بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2010-10-25

    بىلىم بايلىق بلوگى چوڭ كۆلەملىك تەكلىپ پىكىر قوبۇل قىلىدۇ - [★ئۇختۇرۇش★]

    بىلىم بايلىق بلوگى چوڭ كۆلەملىك تەكلىپ پىكىر قوبۇل قىلىدۇ

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار بلوگىم قۇرۇلغىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ لىكىن ئاساسلىق قىلىپ مەخسۇس يىزىۋاتقىلى 2 ئايچە بولدى مۇشۇ 2 ئاي ئىچىدە 18 مىڭ زىيارەت سانىنى تاماملاپ كۈنلۈك IP سانى 250 دىن 300 گىچە PV سانى 800 دىن 999 غىچە بولۇپ چوڭ زىيارەت سانىنى قولغا كەلتۈردى بۇلارنى دوسلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە
    نۆۋەتتە بىر قانچە كۈن بولدى بلوگىمغا بلوگ تورغىرسىدا بىلىم يازمىغىلى شۇڭا ئويلۇنۇش ئارقىلىق دوستلاردىن تەكلىپ -پىكىر ئىلىپ دوستلار قانداق بلوگ بىلىملىرى گە مۇھتاج دوستلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن سۈرەتلىك دەرىس ئىشلەپ تارقاتماقچى بولۇۋاتىمەن شۇڭا دوستلار قانداق بلوگ بىلىملىرىگە بەكراق مۇھتاج ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرسا شۇ بويىچە ئاخىردا سىلىشتۈرۈپ ئەڭ جىق تەلەپ قويۇلغان دەرىسلىكلەرنى ئىشلەپ تارقاتماقچى ئۇنداق بولسا دوستلار ئاستىغا ئۆزۈڭلار ئىھتىياجلىق بولغان بلوگ بىلىملىرىنى ئىنكاس يىزىپ قالدۇرۇڭلار
    قوبۇل قىلىنىدىغان تەكلىپ -پىكىرلەر:
    1- بلوگىمغا قارىتا قانداق تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بار:(مەسىلەن بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبى قانداق بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبى سىزگە بىئاراملىق ئىلىپ كەلگەن ياكى رەڭلەر ماسلاشمىغان ياكى رەڭلەر بەك قىنىق بولۇپ كۆزنى چاقنىتىپ كۆزنى ئاغرىتقان ئەھۋاللار بارمۇ بولسا قەيەرنىڭ رەڭگى مۇشۇلارنى ئىنىق يىزىپ قويساڭلار چوقۇم ئۆزگەرتىشكە تىرىشىمەن
    2- سىز قانداق بلوگ بىلىملىرىگە مۇھتاج كود قا مۇھتاجمۇ؟ ئۇسلۇب ياساش دەرىسلىكىگە مۇھتاجمۇ؟ بلوگ بىزەش بلوگ رەتلەش بىلىملىرىگە مۇھتاجمۇ ؟؟؟؟
    3- بلوگىمنىڭ سىزگە قولايسىزلىق ئىلىپ كەلگەن ياكى سىز ياقتۇرمايدىغان تىمىلار يوللانغان ئەھۋاللار مەۋجۇتمۇ؟
    4- ئاخىردا ئەمدى بلوگىمنى سىزنىڭچە قانداق راق قىلىپ يىزىپ چىقسام بولار؟؟؟؟؟؟؟
    قىنى ئەمىسە دوسلار تەكلىپ-پىكىر تەنقىد لەر بولسا ئايىماي يوللاڭلار مەن چوقۇم تۈزىتىمەن چوڭلىرىمىز:<< ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك>> دەپتىكەن

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.


    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايلىق بلوگى ھەقىقەتەن ياخشى كوپچىلىك ياخشى كورىدۇ مەنمۇ ياخشى كورىمەن
    ھەقىللىق بلوگى سىزنى قوللايدۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيدۇ
    بايلىق回复ئەقىللىق说:
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر
    2010-10-27 18:35:15
  • ئۇنداقتا ئىلاننىڭ قالايمىقان چىقىۋىلىشى نىمە سەۋەپتىندۇ؟
    بايلىق回复بارخان说:
    بۇنىڭغا ئامال يوققۇ دەيمەن بۇ مەنمۇ ئامال قىلالمىدىم
    2010-10-27 18:36:14
  • گوگىل ئىلانىنىڭ قالايمىقان چىقىشىنى ئوڭشىغىلى بولماسمۇ.ئىلاننى قويغاندىن كىيىن تىمىنىڭ كۆرۈلۈش سانىمۇ يوقاپ كەتتى،ياردەم قىلسىڭىز.
    بايلىق回复بارخان说:
    تىمىنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانىنى كۆرسىتىش كودى google ئىلانى بىلەن قارشىلىشىدۇ شۇڭا تارىم بلوگىغا كىرىپ تارىم ئەپەندىم ئۆزى تەمىنلەپ قويغان كودنى ئىشلەتسىڭىز نۇرمال چىقىدۇ
    2010-10-25 20:00:40
  • مىنىڭچە بىلوگنىڭ خاسلىقىنى بەلگىلەپ شۇ خاسلىقنى بويلاپ ماڭماقچى بولغىنىڭىز ياخشى بۇلۇپتۇ .
    بايلىق回复baydadam说:
    رەھمەت مەن چوقۇم شۇنداق قىلىمەن
    2010-10-25 20:01:58
  • ئەمدى چۈشەندىڭىىزما مۇشۇ توغرىلىق ئەمىلى مىساللار ئاساسىدا دەرىسلىك ئىشلىسىڭىز مەسلەن بىرەر رەسىم ياكى خەتنى دەيلى كودىنىx كود رايۇنىدا قويساق xجايدا چىقىدۇ دىگەندەك
    بايلىق回复بىلكان说:
    بولىدۇ مەن بۇ يەرگە قالدۇرۇلغان پىكىر تەكلەپلەرنى بىرلەشتۈرپ دەرىسلىك ئىشلەيمەن پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت
    2010-10-25 13:30:53
  • يان بۆلەككە ئۈنۈم قوشۇش بىر قەدەر ئاسانكەن لىكىن باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سەل قىينىلىدىكەنمىز
  • دىمەكچى بولغىنىم مەسلەن بىر رەسىم بار ياكى بىر خەت شۇنى بىز بلوگنىڭ ئۆزىمىز خالىغان يىرىگە چىقارماقچى بولساق كود رايۇنىدا كودىنى نەگە قويساق نە چىقىدۇ شۇنى سۆزلىسىڭىز
  • بلوگقا بىرەر ئۈنۈم قوشماقچى بولساق كودىنى قايسى ئۇرونغا قويساق قايسى ئورۇنغا چىقىىدىغانلىقى توغرىسىدا دەرىسلىكمۇ ئىشلىسىڭىز ئۈنۈملەرنى چىقىرمەن دىگەن يەرگە چىقىرىشنى ئۈگىنىۋالساق
    بايلىق回复بىلكان说:
    بولىدۇ چوقۇم ئىشلەيمەن لىكىن قانداق ئۈنۈمنى دىمەكچى سىز كود قوشۇشنى دەمسىز ياكى...........؟
    2010-10-25 12:44:58
  • بولسا ئۇسلۇپ گۈزەللەشتۈرۈش دەرىسلىكى ئىشلىسىڭىز
    بايلىق回复بىلكان说:
    بولىدۇ ياخشى تەكلىپ ئىكەن
    2010-10-25 12:44:03
  • مىنىڭچە بايلىق بلوگى شۇنداق ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ
    بايلىق回复خۇشخۇي说:
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت
    2010-10-25 12:04:27
  • مېنىڭچە، بالىلارنى تەربيىلەش ھەققىدىكى بىلىملەرگە، ھەر خىل تەربىيىلەش پىلاستىنكىغا، بالىلارغا مۇۋاپىق ئاۋازلىق ئەسەرلەرگە كۆپرەك مۇھتاجبىز.
    بايلىق回复peace life说:
    بۇ بىر ياخشى تەكلىپ پىكر بوپتۇ ئىسىمدە تۇتىۋالدىم
    2010-10-25 10:51:50