-
2010-11-09
{blog} يىزىشتىن زىرىكتىم - [★بلوگ بىلىملىرى]
{blog} يىزىشتىن زىرىكتىم
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن راستىنى ئىيتسام {blog} يىزىشتىن راستىنلا زىرىكتىم نىمىشقا دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار دوسلار ئويلاپ باقسام مۇشۇ {blog} ساھەسىگە قەدەم قويغىلى 2 يىلچە بوپتۇ مۇشۇ ۋاقىتلار ئىچىدە ھەقىقى بلوگقا قىزىقىپ ھەقىقى ئىجادى بلوگ بىلىملىرىنى يوللىغان ۋاقىتلىرىم مۇشۇ پىرىستان ئەپەندىننىڭ بلوگىدىكى تىمىلارنى كۆرگەندىن كىيىن بولدى ( مۇشۇ مۇناسىۋەتلىك پىرىستان ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈر ئىيتىمەن مەن ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ تىمىلارنى كۆرگەندىن كىيىن شۇنداق خۇشال بولۇپ پىرىستان ئەپەندىگىمۇ خەت يازغان ئىدىم ئىلان قويۇش توغىرلىق قويغان بولسا مەن كۈندە بىر قىتىم ئۈنۈملۈك چىكىپ قويغان بولاتتىم) پىرىستان ئەپەندىنىڭ تىمىلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ھەقىقى تۈردە بلوگقا قىزىقتىم ئىزدەندىم شۇنداقلا مانا بۈگۈنكىدەك بلوگ ياسىيالىغۇدەك بلوگ بىزىيەلىگۈدەك ھالەتگە يەتتىم ئاخىردا مۇشۇ بىلىملىرىمنى دوسلارغىمۇ يەتكۈزۈپ بلوگ ياساشتا قىينىلىۋاتقان دوسلارغا ئازراقمۇ بولسا ياردىمى بولسۇن دەپ دوسلىرىمىز ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىپ كۈزىتىپ QQ توپلىرىدىن سورىلىۋاتقان سۇئاللاغا قاراپ شۇ سورالغان بىلىملەرگە قارىتا تىما يىزىپ بلوگىمنى ھەقىقى بىر بلوگ بىلىملىرى ئۈگىتىدىغان يىتەكلەيدىغان بلوگ قىلىپ قۇرۇپ چىقتىم دەپ ئويلايمەن بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق قىلىش ئارزۇلىرىم بار شۇنداقلا بلوگ يىزىشقا قزىقىۋاتقان بلوگ يىزىپ نىمە تىما يوللاشنى بىلمەيۋاتقان ياكى بلوگىنى ياخشىراق چىرايلىق قىلىپ بىزىيەلمەيۋاتقان دوسلىرىمىز ئۈچۈن مۇشۇ تۈردە ھەقسىز مەخسۇس يىتەكلەيدىغان بىر مەخسۇس بىلوگ بىلىملىرى ئۈگىتىدىغان بلوگ قىلىپ چىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى لىكىن يەنە بەزەن بىر ئىشلاردىن كۆڭلۈم سوۋۇپ توختاپ قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن نىمە ئىش دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن
ئەمدى مۇشۇ تىمىلارنى يوللاپ ئىزدىنىپ دەرىسلىك قىلىپ يوللاپ قىلىش جەريانلىرىدا مەلۈم ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچ كىتىدىكەن شۇڭا مۇشۇلارنىڭ بەدىلىگە ئاز بولسىمۇ دەپ ئىلان قويدۇم ( مەخسەت بلوگ يىزىپ پۇل تىپىش ئەمەسقۇ) شۇنداقتىمۇ مۇشۇ جاپا ئەمگەكلىرىمىزنىڭ بەدىلىگە شۇ بىر ئىلان ئارقىلىق كۆڭلىمىش خۇش بوپقالىدىكەن دەپ ئىلان قويغان ئىدىم لىكىن قىسمەن دوسلىرىمىز ئىلىشنى بىلىپ قايتۇرۇشنى بىلمەيۋاتىدۇ ئەمدى قارايدىغان بولسام ھازىر بلوگىمنىڭ كۈنلۈك كۆرۈلۈش قىتىم سانى 500 دىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ ھەتتا 1000 غىچە بولىۋاتىدۇ IP سانىمۇ 150 دىن يۇقىرى 350 دىن تۆۋەن بولىۋاتىدۇ مۇشۇ تەخمىنەن 200 دەپ ئالساق مۇشۇ 200 دوستىمىز ئىچىدىن 20 دوستىمىز مۇشۇ تىمىنى ئەجەپ ياخشى يوللاپتۇ پايدىلىنالىدىم مۇشۇ تىمىنىمۇ خىلى ئەجىر قىلىپ يوللىغان بولغىيتى دەپ نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ تەييارلىغان تىمىسىغا بىر 5 سىكىنۇت ۋاختىمنى چىقىرىپ ئىللانلىرىنى بىر قىتىم چىكىپ قوياي جۇما رەھمىتىم بوپ قالار دىمەيۋاتىدۇ ياكى كۆڭلى ئۇنمايۋاتىدۇ ئەمدى مۇشۇلاردىن مەن دوسلىرىمىز ئۈچۈن دەپ نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ تىما يوللىام دوسلار نەچچە سىكىنۇت ۋاختىنى چىقىرىپ ئاشۇ ئىلاننى بىر قىتىم چىكىپ قويالمىغان تۇرسا ئەمدى يەنە زىھنى كۈچ قۇۋۋەتنى سەرىپ قىلىپ دوسلارغا تىما يوللىغاننىڭ پايدىسى بارمىدۇ دەپ مانا ئەمدى بلوگ يىزىشتىن چىكىنىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن قىنى دوسلار سىلەر ئىتىپ بىقىڭلارچۇ مۇشۇ ئويلىغانلىرىم توغىرمۇ-خاتامۇ؟
评论
كونىلاردا: يولۋاس ئىزىدىن يىگىت سۆزىدىن قايتماس دىگەن بىر جۈملە سۆز بار.