-
2010-10-13
بلوگ يىزىۋەرمەي ئانچە مۇنچە كۈلۈپمۇ قويۇڭ - [★ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ھىرمىن ئامېرىكا
كەچقۇرۇن تېلېفون جىرىڭلىدى.
رود ئەپەندى ياخشىمۇسىز، مەن يېزىدىكى داچىڭىزنىڭ غوجىدارى ھورنىت. سىزگە 1بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان بولدۇم، ئەتىۋارلىق شاتۇتىڭىز ئۆلۈپ قالدى.
— شاتۇت؟ خەلقئارالىق كاتتامۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېلىقى شاتۇتمۇ؟
— ھەئە دەل ئاشۇ.
— ۋاي تەڭرىم، ئۇ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ قالدى؟
— ئۇ سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىك يەپ سالغانىكەن.
— ئۇنىڭغا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالغان يېمەكلىكنى كىم بېرىپتۇ؟
— ھېچكىم، ئۇ ئۆلۈپ قالغان ئاتنىڭ گۆشىنى يەپتىكەن.
— ئۆلۈك ئات؟ نەدىن كەلگەن ئۆلۈك ئات ئۇ؟
— ھېلىقى ساپ نەسىللىك بەيگە ئېتى
— مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھېلىقى ئېتىممۇ؟
— شۇنداق، رود ئەپەندى. ئۇ سۇ ھارۋىسىنى سۆرەۋېرىپ ئاخىرى ماغدۇرىدىن قاپتۇ
—چاقچاق قىلىۋاتامسەن، قايسى سۇ ھارۋىسىنى؟
— ھېلىقى ئوت ئۆچۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ھارۋىچۇ؟
— ۋاي تەڭرىم، نەگە ئوت كېتىپتىكەن؟
— ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە – دە! شام ئۆرۈلۈپ كېتىپ، دېرىزە پەردىسىگە ئوت تۇتۇشۇپتۇ...
— بۇ گەپچە داچامنى بىر تال شام كۈلگە ئايلاندۇرۇپتۇ – دە
— شۇنداق، رود ئەپەندى.
— ئۆيدە توك بار ئىدىغۇ؟ شام يېقىپنېمە قىلاتتىڭلار؟
—دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن
— كىمنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى؟
— رود ئەپەندى، خانىمىڭىزنىڭ ... ئۇ كېچىسى ياتاق ئۆيدىن چىقىپتىكەن، مەن ئوغرى ئوخشايدۇ دەپ، سىز يېڭى سېتىۋالغان گولف توپ تايىقى بىلەن بېشىغىلاساپتىمەن .
— سۈكۈت ...
ئۇزاققا سوزۇلغان سۈكۈت ...
ھورنىت، سۆزۈمگە قۇلاق سال! ئەگەر ھېلىقى گولف توپ تايىقىنى سۇندۇرۇۋەتكەن بولساڭ، ئۆلۈمىڭنى كۆرىسەن
评论
http://filer.blogbus.com/6220197/resource_6220197_12867727829.gif