-
2010-11-16
بلوگدا بۇخىل ئۇچۇر چىقىۋىلىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ - [★بلوگ بىلىملىرى]
بلوگدا بۇخىل ئۇچۇر چىقىۋىلىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ئاۋۋال ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھىيتىڭلارنى قۇتلۇقلايمەن << قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن>>
ھازىر بلوگدا مۇنداق بىر خاتالىق ئۇچۇرى پەيدا بولۇۋالدى رەسىمدىكىدەكبلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۇزۇنغىچە ئۆزگەرتىپ باقمىغان يەنە ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئۆزى بىلگەنچە ئۆزگەرتگەن دوسلار كىيىن ئۆزگەرتسە مانا مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ بۇ نىمە سەۋەب دىگەندە بلوگباس يىقىندا بلوگنىڭ كودىغا چەكلىمە بەردى بلوگباس چەكلىمە بىرىشتىن بۇرۇن قاچىلىغان ئۇسلۇبلار ياكى ئۆزگەرتگەن ئۇسلۇبلار چەكلىمە بەرگەندىن كىيىن ئۆزگەرتسىڭىز مۇشۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ ھەتتا سىز بۆلەكنى ئىچىپ ھىچ قانداق نەرسىنى ئۆزگەرتمەيلا ساقلاشنى باسسىڭىزمۇ بۇخىل ئۇچۇر چىقىدۇ چۈنكى كودىڭىزدا بلوگباس نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان كود بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمدى بۇنى قانداق ئوڭشايمىز؟
1- سىز ياخشىسى باشقا ئۇسلۇب قاچىلاڭ ياكى ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئۆزگەرتىلمىگەن نۇسخىسىنى قاچىلاڭ
2- ئەگەر سىزنىڭ ئۇ ئۆزگەرتگەن ئۇسلۇبىڭىزنى تەستە ئۆزگەرتىپ باشقىنى قاچىلاشقا كۆزىڭىز قىيمىسا چەكلىمىگە ئۇچىرغان بۆلەكتىكى بارلىق كودنى باشقا بىر يەرگە كۆچۈرۋىلىپ تۇرۇپ ئەسلىدىكى ئۆزگەرتىلمىگەن بۆلەكنى قاچىلاڭ ئاندىن ساقلىۋىتىڭ ئاندىن يەنە قايتا ئىچىپ ئۆزگەرتگەن بايا باشقا يەرگە كۆچۈرۋالغان كودنى ئاز ئازدىن كۆچۈرۈپ ئەسلىدىكىنىڭ ئورنىغا چاپلاڭ چوقۇم ئاز ئاز دىن كۆچۈرۈپ ساقلاڭ قايسى كودنى چاپلىغىنىڭىزدا ئاشۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا مانا چەكلىمىگە ئۇچىرغان كود دەل ئاشۇ بولۇپ چىقىدۇ شۇ كودنىلا قاچىلماي باشقا كودلارنى قاچىلۋەتسىڭىز بولىدۇ يەنە چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ قۇرۇق قول چىقىپ كەتمەي ئىلانلارنى بىر قىتىم چىكىۋىتىپ چىكىتەرسىز جۇمۇ دوستۇم سىزدىن كەتسە ماڭا كىتىدۇ ئىلاننى چىكىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى بولمايدۇ
评论
خەت ساندۇقۇم : kasaba@sogou.com
http://umtul.blogbus.com