تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: uyghurzade

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك  ئۇسۇلى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
195
تېما
28
نادىر
0
جۇغلانما
645
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-16
توردا
128 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 16:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنى كونكىرتنى سۆيۈش ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزنىڭ مىللى مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىدىغان ئىدىيە-ئاڭغا كىلىشى كېرەك. مىللى مەدەنىيەت خاسلىغى مەڭگۇلۇق قىممەتكە ئگە بۇلىدۇ. خاسلىق بولغاندىلا بازار، ئېھتىياج، ئىستىمال بۇلىدۇ. ئانا تىل تۈگۈمەس مەدەنىيەت خاسلىغى ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرنى كونكىرت سۆيۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى خۇددى ئانىسىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈشى كېرەك. چۈنكى، ئادەمنى ئانىسى  سۆزلەشنى ئۆگۈتۈپ  بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇدۇ.

UID
38882
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 23:51:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! قېرىنداشلار تۇنجى قىتىم يوللىغان ئىنكاستىن رەنجىمىگەيسىزلەر ...
ئۇيغۇرغا كەم بولغان ئىككى نەرسە : بىرى سۆيۈشنى بىلمەسلىك ( ئۇسۇلى توغرا بولماسلىق ) يەنە بىرى ئەپۇكار بولماسلىق ، باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئىنتايىن ئاز ئويلىنىش .

UID
22930
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
35
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-16
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 17:45:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1گە دىققەت قىلمايدىكەنمەن ،چۈنكى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان ،ئەمدى ئۆزۈمنى كۆندۈرسەم ،باشقىلارنىمۇ دەۋەت قىلسام بولغۇدەك

UID
39106
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-5-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-10
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 19:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ مىللەتنىڭ جان تۇمۇرى. تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى... قاتارلىق بۈيۈك ئالىملىرىمىز. قەشقەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر ئىلىنى، دۇنيانىڭ ئىلىم مەركەزىگە ئايلاندۇرغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرىشىدا، قاتتىق يېڭىلگەن ياپۇنلار ۋە گىرمانلارمۇ، مائارىپقا تاينىپ يەنىلا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا...
ئاللاھ خالىسا، بىز تىرىشساقلا ئاشۇ سەلتەنەتنى قايتا يارىتالايمىز.
چۇنكى بۇ سەلتەنەتنى، ئەجداتلىرىمىزمۇ ھەم يات ئەللەرمۇ يارىتالىغان.
شۇڭا ھەربىرىمىز مائارىپنىڭ كۈچىگە سەل قارىمايلى...

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 13:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ داۋامى يوقما؟ تور يۈزىدە ئۇيغۇرزادىنى كۆرمىگىلى بەك ئوزۇن بولۇپ كېتىپتۇ، مېنىڭچە چۈشكەن ئىنكاسلار بىلەن ئۇيغۇرزادىنىڭ ئۇيغۇرنى سۈيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، مۇنازىرىنىڭ خۇلاسىسىنى قىلىدىغان ۋاقىت بۇپ قاپتۇ، قېنى سىز ئۇيغۇرزادە، پىكرىڭىزنى يىغىنچاقلاڭ!!!!!!
-------------------------------------

قېرىندىشىم ئۇيغۇر زۇۋۋان، ئىنكاسىڭىزنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن.ئەپۇ قىلىڭ.

بۇ تېمىدا ئەمدى يىغقۇدەك گەپ يوق. دېيىلىدىغان گەپلەر بىرەر قۇر دېيىلىپ بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تور ئالدىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتىم بۇرۇنقىدەك جىق ئەمەس.

UID
24149
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 20:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى  قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛
ھەقىقەتەن ياخشى تېمىكەن

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 04:25:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئۇيغۇرزادە، ياخشىمۇسىز؟
     سىز ئۇيغۇرنى سۈيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، بۇ ھەقىقەتەن تېپىلغۇسىز ياخشى تېما بولۇپلا قالماي، بەلكى ياخشى باشلىنىش بولدى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىغا (شەخسەن مېنىڭ كۆز ئالدىمغىمۇ) يوغان بىر سۇئال بەلگىسىنى قويۇپ، ئۆزىنى ۋە ئۆز مىللىتىنى سۈيۈشنىڭ يۆنۈلىشىنى سىزىپ بەردىڭىز....... (بۇ ھەقتە سۆزلەپ كەلسەم گەپ ئۇزىراپ كەتكۈدەك).
     مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم («پىكرىڭىزنى يىغىنچاقلاڭ» دىگىنىمدىكى غەرىزىمنى دىمەكچى): سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىز بىلەن ئىنكاسلاردا چۈشكەن ياخشى پىكىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، رەسمى بىر  «ئۇيغۇرنى سۈيۈشنىڭ مانچە تۈرلۈك ئۇسۇلى» دىگەندەك بىر ئاخىرقى ياكۈن خارەكتىردىكى خۇلاسىنى يىغىنچاق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا قانداق بولار دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.
      مېنىڭ ئىنكاسىمغا يازغان ___ «بۇ تېمىدا ئەمدى يىغقۇدەك گەپ يوق. دېيىلىدىغان گەپلەر بىرەر قۇر دېيىلىپ بولدى» دىگەن ئىنكاسەن جاۋابىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ دىگىنىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى لايىق كۆردۈم، دىمىسىمۇ بۇ تېمىدا دېيىلىدىغان گەپلەر بىرەر قۇر دېيىلىپ بولدى، بۇ تېمىدا ئەمدى يىغقۇدەك گەپ قالماپتۇ!
       سىزگە رەھمەت، ئۇيغۇرزادە!!! ئوقۇشىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن!!!!

UID
42614
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-6-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 01:24:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن،

UID
43636
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 12:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي مۇنبەرگە دەھشەت تىمىلار يوللىنىپ كىتىپتىغۇ بۇرۇن نەدە بولغان بولغىتىم مۇشۇنداق تىمىلارنى ئۇقىماي. بەدەنلىرىم جىغىلداپ خۇددى ماڭا كۈچ قۇۋۋەت تۇلۇقلانغاندەك بولۇپ كەتتىم.

UID
43297
يازما
38
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
38
تىزىملاتقان
2012-7-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-17
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 15:55:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  « مەن ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مۇنداق قىلالايدىكەنمەن  ھىم مۇشۇ ئىشلار قولۇمدىن كېلىدىكەن :  ساپ ئانا تىلدا سۆزلىسەم بولىدىكەن ،  شارائىت يار بەرسە بالامنى ئۆز ئانا تىلدىكى سىنىپلارغا بەرسەم بولىدىكەن ، تېلىفۇن  نۇم ۇرلىرىنى ۋە يەر - جاي ناملىرىنى  ئۇيغۇرچە دىيەلەيدىكەنمەن ، نۇتۇقنى راۋان ، ھىسسىياتلىق سۆزلەشنى ، تىلنى جايىدا ئىشلىتىشنى ئۆگەنسەم بولىدىكەن ، بالامغا ئانا تىل تەربىيىسىنى  چىڭ تۇتسام بولىدىكەن ، بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشكەن . »

                   زۇلپىقار بارات ئۆزباش
                   شىنجاڭ مەدەنىيىتى  2009 . 3  - سان
                  « زىيالىيلارنىڭ كىملىك ۋە رولى ئۈستىدە ئويلىنىش »  دىن ئېلىنغان

بىزدە ھەقىقەتەن  « ئېتى ئۇلۇغ ، سۇپرىسى قۇرۇق » ، « گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق » كىشىلەر ئاز ئەمەس ، مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى ئوقۇغاندا بىردەملىك  ھاياجان تەسىرىدە  ھەر خىل شۇئارلارنى توۋلاپ ، ۋەدە - قەسەملەرنى بېرىپ ، كومپيۇتىردىن ئايرىلغاندىن كىيىن ، يەنە ئۆزىمىز  بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ قالىمىز ، ئۆزەممۇ ھەر قېتىم  ساپ ئانا  تىلدا سۆزلەش ، ئانا  تىلنىڭ ھۆرمىتىنى  قىلىش ئۈستىدە تولا  ئويلىنىپ ،  بىراق يەنىلا بۇ ئىشنى  ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالماي  كەلگەنلەرنىڭ بىرىمەن ، ھەر قېتىم مۇشۇ  ھەقتە گەپ بولسا ، تولۇق ئوتتۇرا  ۋاقتىمىزدىكى  شۇ گۈزەل قايناق ۋاقىتلار  يادىمغا كېلىپ  ئىچىم ئېچىشىدۇ .. سىلەرگىمۇ سۆزلەپ  بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ .

تولۇق ئوتتۇرا ۋاقتىمىزدىكى سىنىپىمىز  مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئىلغار ، ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن  تولىمۇ  مىھىرلىك سىنىپ ئىدى ، قىز - ئوغۇللار  ئارىسىدىكى پەدىشەپ ، ھۆرمەتلەشلەر ،  تەپتارتىشلار ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىمۇ سۆيۈندۈرەتتى . ئاشۇ سىنىپىمىزدا تولىمۇ  ئىلغار  پىكىرلىك  ، ئۆگىنىشتە تىرىشچان ساۋاقداشلىرىمىز  بار ئىدى ، ئوقۇتقۇچىمىزمۇ تولىمۇ ئېسىل ، كۆيۈمچان ، تەلەپچان ، ھەقىقىي ئۇستاز  دىيىشكە ماس كېلىدىغان ئوقۇتقۇچى ئىدى ،  شۇ مەزگىللەردە  بىزگە  ئانا  تىل  ھەققىدە ياخشى تەلىم  تەربىيلەرنى بېرەتتى ، گېزىت - ژورناللاردىن ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرنى ئەكىرىپ بىزگە ئوقۇپ بېرەتتى .  شۇ ئىشلار  تەسىرىدە سىنىپتىكى  ساۋاقداشلارمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ  ، ئانا تىلنى قوغداش لاھىيىسى تۈدۇق ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى  بىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئېغىزىغا ئېگە بولغان ئاساستا ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە نازارەتچىلىك قىلىپ ، ساپ ئانا تىلدا سۆزلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان بىر گۇرۇپ بولۇپ شەكىللەندۇق ، ئۆز ئىچىمىزدىن «  كاتىپ  » تىن ئىككىنى  سايلىدۇق ، ھەم كىمدە كىم گىپىگە يات تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىسە ، شۇ گەپنىڭ  ئۇيغۇرچىسىنى بىر بەت يېزىش جازاسى بېرىلەتتى ، بۇنى كاتىپ قىزلار ئىجرا قىلدۇراتتى ، يىغقانلىرىنى يېزىپ  تەكشۈرەتتى ،  شۇ  چاغدا  ھەممىمىزنىڭ قېنىمىز شۇنداق قايناپ تۇراتتى ، يەنە  تېخى  ئۆز ئالدىمىزغا بىر نەرسە سېتىۋالساق ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالدى بىلەن  سېتىۋىلىش ، ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىدىن  سېتىۋىلىش  ئاساس  دەپ  نۇرغۇن قائىدىلىرىمىز  بار ئىدى ، شۇ  چاغلارنى ئويلىسام شۇنچە شادلىنىپ كېتىمەن ، تاكى شۇ ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن  ھازىرغىچە بىللە ئوقۇغان بولساق بۇ چاغقىچە بەلكىم يەنىمۇ  كۆپ ئىشلارنى قىلالىغان بولاتتۇق بەلكىم ، ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن  ھەممە  دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەچكە ، مەخسۇس  ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئەڭ ئاددىسى بەزى  دەرسلىكلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاشتا  « قىيلىنىپ  » ، ئاغزىمىزدىن ھەر خىل  تىلدىكى گەپلەر  ئارلىشىپ چىقىۋىرىدىغان بوپ قالدى ، دەسلەپتە ئۆزىمىزگە غەيرىي تۇيۇلغان بولسىمۇ ، بارا - بارا ھېچ قانداق تۇيۇلمايدىغان بوپ قالدى .  ئۆزەمدىن  شۇنداق بىزار  بولىمەن ، ھەر دائىم بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ « ھازىر باشقا تىلدا گەپ قىلالايدىغان ئادەم ئەمەس ، بەلكى  ئۆز ئانا تىلىدا باشقا گەپ ئارىلاشتۇرماي سۆزلىيەلەيدىغان ئادەم ھەقىقىي بىلىملىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ » دىگەن  گىپىنى ئويلاپ بىر غەيرەتكە كېلەتتىميۇ ، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بىپەرۋا قارىشى ھەتتا بەزى گەپلەرنى قەستەن چۈشەنمىگەندەك بولىۋىلىشلىرىدىن تېخىمۇ بەك ئىچىم پۇشۇپ ، يەنە شۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىمەن .  بىراق يېقىندىن بېرى بۇ نۇقتىنى بەك چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم ، ئۆزەمنىڭ تىلىدا جىقراق سۆزلىۋالمىسام ئەتە - ئۆگۈن ئۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم قالىدىغاندەك ھىسسياتقا كەپ قالدىم . ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇ كۈنلەرنى بىزدىن يىراق قىلا ، بىز باشقىلارغا ئۆز ھەرىكىتىمىز بىلەن  تەسىر قىلساق ، قۇرۇق گەپتىن بەكرەك ئۈنۈمگە ئېگە بولىدۇ ، مۇشۇ تېمىغا 31 بەت ئىنكاس  چىقىپتۇ ، دىمەك ئۇيغۇرنى سۆيىدىغانلار ، ئۇيغۇر ئۈچۈن ئويلايدىغانلار مۇ ئاز ئەمەسكەن  .. ھەممىمىز  بۇ  ھاياجاننى ھەرىكەتكە  ئايلاندۇرساق  ، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى نەتىجە چىقىشى مۇمكىن ...

مىللەتنى  مىللەتنىڭ  تىلىدىن بىلدىم ،
مىللەتنىڭ  تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
ئۆز تىلىنى خار قىلغان مىللەت خار  مىللەت ،
ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم .

- ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-7-14 15:56):
قانداق  تەھرىرلەيدىغاندۇ ؟  يوللاپ بولۇپ ئىملا خاتالىقىنى بايقاپ قالدىم ،.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش