بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2010-11-04

    腾讯 شىركىتى QQ نى توختىتىدىكەن - [★QQبىلىملىرى]



    تېڭشۈن شىركىتىنىڭQQئابونىتلىرىغا  يوللىغان بىر پارچە خېتى ( ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)

    http://im.qq.com/qq.shtml

      ھۆرمەتلىك QQ ئابونتى:  
      
           سىز بۇ پارچە خەتنى كۆرۈۋاتقان چاغدا بىز بايىلا  تېخى ئىنتايىن مۈشكۈل بىر قارانى چىقاردۇق . 360 شىركىتى QQ غا قاراتقان  ئاسما دېتال(外挂)  ئارقىلىق دەخلى تەرۇز قىلىش ، ۋە يامان غەرەز بىلەن تۆھمەت چاپلاش ھەركەتلىرىنى توختىتىشتىن ئاۋۋال ، بىز 360 دېتالى قاچىلانغان كومپىيۇتېرلاردا QQ نى قوزغالمايدىغان قىلماقچى. بىز بۇنداق قىلىشنىڭ سىزگە مەلۇم دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمىز.  بىز ھەم نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلماقچى بولغىنىمىزنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندە يېزىپ قويدۇق ، سىزنىڭ بىزنى چۈشىنىشىڭىزنى ، بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

            
    يېقىندىن بېرى 360  ئابونىتلارغا مەجبۇرىي  ھالدا ئاسما دېتال (外挂) بولغان 扣扣保镖 نى قاچىلغىلى سېلىۋاتىدۇ .  بۇ دېتال QQ نىڭ بىخەتەرلىك بۆلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ QQ نىڭ بىرقىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدى.  360 دېتالى قاچىلانغان مۇھىتتا بىز سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايمىز.

    360 ئارقا ئارقىدىن QQ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىيتىگە دەخلى تەرۇز قىلىۋاتىدۇ دەپ يالغان سۆز ئويدۇرۇپ چىقىپ QQ نىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىغا يامان نىيەتتە تۆھمەت چاپلىدى ،  ئەمەلىيەتتە QQ بىخەتەرلىك بۆلىكى شەخىسنىڭ ھېچقانداق  شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرمەيدۇ ، كۈزەتمەيدۇ ، ئەڭ مۇھىمى شەخىسنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى  ھەرگىز ۋە ھەرگىز  تېڭشۈن شىركىتىگە يوللىمايدۇ .   بىز ئۆزىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن  QQ نىڭ بىخەتەرلىك بۆلىكىنىڭ ئەسلىي پىروگرامما  كودىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولىۋاتىمىز .
           ئەڭ قاملاشمىغىنى 360 بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى تۇرۇپ ئويلىمىغان يەردىن بىر ئاسما دېتال (外挂) چىقاردى ، بىخەتەرلىك دەپ تۇرۇپ باشقا شىركەتلەرنىڭ دېتاللىرىنى نازارەت قىلدى . بۇنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئەخلاقسىز قىلمىش.
    ھەرقانداق سودا ھەركەتلىرى مەيلى نېمىنى مەقسەت قىلسۇن چوقۇم قانۇن چەمبىرى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئەمما 360  ئاسما دېتال ياساش بولغان قانۇنسىز ۋاستە بىلەن تېڭشۈن شىركىتىنىڭ نورمال سودا قىلىشىنى بۇزدى.

    360 ئابونىتلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا QQ غا بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرى ئېلىپ باردى ، ئەمەلىيەتتە بىزمۇ ھەرخىل تېخنىكىلار بىلەن قارشى تۇرالايتتۇق، ئەمما بىزنىڭ ئابونىتلارنىڭ كومپىيۇتېرىنى «جەڭ مەيدانى» غا ئايلاندۇرۇپ قويغىمىز كەلمىدى ، ئەكىسچە دېتاللارنى تاللاش ھوقۇقىنى سىزگە بەردۇق .

    12 يىلدىن بېرى QQ سىزگە ھەمراھ بولدى سىز بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى ، بىز كەلگۈسىدىمۇ يەنىلا سىز بىلەن بىللە مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

    تېڭشۈن شىركىتى

    2010-يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى 

    360 نىڭ QQ غا ئېلان قىلغان باياناتى

    تېڭشۈن ئابونتلارنى 360نى كومپيۇتېرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە قىستاۋاتىدۇ، لېكىن 360 سىزنىڭ QQنى 360 بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ
    11-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە، تېڭشۈن شىركىتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، 360 قاچىلانغان بارلىق كومپيۇتېرلاردا QQ پاراڭلىشىش يۇمشاق دېتالىنىڭ قوزغىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ھەرىكەت 600 مىليون QQ ئابونتىنىڭ كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى ئېتىبارغا ئالماسلىقتەك قەبىھ ھەرىكەت.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، 360 شىركىتى تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلىدۇ:
    بىرىنچى: تېڭشۈننىڭ غەرىزى بولسا، QQ نى ئىشلىتىشنى شەرت قىلغان ھالدا، 360 دېتالىنى مەجبۇرىي ھالدا ئابونتلار كومپيۇتېرىدىن ئۆچۈرۈۋېتىش. سەۋەبى بولسا «360 شەخسىي مەخپىيەتلىك قوغدىغۇچىسى» QQ نىڭ ئوغرىلىقچە ئابونتلار شەخسىيىتىنى «مارىلاش» قىلمىشىنى ئېچىپ تاشلىغان. ھەمدە 360 يېڭىدىن چىقارغان «كوۋ كوۋ مۇھاپىزەتچىسى» ئابونتلانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، QQ نىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكلەرنى ئوغرىلىقچە «مارىلاش» قىلمىشىنى توسىغان، بۇ سەۋەبتىن شىركىتىمىز(360) تېڭشۈننىڭ يامان غەرەزلىك ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرىدۇق. تېڭشۈننىڭ ئاساسلىق مۇددىئاسى بولسا: ئابونتلار قاتتىق دىسكىسىغا تايىنىپ، ئابونتلارغا مەجبۇرىي چاپلىشىۋېلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئېيتىشقا بولمايدىغان مەقسىتىگە يەتمەكچى.
    ئىككىنچى: 360 بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىسى، 360 ۋىرۇسخورى، 360 بىخەتەرلىك ساندۇقى، 360 بىخەتەر تور كۆرگۈچىسى قاتارلىق دېتاللارنىڭ جۇڭگونىڭ 90% تىن كۆپرەك تور ئابونتلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى قاپلىغان، تېڭشۈن شىركىتى مەجبۇرىي ھالدا 36 دېتاللىرىنى ئۆچۈرگۈزۈپ، تور ئابونتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى ۋە پۈتكۈل جۇڭگو ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى. بىز مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش – نازارەت قىلىش ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، دۆلەتنىڭ تېڭشۈننىڭ تور ئابونتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە قارىتا تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلدۇق، كۆپچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەيسىلەر.
    ئۈچىنچى: بىز بۇ ئىشقا قارىتا ئاللىبۇرۇن تەييارلىقنى تولۇق پۈتتۈردۇق، مەسىلەن: WebQQ قاتارلىقلارغا چىقىش مۇمكىن، بىز مۇناسىۋەتلىك چارە – تەدبىرلەردىن ئەڭ تېز سۈرئەتتە چىقىرىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئازراق ساقلاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


    360 شىركىتى
    2010- يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنى

    مەنبە: ئانا تۇپراق تورى

     

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

    评论

  • بىزئۇنداق بولسا360دىتالىنى ئۆچۈرۋەتسەك بولغۇدەك
    بايلىق回复qolpanlar1说:
    ئىشقىلىپ ھەر جەھەتتىن ئويلىشىپ ئىش كۆرۈڭلار كومپىيۇتىرنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ ئويلاشمىساقمۇ بولمايدۇ
    2010-11-05 23:37:55
  • تىڭشۈن شىركىتى QQنى راسلا توختىتامۇ ؟
    بايلىق回复ئەكبەر说:
    توختاتمايدۇ شۇ تىڭشۈن شىركىتى مۇشۇ چ چ بىلەن جفن باقىدىغان تۇرسا مۇشۇ چ چ دىنلا يىللىق كىرىمى 1 مىلياردىدىن ئاشىدۇ ئۇ گۇيلارنىڭ
    2010-11-05 23:42:14
  • شۇندا دىگەنما
  • بۇ نىمە گەپ بوپكەتتى ئەمدى ~!
    بايلىق回复ئەكبەر说:
    بۇنىڭ ھەممىسى رىقابەت ۋە ئۈستۈنلۈك تالىشىشتىن كىلىپ چىققان ئىشلار
    2010-11-05 12:27:11