بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2010-10-16

    قانداق بلوگ قۇرۇشنى بىلمەيۋاتامسىز؟ - [★بلوگ بىلىملىرى]

    قانداق بلوگ قۇرۇشنى بىلمەيۋاتامسىز؟

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ھازىر بەزەن دوسلىرىمىز بلوگقا قىزىقىدىكەنيۇ لىكىن بلوگنى ياساپ بولغاندىن كىيىن نىمە يىزىشنى قانداق تىما يىزىشنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قالىدىكەن مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا توردىن نىمە ئۇچۇرسا شۇنى يوللاپ بلوگىنى ئەخلەت تىمىلار بىلەن توشتۇرۋىتىدىكەن بۇنداق ئەخلەت تىمىلارنى يوللىغاچقا بۇ بلوگلار زىيارەتچىلەرنى جەلىپ قىلالماي ئاخىردا يىرىم يولدا توختاپ قىلىپ بلوگدىن زىرىكىشتەك كەيپىيات شەكىللىنىپ قالىدىكەن شۇڭا مەن بۇ يەردە بۈگۈن قانداق بلوگ يىزىش قانداق بلوگ يازغاندا زىيارەتچىلەرنى جەلىپ قىلالايمىز شۇنداقلا ھازىرقى بلوگباستىكى كەم بولۇۋاتقان يىزىلمىغان بلوگلارنى تونۇشتۇرۇپ بلوگ قۇرۇپ نىمە تىمىدا بلوگ يىزىشنى بىلمەيۋاتقانلارغا ئازراق ياردەم قىلماقچى  ئۇنداقتا نەزىرىڭىز تىمامدا بولسۇن

    ئەسلى بۇ بلوگلارنى ئۆزۈم قۇراي دەپ ئويلىغان لىكىن ۋاختىم يىتىشمىگەچكە يىڭى بلوگ قۇرۇش ئارزۇسى بار لىكىن نىمە يىزىشنى بىلمەيۋاتقانلار ئۈچۈن شۇنداقلا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى مەخسەت قىلىپ بۇ تىمىنى يازدىم

    1- مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ھازىر بلوگباستا مۇنداق بىر بلوگ كەم؟؟؟؟ نىمە بلوگ دىگەندە بلوگباستىكى تىمىلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ تىمىلارنىڭ ئەسەر ھوقوقى ۋە ئاپتورلۇق ھوقوقىغا دەخلى تەرىز قىلغان بلوگلارنى پاش قىلىپ جازالايدىغان بىر بلوگ كەم شۇڭا مۇشۇنداق بىر بلوگ قۇرۇلسا بارلىق بلوگگىرلار بۇ بلوگنى قوللاپ بلوگىدىكى تىمىلىرىنى كۆچۈرگەن بلوگلارنى بۇ بلوگقا پاش قىلسا (ئىسپات بىلەن) مۇشۇنداق كۆچۈرمىكەش بلوگنى بارلىق بلوگلار بىلسە ئۇ بلوگنى يىزىۋاتقان ئادەممۇ خىجىل بولۇپ ئىككىنجى تىما كۆچۈرمەس بولاتتى دەپ ئويلايمەن

    2- بلوگنى ئىزچىل يىزىپ كىلىۋاتقان ۋە 3 كۈندە بىر قىتىم ھەپتىدە بىر قىتىم 15 كۈندە بىر قىتىم 1 ئايدا بىر قىتىم تىمىسى يىڭىلىنىدىغان بلوگلارنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر بلوگ كەم بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تىمىسى تىز يىڭىلانغان بلوگلار بىرىنجى قاتاردىن ئورۇن ئالسا ئاستا يىڭىلانغان بلوگلار ئاستىغا چۈشۈپ كەتسە مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بلوگ يازغۇچىلارنىڭ بلوگ يىزىش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرگىلى بولاتتى شۇنداقلا زىيارەتچىلەرمۇ قايسى بلوگدا يىڭى تىما باردۇ دەپ گاڭگىراپ قالمىغان بولاتتى

    داۋامىنى كىيىن يوللايمەن داۋامىغا قىزىقسىڭىز كىيىنكى تىمامغا دىققەت قىلىڭ


    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.


    评论

  • ياخشى تىمىكەن
  • ئو شۇنداقمۇ
    بايلىق回复kok-turk说:
    ھەئە شۇنداق
    2010-10-21 15:34:01
  • بۇ پىلان بەك ياخشى بوپتىكەن .....بەلكىم بۇنداق پىلان قىلىۋاتقانلارمۇ بۇلىشى مۆمكىن .
    بايلىق回复ئەلقۇت说:
    بولسا مۇشۇنداق بىر بلوگ قۇرۇلسا دىگەن ئۈمىدتە مەن
    2010-10-18 22:28:23
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن.
    مەن پەقەت سىزدىن css نىلا ئىشلەتتىم،
    ...شۇنداقتىمۇ روخسەتسىز ئىشلەتكىنىمدىن
    ئەپۇ سورايمە...qqنومۇرىڭىزنى تاپالمىدىمغۇ...
    بايلىق回复بىلوگداش说:
    دوستۇم ئۇنداق قىلمىساق بولاتتى مەن بۇنى خىلى تەستا لاھىيلەپ پۈتتۈرگەن ئەڭ ياخشىسى سىزمۇ باشقىچە لاھىيلەپ چىقىڭ بلوگىمنىڭ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قىلىشىنى خالىمايمەن
    2010-10-16 12:08:02