كۆرۈش: 9587|ئىنكاس: 17

بالىڭىزنى تونۇشتۇرامسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

ياخشى نىيەت جاھا

UID
10508
يازما
5
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 19:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىڭىزنى تونۇشتۇرامسىز ؟

 

سۇ

 

بەزى ئاتا - ئانىلاردا مېھماندارچىلىقتا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئادەت بار. مېھمان كەلگەندە ياكى مېھماندارچىلىققا بارغاندا بولسۇن چوڭلار بىلەن بىللە پەرزەنتلەرنىمۇ تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن پەرزەنتلەر ئەدەب بىلەن مېھمانلارغا سالام بېرىدۇ ۋە ئەھۋال سورايدۇ، چوڭلارمۇ لايىقىدا ئىززەت – ئېھتىرام قىلىشىدۇ . كىچىك مېھمانلارمۇ بىر – بىرىدىن ھال – ئەھۋال سورىشىدۇ. بۇ جەريان ناھايتى تەبىئىي ۋە يېقىملىق.

يەنە نۇرغۇن ئاتا – ئانىلاردا پەرزەنتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ئادەت يوق. بۇ ئۇلارنىڭ بالا كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ، مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن مېھمانلار كەلگەندە بالىلار پەقەت بىر چەتتە بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلەلمەيدۇ. پەقەت چوڭلارنىڭ سۆزىنى « كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچى » بولىدۇ، تېخىمۇ نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار مۇنداق بۇيرۇق قىلىدۇ: « بالام سىرتقا چىقىپ بىرەم ئويناپ كىر، مېھمانغا دەخلى قىلما » ياكى « ھوجراڭغا كىرىپ دەرسىڭنى تەكرارلا » مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن بالىلار تاكى مېھمانلار كەتكىچە مېھمانخانىغا ئاياغ باسالمايدۇ. كىچىك مېھمانلارمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي بىر خىل ئەپسىز ، كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا ئولتۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ ھەم بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ھېس قىلىدۇ.

 ئائىلە تەربىيىسىدە پەرزەنتلىرىنى مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇش كىچىك ئىش ئەمەس . بالىلارنى مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇش ئائىلە تەربىيىسىدىكى بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنىڭ بىرى.

بالىلارنى مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇش بولسا بالىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ ئارقىلىق بالىلارغا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغىمۇ پايدىلىق. بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئالاقە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشتە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.بۇ جەريانىدا بالىلار كىشىلەر ئارىسىدىكى يېقىنلىق، دوستلۇق، كۆيۈمچانلىق ۋە ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەتنى بىۋاستە ھېس قىلالايدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسا ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرسا، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسا بالىلارنىڭ غۇرۇرى، ئىززەت – ئابروي تۇيغۇسى، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق. تونۇشتۇرۇش جەريانىدا بالىلارغا تەبىئىي ھالدا قائىدە – يوسۇن تەربىيىسى سىڭىدۇ.

تونۇشتۇرۇش - بالىلارنىڭ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق. ياخشى تۇرمۇش ئادىتى بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشدىكى مۇھىم ھالقا. ئالايلۇق، پەرزەنتلەرنى تونۇشتۇرغاندا باشقىلار بىلەن دوستلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ دوستى بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر. دوستلۇق - بالىلاردا سەمىمىيلىك بىلەن ئاقكۆڭۈللۈك پەزىلىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. دوستلۇق ساداقەتمەنلىكنى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بالىلار دوستلىرىغا سەمىمىيەتسىزلىك ۋە ساداقەتسىزلىك قىلىشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەيىپ، نومۇس، دوستلۇققا ھاقارەت كەلتۈرۈش دەپ قارىغاچقا ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. دوستلۇق بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى، باشقىلارغا ئىشىنىشى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ھەقىقىي دوستلۇق ھاياتقا نىسبەتەن تەلەپچان ئادەملەرنى يېتىلدۈرىدۇ. دوستلۇق ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي – پەزىلەت جەھەتتە تاكاممۇللىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. چۈنكى بىر ئادەم نامۇۋاپىق ئىش قىلىپ قويسا، ھەر قانداق ئادەمدىن كۆرە دوستىدىن نومۇس قىلىدۇ. قەلىب سىرىنىمۇ دوستىغا تۆكىدۇ ، دوستلىرىنىڭ باھاسى ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلىرىنى تۈزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. دوستلۇق كىشىلەرنى ھالال ياشاشقا ئادەتلەندۈرىدۇ. دوستلۇق پەرزەنتلەرگە ھەر تەرەپتىن كەلگەن روھىي بېسىملاردىن ئازات قىلىىپ، يالغۇزسىراش، زېرىكىش ھېسسىياتىغا جۇشقۇنلۇق بېغىشلايدۇ، ياخشى ئادەتلەر ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىپ، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئادەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە مۇۋەپپەقىيەتكە باشلايدۇ. ناۋادا بالىلارنىڭ دوستى بولمىسا يالغۇزلۇقنى خالاش، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق، باشقىلار بىلەن چىقىشالماسلىق، ئۆزىدىن بىزار بولۇش قاتارلىق پسىخىك توسالغۇلار پەيدا بولۇپ، بالىلارنىڭ خارەكتىرىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرىستىدۇ.

تونۇشتۇرۇش بالىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئامېرىكا پسىخولوگىيە ئالىمى ماسلوۋنىڭ ئېھتىياج قاتلام نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندىمۇ بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى (  ئۈچىنچى– قەۋەت ) ۋە ھۆرمەتلىنىش ئېھتىياجى ( تۆتىنچى قەۋەت ) قانىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ كەيپىياتى چاغ ، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مېھماندارچىلىق كوللىكتىپ پائالىيەت بولۇپ مول تەربىيىلەش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. بۇ ئارقىلىق بەزى يالغۇز پەرزەنتلەردە كۆرۈلىدىغان چەتنەش، ياتلىشىش، شەخسىيەتچىلىك، ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىق، ئوقۇشتىن زېرىكىش قاتارلىق پسىخىك توسالغۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ۋە تۈگىتىپ، ئۆز – ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەرزەنتلەر بىلەن مېھمانلارنىڭ يۇشۇرۇن تەسىرىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

 تونۇشتۇرۇش جەريانىدا مېھمانمۇ، ساھىبخانمۇ بالىلارغا نىسبەتەن ھېسسىيات قىزغىن ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ مۇلايىم بولۇشىغا دىققەت قىلىش، پەرزەنتلەر بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە ئورتاقىلىشىش كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا ياسىغان ئويۇنچۇقلىرى، سىزغان رەسىملىرى، يازغان ماقالىلىرى، ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرى ۋە ئېرىشكەن باھانامىلىرىنى كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش سۆزىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق ئاڭلاشقا دىققەت قىلىش، ھەر قانداق ئورۇندا پەرزەنتلەرنىڭ تۈرلۈك ئىچكى تەسىراتىنى چۈشىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتىكى ماسلىقنى، يېقىنلىقنى ئىپادىلەش كېرەك. پەرزەنتلەرگە چوڭلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە باھا بەرمەسلىك، سالماق پوزىتسىيىدە تۇرۇپ ئىلھام بېرىش كېرەك.

 

بىلىم ، پاراسەت ، تەجرىبە - ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۈچ پۇتى .
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-5-15 22:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ئەسلى.
مەن كىچىك چاغلىرىمدا بوۋا-مومام بىلەن بىللە كۆپرەك تۇرغاچقىمىكىن، دادام-ئاپامنىڭ دوستلىرىنى بەك بىلىپ كەتمەيتتىم. بىللە بولدۇم دېگەن تەغدىردىمۇ تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇشقا بەك ئېتبار بەرمىگەن چېغى، خېلى بىر چاغلارغىچىلا كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمەي يۈرگەن ئىدىم. خېلى چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاندىن «ۋاي بۇ ئۆزلەنىڭ قىزلىرىمۇ؟» دېگەن گەپلەر قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان بولدى، مەنمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تونۇشقا باشلىدىم دېسەم بولار. ئاجايىپ بىر ياۋايى ۋاقتلىرىم بولغانىكەن، ئۆيگە بىرى دادام-ئاپامنى ئىزدەپ كەلسە بوسوغۇدىنلا قايتۇرۋەتكىلى قىل قالىدىغان ئۆيدە دادام-ئاپام يوقتى، دەپ تۇرىۋېلىپ. ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ.

شۇڭا ئويلاپ قالدىم، بالىلارنى كىچىك ۋاقتلىرىدىن باشلاپلا باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق سالام-سائەت قىلىش، باشقىلارنى تونۇشتۇرۇش ھەم پەرزەنتى ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش بېرىشلەر تولىمۇ مۇھىمكەن. بولمىسا بالىدا بىرخىل ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلالمايدىغان، كۆپ ئادەم بار يەردە ئەركىن بولالمايدىغان، مىللىي ئۆرپ-ئادەتتىن يىراقراق يۈرۈيدىغان...دەك ئالامەتلەر يىتىلىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

ئەھمىيەتلىك تېمىكەن.

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
5782
يازما
75
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2446
تىزىملاتقان
2010-9-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 01:35:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باللىرىمنى كىچىكىدىن ئويگە كەلگەن مىھمانلارغا تۇنۇشتۇراتتىم . مانا ھازىر تەبىيلا ئويگە مېھمان كەلسە يىتىرقىماستىن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بىرىپ كىرىدۇ  ، مەن يوق چاغلاردا مېھمان كەپ قالسا شۇنچىلىك كۇتۇپ كىتىدۇ  ، مېھمانلارنىڭمۇ شۇنچىلىك  زوقى كىلىدۇ  ، شۇڭا ئۇزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئۇقۇسىمۇ ئۇيدە بىر ئېغىزمۇ خەنزۇچە سوزلىمەيدۇ . بۇ كىچىكىدىن ئۇگۇتۇشكە باغلىقمىكىن دەيمەن ،  بۇ تىمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ، مۇشۇنداق بالىلارنى تەربىيلەيدىغان تىمىلارغا بەك قىزىقىمەن . زەم - زەم  تامچىلىرىڭىز بىز ئاتا - ئانىلار ئۇچۇن ئۇزۇلمىگەي .

UID
11240
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
432
تىزىملاتقان
2011-5-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 07:24:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى ،باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىش ناھايىتى مۇھىم.ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ! تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ

UID
11147
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
752
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 08:51:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندە ياخشى بىر تىما كۈرگەنلىگىمدىن خۇرسەنمەن.
بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تەربىيەلەشنىڭ رولى كۈچلۈكتۈر.

سېۋېر قىلىش مۇھىمدۇر

دەلىللەنگەن ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1341
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43075
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-16 11:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەخمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،،،،،تېمىدا دېيىلگەن سۆزلەر بەكلا ئۇرۇنلۇق ،،،بالىلارنى ياۋايى قىلماي ،خوش -پىل ،ئۇچۇق-يۇرۇق تەربىلەيلى دېسەك ،،ھەرقاندەق سورۇندا تۇنۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىن ئىش يوق ئا

UID
7205
يازما
59
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1859
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 16:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلسام بولغىدەك !!

ھايات ھەقىقىتى ............ كىشى مىنى كىشى دىسە ، كىشى بىلەن پىشار ئېشىم . كىشى مىنى كىشى دىمىسە ، كىشى بىلەن نىمە ئىشىم ..................

UID
11282
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
929
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-18 18:11:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مەن ھازىرغىچە ئويلاپ باقمىغان بىر گەپ ئوتتۇرىغا چىقتى، مەن ئەزەلدىن بالىنى مىھمانلارغا تۇنۇشتۇرۇش كېرەكمۇ قانداق دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، قايسى كۈنى بىر ئۇقۇغان بۇ تىمىنى، بۈگۈن مۇھىم يەرلىرىنى يەنە ئۇقۇدۇم، قارىغاندا بالىلارنى چوڭلارغا، مىھمانلارغا تۇنۇشتۇرۇش سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىش ئوخشايدۇ.

UID
10925
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
557
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 01:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تىما يوللاپسىز،بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانا ئويلاشقا تېگىشلىك مەسلىكەن.

ئزھار

UID
15234
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
863
تىزىملاتقان
2011-9-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 17:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت بۇ ئىشقا دىققەت قىلماپ تىكەنمەن ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلسام بولغىدەك ، مىنى ئويغاتقان بۇ تىمىڭىزغا رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش