىشاننى خايال ئۈستىگە قۇرغان،قىسقىسى يولنى توغرا ماڭمىغان،‹‹ئادەملەر ئەمگەك قىلىپ ياشىغاچقا پىرىشتەلەردىن ئۇلۇغ››{3}دىگەن ئىلاھى ھۈكۈمنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنەلمىگەن بىچارىلەردۇر.

بىز  ئادەم بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىنى خەيرىلىك قىلىمىز دەپ نىيەت قىلىدىكەنمىز تۈۋەندىكى مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ كۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.سىز ئويلىنىپ باققانمۇ؟

1.سىز ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باققانمۇ؟

سىز جەمىيەتنىڭ قايسى قاتلىمىدىكى كىشى بولۇشىڭىزدىن قەتتى نەزەر ئەڭ ئەۋال ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلۇنۇپ كۈرۈشىڭىز كېرەك.بۇ ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ۋە ئىشلىرىنىڭ ياخشى يامان بولىشىدىكى مۇھىم قەدەم ھىساپلىنىدۇ.

بۇنىڭدا سىز باسقان قېدىمىڭىزنى،قىلغان ئىشلىرىڭىزنى،جەمىيەتتىكى ئورنۇڭىزنى،ئائىلە ۋە پەرزەنتىلىرىڭىزگە قانداق تەسىرلەرنى كورسەتكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ كۇرۇڭ.

باسقان قەدەم ئىزلىرىڭىزدا قانداق نەتىچىلەر ۋە يانا قانداق ئەرزىمەس ئىشلار ۋە ۋاقىتنى قۇرۇق ئۆتكۈزۋاتقان چاغلار بار بۇ تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ماھىر بۇلۇش،ئۈزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندا ئەڭ ئاۋال ئۈزىنى چۈشىنىش قېدىمنى توغرا باسقان  بولىدۇ -ھەرقانداق كىشى.

يۈسۈف كىرىشنىر ‹‹سەن ئۆزەڭسەن،باشقا ئادەم ئەمەس.ساڭا پايدىلىقى ئۈزەڭنىڭ ئارزۇسى،ئېتىياجى ۋە ئۆلچىمىدۇر،ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئەمەس.سەن ئۈزەڭگە ۋە قىلغان ئىشڭغا مەسئۇل سەن،سەن ئۈزەڭ بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بۇلۇشۇڭ كېرەك››{4} دىگەن قاراشلارنى ئوترىغا قۇيۇپ كىشىلەرنىڭ ئۈزىنى بىلىشنىڭ،ئۈزىنى توغرا چۈشىنىشنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئوترىغا قۇيۇدۇ.ئۈزىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۈزىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ،ئۈزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولالايدىغانلىغىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنداقلا يەنە ھەرقانداق بىر نەرسىنى باشقىلارنىڭ تارازىسىدا ئۆلچىمەسلىكىنى بىزگە ئاگاھلاندۇرۇپ،بۇنىداق قىلغاندا خاتالىققا يول قويغان بولىدىغانلىغىمىزنى سەمىمىزگە سالىدۇ.

سەن ئۈزەڭ بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بول دىگەن بۇ ھۈكۈم بىزنىڭ چۇقۇم ئۆزىمىزگە ۋە ئەۋلات،مىللەتتكە مەسئۇل بۇلۇش مەجبۇريىتىمىزنىڭ بارلىغىنى ئەسكەرتىپ،ئادەمدەك ياشاش كېرەكلىگىنى، پايدىنى دەپ،ئۈزىگە يۈز كېلەلمەيدىغان شەرمەندىچىلىكتىن قەتتى ساقلىنىش لازىملىغىدىن ئىبارەت يۈكسەك ئەخلاقى ھەقىقەتنى كىشىلەرگە بىشارەت قىلغان.

بىز چۇقۇم ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆزىمىزنى كونتۇرۇل قىلىشىمىز،شۇ ئاساستا ئىشلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىغا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك.

2.سىز ئائىلىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئائىلە ۋە قانداشلىق مەسىلىسى ئىنسانلاردىكى قېرىداشلىق كاتاگۇرىيەسى ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە جۇشقۇن بىرلىك ھىساپلىنىدۇ.ئائىلىنىڭ قانداق شەكىلدە تەرەققى قىلىشى قانداشلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانداق سۈپەتتە سەھنىگە چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن سىز چۇقۇم جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجىيرىسى بولغان بۇ توپ(ئائىلە) ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،توغرا يەكۈن چىقىرىپ،ئائىلىڭىزنى ئىللىقلىقا چۈمدۈرەلىسىڭىز سىز ئىشلىرىڭىزنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىدىكى يەنە بىر مۇھۈم قەدەمنى باسقان بۇلۇسىز،سىز ئائىلىڭىزدە خەۋەردەر بۇلۇشقا تىگەشلىك ئىشلاردىن سىزدىن سىر بولىۋاتقان ئىشلاردىن تۇلۇق خەۋەر تېپىپ،ئائىلىگە قانداق دىياگۇنۇز قۇيۇشنى قولغا كەلتۈرمىسىڭىز سىزنىڭ بۇ ئائىلىڭىزدىن ئېغىر نوقسانلار چىقىشى مۇمكىن.

يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ‹‹قۇتاتغۇبىلىك›،دىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق يازىدۇ‹‹نەسىل،نەسەبكە ئەھمىيەت بىرىش قۇتاتغۇبىلىكتە قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن{5}بۇنىڭدىن ھەرقانداق بىر جەمەتنىڭ نەسلىگە ۋە نەسەبىگە ئەھمىيەت بىرىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى،ئائىلە ۋە ئاتا-ئانىنىڭ پەزىلىتىنىڭ دۇرۇس بۇلۇشنىڭ زۈرۈرلىەىنى كۈرىۋالالايمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىنىڭ پاكىز،نەسلى،نەسەبىنىڭ ساپ بۇلۇشى،شۇ ئاساستا جەمەتىنىڭ كەلگۈسىنى خەيرىلىك قىلىش يولىدا ئىزدىنىش كېرەك.چۈنكى ئائىلە پاسكىنا بولسا كەلگۇسىمىزدىكى ئىشلىرىمىز خەيرىلىك بولمايدۇ،ئائىلە مەينەت بولسا سىزنىڭ دىلىڭىزمۇ ئوخشاشلا پاسكىنىچىلىق ئىچىگە چىلانغان بۇلۇدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئائىلىمىزنى قاتتىق باشقۇرۇپ،تۇرلۇك ئەخلاقى-نىزام،ئىسلامىي قايدە-قانۇنىيەتلەرنى ئائىلە باشقۇرۇش ئەھكاملىرى سۈپىتىدە قۇلۇنۇپ،ئائىلىمىزنى پاسسىقلىقتىن ساقلاش ئۈچۈن تىرشىشىمىز كېرەك.ئائىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ ئائىلىنى خەيرىلىككە ئىرىشتۇرۇش كەلگۈسىمىزنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل.

3.پەرزەنتىلىرىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئادەم ئەۋلات قالدۇرۇش ئىختىدارىغا ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە قالدۇرغان ئەۋلاتلىرىنى قانداق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتىن ئىبارەت ھەم مۇشكۇل،ھەم تەخىرسىز بىر مەسئۇليەتنىمۇ ئۈستىگە ئالغان بۇلۇدۇ.بۇ ھۈكۈمدىن كىشىلەرنىڭ پەرزەنتىلىك بۇلۇشنى ئويلىغاندا ئۇنى تەربىلەش مەسىلىسىنى بىرگە ئويلىشىنىڭ مۇھىملىغىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى يۇرۇق قىلىمەن دەيدىكەن ئۇنى بېقىش،تەربىلەش مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنىڭ بىر ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.

بىز پەرزەنتىلىرىمىز ئۈستىدە ئويلانغاندا ئۇنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى،بىلىم قۇرۇلمىسى،ئادىمىيلىك نىزامى ۋە كەلگۈسىدە ئادەمدەك ياشاش ئىختىدارى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئەخاقى-پەزىلىتى دىگەندە ئۇنىڭ ئائىلە،جەمىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش دەرجىسى ۋە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش،ھالال ياشاش ئىقدىدارى قاتارلىقلار جەھەتتىن ئويلىنىپ،بالىنىڭ ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سېلىش لازىم.ئابدىللا ئەۋلانىي ئۈزىنىڭ ‹‹ئەدەپنامە››گە كىرگۈزۈلگەن‹‹تۈركىي گۈلۈستان ياخود ئەخلاق››دىگەن ماقالىسىدە‹‹ئىنسانلارغا زور شەرەپ،يۈكسەك دەرىجە بەرگۈچى_ئەخلەق تەربىيەسىدۇر.بىز ئالدىنقى سەھىپىدە تەربىيە بىلەن دەرس ئوترىسىدا پەرىق بار،دىدۇق.چۈنكى،دەرس ئالغۇچى_بىلگۈچى،تەربىيە ئالغۇچى_ئەمەل قىلغۇچۇدۇر››{6}دەپ يالغۇز مەكتەپلەر تەربىيەسىگە تايىنىپلا پەرزەنتىلەرنىڭ ئەخلاقى تەربىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىغىنى ،شۇنىڭ ئۈچۈن،ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەخلاقى تەربىيەسى بۇيۇچە تەربىلىشىنىڭ زۇرۈرلىگىنى ئوترىغا قۇيۇدۇ.

بىلىم قۇرۇلمىسى پەرزەنتىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشتىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى،بىلىم قۇرۇلمىمۇ مەلۇم نىسپەتتە ئادەمنىڭ ئىنۋىرسال ساپاسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈدۇ،ھەم،ئۇنىڭ قابۇليىتىنى يىتىشتۈرۈدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇمۇ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئويلىنىشىمىز زۈرۈر بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.شەمسۇلمائالى قابۇس ‹‹قابۇسنامە››دىگەن مەشھۇر پىندى-نەسىھەت ھەققىدىكى ئەسىردە بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىغى ھەققىدە توختۇلۇپ ‹‹ھەي ئوغۇل،‹ھۈنەر› دىگىنىمىز دۇكاندا ئولتۇرۇپ ئالماق ساتماق بىلەن مەشغۇل بۇلۇش ئەمەس،ئادەمنىڭ تۇرمۇش مەشغۇلاتى---ھاياتىغا زۈرۈر ئىشلار ‹ھۈنەر›دىيىلىدۇ.مەيلى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ۋە ئاخرەت ئىشلىرى ئۈچۈن بولسۇن،ھەممىسى ھۈنەر دىيىلىدۇ.قۇلۇڭدىكى ئىشلىرىڭىنى ياخشى ئۈگەنگىن،ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولىسەن.ئادەم ئىلىم ھۈنەردە ئۇستازىغا ۋە ئۇستازىنىڭ تەربىيەسىگە مۇھتاچ بۇلۇدۇ.ئىلىم ھۈنەر ئۈگەنگەندىن كىيىن غايەڭنى ئىشقا ئاشۇرالايسەن،...ئىلىم،ھۈنىرىڭىنى تەكەممۇللاشتۇرۇشقا تىرىشقىن،ئىلىم-ھۈنەر بەك كۆپتۇر››{7} دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.بىز بۇنىڭدىن ئىلىم-ھۈنەرنىڭ ئادەمنىڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم شەرتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىگىنى،شۇنداقلا ئىلىم-ھۈنەرنى مەڭگۈ ئۈگىنىشنىڭ زۈرۈرلىگىنى كۈرۈپ ئالالايمىز.مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ پەرزەنتىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر.

پەرزەنت تەربىيەسىدە يەنە ئۇلارغا مۇستىقىل ياشاش شارايىتىنى ھازىرلاپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.بۇ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ياشاش ئىقدىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بۇلۇپ،ئۇلارنى باتۇر،قەيسەر،مەسىلىگە يۇلۇققاندا كەسكىن تەبىر قولىنالايدىغان قىلىپ يىتىشتۇرۇدۇ.مۇستىقىل ياشاش ئېڭى كۈچلۈك پەرزەنتىلەر كىيىنكى چاغدا باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالمايدۇ.

يەنە پەرزەنتىلەرگە مىللى ئەنئەنە،مىللى خاسلىق تەربىيەسىنى بىرىپ،ئۇلارنى ئەجداتىغا تىۋىنىدىغان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەشكە تىرشىشىمىز لازىم.

يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا پەرزەنتنى قانداق تەربىلەش ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،توغرا تەربىلەش ئۇسۇلىنى تېپىشمۇ كەلگۈسىمىزنىڭ خەيرىلىك بۇلۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى چۈشۈنۋالالايمىز.

4.ئىقدىسادى مەنبەئىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

ئىقدىسادى مەنبە ئۈستىدە ئويلىنىش،مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشماي قارىسىغا ھەركەت قىلغاندا ئائىلە ئىقدىسادى ۋەيران بۇلۇپ،ئائىلە زاۋانلىققا يۈز تۇتۇدۇ.بۇ مەسىلىنى ئۈزىنى نورمال ھىساپلايدىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئويلىنىپ كۆرىشى كېرەك.

كىشىلەرنىڭ ئىقدىسادى مەنبىئىنىڭ كىلىش يوللىرى ئوخشاش ئەمەس.كىلىش مەنبەسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىغى كىرىمنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى شەكىللەندۇرۇپ،ئائىلىنىڭ ئىقدىسادى ئەھۋالىنى بەلگىلىگەن.بىز مۇشۇ ئازغىنە كىرىمنى قانداق تەقسىملەش ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا بىز يەنە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار،بىئىتبار بۇلۇپ قالىمىز.

سىز ئىقدىسادى جەھەتتىكى كۈتۈرۈش كۈچىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي ،قالايمىقان پۇل چىقىم قىلسىڭىز،بۇ چىقىم سىزنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىڭىزدىن زور دېرىجىدە ئېشىپ كەتسە،سىز قانداق قىلىسىز؟ بالىلىرىڭىز قانداق قىلىدۇ؟(قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىڭىز)،بۇ بىر مەسىلە.

سىز جازانىخورغا قەرزى بولغانلارنى كورگەنمۇ؟ مەن كۆرگەن.جازانىخور پۇلۇمنى بەر بولمىسا خۇتۇنىڭنى ئېلىپ كېتىپ،ئەتە قايتۇرۇپ بېرەي،بۇ پۇلۇمنىڭ ئۆسىمى بولسۇن دىگەندە يەرگە قاراپ ،پۇشۇلداپ ئولتاغان ئەرنى كۆرگەنمۇ؟ بۇنى جەمىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كۆرگەن.ئەرلىكى دەپسەندە بۇلۇپ ،خۇتۇنى خورلۇققا ئۇچرىغاندا،كالىدەك قاراپ تۇرۇشتىكى سەۋەپ نىمە؟ ئەلبەتتە ئۈزىنىڭ ئىقدىسادى كىرىم مەنبەسى بىلەن ھىساپلاشماي پۇل چىقىم قىلغانلىق.ئەسلى سىز شۇنداق ئەرمىدىڭىز؟!...

يۇقارقىلار ئادەمگە ئازاپ ئېلىپ كېلىدۇ،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۈزىنىڭ ‹‹ ئۆزىمىزنى ئىتىراپ قىلايلى›› دىگەن ماقالىسىدا ئازاپ توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ ‹‹دائىملىق ئازاپ،خاپىلىق ئەقىل تەرەقىيادىنى بوغۇپ ،دۆتلەشتۈرىۋاتىدۇ.ئادەمنى ئىنسانىي ھىسىيات- تۇيغىدىن مەھرۇم قىلىپ،خار-بىئىتىبار ئادىمىي ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇدۇ››{8}.بۇ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز.قالايمىقان چىقىم قىلىپ،جازانىخورغا تۇتۇلۇپ،ھالال جۈپتىنى دەپسەندە قىلسا قاراپ تۇرغان ئادەم ئادىمىي ھايۋان بولماي نىمە؟

بىز ئىقدىسات باشقۇرۇشنى ئۈگىنەيلى،ھالال ئىشلەپ تاپقان ئىقدىسادىمىزنى پاسكىنا ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلمايلى،بۇ ئىقدىساتنىڭ سىزگە ئىنتايىن زۈرۈر بولىدىغان چاغلىرى كېلىدۇ.ئاشۇ زۈرۈر ئورۇنغا ئىقدىسادىڭىزنى سەرىپ قىلىپ،كىشىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشەلىسىڭىز سىزدىن ھەممە رازى بۇلۇدۇ.سىز بۇزۇپ چېچىۋاتقاندا،ئەتراپىڭىزدىكى بىر موچەننىمۇ قوقماي چىقىم قىلالمايۋاتقانلارنى ئويلاڭ!

بۇ تاپقىنىڭىزنى خەجلىمەڭ دىگەنلىك ئەمەس،ئەمىليىتىڭىزگە قاراپ سەرىپ قىلىڭ دىگەنلىك.

ئىقدىسادى ئامىللار ئىچىدە يەنە ئىگىلىك تىكلەش،راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ.ئىگىلىك تىكلەپ ياخشى باشقۇرۇش بىر تەرەپتىن ئائىلىنىڭ ئىقدىسادى مەنبەسىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ كاپالەتكە ئىگە قىلسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنى تىنىمسىز ئىزدىنىشكە ئېلىپ بېرىپ،ئادەمگە ئېقىل ئاتا قىلىدۇ.

بىز ئىگىلىك تىكلەش ئىشىنى قۇيۇپ تۇرۇپ،ئاتىسىدىن قالغان ئازغىنە ئىگىلىكنى سېتىپ يەپ،يىگىلى بىر نەرسە يوق نۇمۇسلۇق ئىشلارنى ھالال قاتارىدا ساناپ،كۆڭلى چىۋىن يىۋالغانچىلىكمۇ بولماي ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى مىسالغا ئالساق،ئىگىلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىغىنى ھىسى قىلىمىز.

سىز ھالال جۇپتىنى مېھمانكۈتۈشكە مىھمانسارايلارغا ئاپىرىپ قۇيۇپ،ئەتىسى ھىچ ئىش بولمىغاندەك،مىھمانسارايدىن ئايالىنى ئېلىپ كەتكەن ئەرلەرنى كۆرگىنىڭىزدە نىمىلەرنى ئويلايسىز؟

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىقدىسادى مەسىلىدە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرشىشىمىز،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغاندىمۇ قۇلىمىزدىكى ئىگىلىكىمىزنى راۋرۇس باشقۇرۇشنى ئۈگىنىپ،باشقىلارغا ئازغىنە پۇل ئۈچۈن ئۆتۈنۈپ بىرىۋەتمەسلىكىمىز لازىم.

ئىقدىسادى مەنبەلىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ،ئۇنى مۇۋاپىق باشقۇرۇشىنى بىلىشىمىزمۇ بىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ خەيرىلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

5.سىز جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائى مۇھىتىغا قانداق قارايسىز؟

جەمىيەتنىڭ ئىجدىمائى مۇھىتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى ئادىمىلىك سۇسلىشىپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرىۋاتىمىز.بۇ نوقتىدا نۇرغۇن بەس مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ.جەمىيەت ئەخلاقىنىڭ بۇزىلۋاتقانلىغىنى بەزىلەر زاماننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىدۇ دەپ قارىسا،بەزىلەر چەتئەلنىڭ مەدىنىيەتىنىڭ تەسىرى دەپ قارىدى.نىمىلا دىگەن بىلەن ئىجدىمائى ئەخلاقنىڭ بۇزىلىشىغا ئەگىشىپ،ئادىمىيلىك سۇسلۇشۇپ،كىشىلەر ئارىسىدىكى مىھرى-مۇھابەت مەنپەت ئۈستىگە قۇرۇلۇشتەك رىياللىق شەكىللەندى.

ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلە ئىقدىساتنىڭ ھەل قىلغۇچ رۇلىدىن ئىبارەت بولدى.ياشاش ئىمكانىيەتنى يارتىش ئۈچۈن كىشىلەر قۇلىدىن كېلىدىغان ۋاستىلارنىڭ ھەممىسىنى قوللۇنۇپ،نىمىنىڭ نۇمۇس،نىمىنىڭ گۈزەللىك ئىكەنلىگى بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمىدى.بۇ ئىشلار ھەممە ئادەمگە ئۆمسە(يات.غەلىتە) كۈرۈندى.ھەممە ئادەم بۇ ئىشلاردىن غەزەپلەنگەندەك بولدى بىراق ھەمىسى بۇنداق غەلىتە ئىشلاردىن نېرى تۇرمىدى.

مەسىلەن:تىنىنى سېتىۋاتقانلار بىر-بىرىنى بۇزۇق دەپ تىللىسا،باشقىلارنىڭكىنى يىمەسلىكىنى تەشەبۇس قىلىۋاتقانلار،بۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى....بىلىپ تۇرۇپ،بىلمەسكە، كۇرۇپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشتەك ئىشلار يامراپ كەتتى.

يۇقارقى ھال مىللىتىمىز كىشىلىرىگىمۇ ئوبدانلا تەسىر كۆرسەتتى.بۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىز كىشىلىرى ئىچىدىمۇ،گۇناھ ئەرلەردە ئاياللارنى باشقۇرمىدى،گۇناھ ئاياللاردا مەيدىسىنى ئېچىپ يۇرۋاتىدۇ،دەيدىغان قېيىداش پىسخىكىسى پەيدا بۇلۇپ،ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوترىسىدا گۇنەھنى ئىتتىرىشىدىغان ئەھۋاللار مۇنازىرە شەكىلىنى ئالغان ھالدا داۋاملاشتى.لىكىن ئىككىلا تەرەپ بۇ ئىشلارنى بوينىغا ئالمىدى؟سىز مۇشۇ ئىجدىمائى رىياللىق ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟سىز مۇشۇ ئىشلاردىكى مەسئۇليىتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟

بىر جۇملە سۆز بىلەن ئېيتىساق مەسىلىنىڭ مەيدانغا كىلىش سەۋەپلىرى نۇرغۇن بولسىمۇ،تىگى-تەكتىدىن قارىغاندا گۇناھ ئۆزىمىزدە.سىز قىزىڭىزنىڭ ئانىسى،قىزىڭىزنىڭ دادىسى سىز قىزىڭىزغا كىچىكىدىن قانچىلىك ئەئەنە تەربىيەسى سىڭدۈرۈلەدىڭىز؟قىزىڭىز مەيدىسىنى ئېچىۋېلىپ ئالدىڭىزدىن ئوتكەندە سىز نىمىشقا كۆرمەيسىز؟ئوغلىڭىز نەچچە كۈن ئويگە كەلمىسە سىز قانچە قېتىم ئۇنى ئىزدەپ ئاتا-ئانىلارچە مىھرىبانلىق قىلدىڭىز،ئاتا-بالا ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى قانچىلىك بىلدۈردىڭىز؟سىز بۇلارغا ئەنئەنەۋى ئادەت تەربىيەسىنى قاچاندىن باشلاپ بېرىۋاتىسىز؟

يۇقارقىلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ چۈشىنىدىغان بولساق بىز مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى  چۈشىنىپ يېتىمىز.بىزنىڭ مەسئۇليەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى سادىر بولىۋاتقان نۇرغۇن گۇناھلارنى كۆرۈپ يەتەلەيمىز.بىز ئەئەنە تەربىيەسى،ئادەت تەربىيەسى بىرىشتە بەك كىچىكىپ كەتتۇق،بىراق،ھازىردىن باشلاپ تەربىيە بىرىشنى باشلىساقمۇ يەنىلا كىچىككەن بولمايمىز.

ئەنئەنە تەربىيەسى،ئادەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى سىز بىلەمسىز؟ناتايىن...

جەمىيەت مۇھىتىنى توغرا چۈشۈنۈپ،ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلۇنۇپ،تەربىيەنى ھازىردىن باشلاپ بىرىشنى بىلسەكمۇ ،بىز كەلگۈسىمىزنىڭ خەيرىلىك بۇلىشى ئۈچۈن دادىل قەدەم ئالغان بۇلىمىز،تەقدىرىمىز تەبىرىمىزگە باغلىق!

 

پايدىلانغان ماتىرياللار:

1.{1}{2} رۇمى ھىكىمەتلىرى‹‹ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر››شىنجاڭ خەلق سەھيە نەشىرياتى 9-بەت

2.{3}‹‹قۇرئانىدىكى قىسئەلەر››شىنجاڭ خېلىق نەشىريات 2-بەت.

3.{4}‹‹ئۈزەڭدىن ھېيىقىدىغان بول››،يۈسۈف كىرىشنىر،شىنجاڭ خەلق سەھيە نەشىرياتى 15-بەت

4.{5}يارمۇھەمەد تاھىر تۇغلۇق ‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى›› شىنجاڭ ئىنۋىرسىتىتى نەشىرياتى 26-بەت

5.{6} ‹‹ئەدەپنەمە›› شىنجاڭ خېلىق نەشىرياتى 155-بەت.

6.{7} شەمسۇلمائالى قابۇس ‹‹قابۇسنامە›› قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 117-بەت.

7.{8} ئەختەم ئۆمەر ‹‹ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى›› شىنجاڭ خېلق نەشىرياتى 97-بەت.

 

(ئىجادىيەت)

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئاقىل ئۆزىنى ئاي

UID
11156
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
651
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 20:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ، گۇناھ ئۆزىمىزدە . بىزدەئىللىتىمىزنى بايقىيالايدىغان كۆز بار، ئىللەتنى تۈزىتىدىغان ھەركەت يوق. مېنىڭچە بايقىغان ئەمەس، بەلكى ھەركەتكە ئۆتكىنى ئەڭ باتۇرغۇ دەيمەن؟!
  بىز تەرەققىيەتتىن نۇرغۇن ئىلغار نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق، بۇ ئىلغار نەرسىلەر بىزنىڭ روھىمىزنى چۈشكۈنلەشتۇرىۋاتىدۇ. خوتۇن-قىزلىرىمىزدا ئاياللىق لاتاپەت، نازاكەت، شەرمىي- ھايا كېمىيىۋاتىدۇ. يىگىتلىرىمىزدە، ئەرلىرىمىزدە ئەرلىك جاسارەت،مەردانىلىق كېمىيىۋاتىدۇ.
   قىسقىسى، خوتۇنلىرىمىز كوچىلاردا تېنەپ-تەمتىرەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ، ئەرلىرىمىز بۇلۇڭ-بۇلۇڭلاردا ئەيىش-ئىشرەت،كەيپ-ساپا بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ۋىجدانىي قەرزلەرنى زىممىسىگە ئۆمۈرلۈك يۈك قىلىپ ئارتماقتا. ئەلۋەتتە، بۇ ھەممە ئەر-ئاياللارغا قارىتىلغان ئەمەس.
  ئەي،يىگىتلەر،قىزلار: ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممەڭلارغا ئېلىشتىن باش تارتماڭلار!

ئۆزىنى سۆيگەن باشقىلارنى سۆيەلەيدۇ.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 21:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kunbek
ئەي،يىگىتلەر،قىزلار: ۋىجدانىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممەڭلارغا ئېلىشتىن باش تارتماڭلار!
بۇ چاقىرىقىڭىزدىن سۈيۈندۈم.
سالامەت بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 19:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ تۇردى توختى ئەپەندى .سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىكى تەشەببۇسلارغا قارشى ئەمەسمەن .بىراق مەن ئاشۇ يارمۇھەممەت ئاكا ھەم سىزنىڭ  كۆڭلۈڭىزدىكىنى چۈشەنمەيمەن ئەمەس ،بەلكى ناھايىتى ياخشى چۈشىنمەن .بىز ياشلارغا بۇنداق ئۇزۇندىن-ئۇزۇن نەسىھەتلەر كېرەك ئەمەس .راستىنلا كېرەك ئەمەس .بۇ قۇرۇق ۋەزخانلىقتىن باشقا ھېچىنمە ئەمەس .بىز ياشلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغىنى قۇرۇق نەسھەتلەر ئەمەس .بىز نېمنى قوبۇل قىلىمىز ھەم بۇ بىزنىڭ تاللىشىمىز .
  چۈنكى سىلەر ياشىغان دەۋىر بىلەن ھازىرقى دەۋىر ئوخشىمايدۇ .بىزنىڭ ئويلايدىغىنمىز يەنە باشقا .چۈنكى سىلەر باشتىن كەچۈرگەن ياشلىق بىلەن ھازىر بىز باشتىن كەچۈرىۋاتقان ياشلىق چاغ ئوخشىمايدۇ .
  بىزگە كونكىرىت ھەم بىزنى قايىل قىلالايدىغان نەرسىلەر كېرەك .
ئالدىراش بولۇپ قېلىپ چىقىپ كەتتىم .بۇ يەردە ھەرگىز سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىزگە سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن .ھەم سۆزلىرىمنى كونكرىت قىلالمىدىم .مېنىڭ ھەم سىزگە قىلچە يامان نېيتىم يوق .ياكى بىر كىچىك شۇم ساقالغا ئېسلدى دەپ قويارسىز .

UID
7028
يازما
105
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3239
تىزىملاتقان
2010-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 21:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنت تەربىيەسىدە يەنە ئۇلارغا مۇستىقىل ياشاش شارايىتىنى ھازىرلاپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم.بۇ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ياشاش ئىقدىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بۇلۇپ،ئۇلارنى باتۇر،قەيسەر،مەسىلىگە يۇلۇققاندا كەسكىن تەبىر قولىنالايدىغان قىلىپ يىتىشتۇرۇدۇ.مۇستىقىل ياشاش ئېڭى كۈچلۈك پەرزەنتىلەر كىيىنكى چاغدا باشقىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالمايدۇ.

يەنە پەرزەنتىلەرگە مىللى ئەنئەنە،مىللى خاسلىق تەربىيەسىنى بىرىپ،ئۇلارنى ئەجداتىغا تىۋىنىدىغان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەشكە تىرشىشىمىز لازىم.[s:3][s:3][s:3][s:3][s:3][s:3][s:3][s:3]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 23:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taldi
سىزنىڭ نىمىگە ئىنتىزار بولىۋاتقىنىڭىزنى بىلمىسەممۇ،لىكىن ھازىرقى ياشلىرىمىزغا ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن،سىز قۇرۇق گەپ سېتىشلارغا ئۆچ ئىكەنسىز،مىنىڭچە كۆپچىلىك كىشىلەر سىزدەك قاراشتا،لىكىن سىز ياشلارنى ۋە ھەر قاتلام كىشىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېقىپ،بۇ قۇرۇق گەپلەرگە رەددىيە بەرسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز،ياشىغان دەۋرىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ،لىكىن نىمىنىڭ گۈزەللىك،نىمىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئۆزگەرمىدى.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
10930
يازما
111
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2631
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 00:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ تۇردى توختى ئاكا
  مەن قىزىققانلىق بىلەن سىزنىڭ ماقالىڭىز نى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن .ئەلكۈيىدە سىزنىڭ تېتىملىق ئەسەرلىڭىزنى ۋە ئېنكاسىلىرىڭىزنى كۆپ ئوقۇغانمەن.مەن بۇ يەردە سىزگە رەددىيە بەرمەكچى ئەمەس .مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشىنشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .بەلكىم بىر ھاياجانلىق تۇيغۇدا يەڭگىلتەكلىك قىلغاندىمەن.مەقستىم ھەرگىز سىزگە رەددىيە بېرىش ئەمەس ،لېكىن مېنىڭ نۇرغۇن پېشقەدەملەرگە دەيدىغان سۆزۈم بار ئېدى .ئەپسۇس ،سىزنىڭ تېمىڭىزغا قسىتۇرۇلۇپ قالدىم ئەيبىكە بۇيرۇماڭ ئاكا .بىز ياشلار دۆت ئەمەس نېمىگە قانداق باھا بېرىشنى ۋە قانداق قوبۇل قىلىشنى بىلمىز .بۇ ھەرگىز سىزگە دېگەن سۆز ئەمەس .
  ئامان بولۇڭ ئاكا .

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 02:29:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
taldi
مەن سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن،بىراق ۋاز كەچمەيدىغاندىن چۇقۇم ۋاز كەچمەسلىك كېرەك دەپ قارايمەن.
سىزمۇ پىكىرىمنى توغرا چۇشىنەرسىز.
ئامان بۇلۇڭ!

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
229 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 17:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار،ماقالىنىڭ خىتىنى سەل چوڭايتىپ قويغان بولساڭلار،ئۇقۇماق بەك كىيىن بولۇپ كېلىۋاتىدۇ،سىلەرنى ئاۋارا قىلىدىغان بولدۇم.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
18606
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 19:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش