-
2010-10-12
بلوگىمنىڭ زىيارەت سانى 20000 دىن ئاشتى - [★ئۇختۇرۇش★]
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار بلوگىمنىڭ زىيارەت سانى كۈندىن كۈنگە ئىشىپ 7ئاينىڭ 31 كۈنىدىن 8ئاينىڭ 12 كۈنىگىچە 10000 زىيارەت سانى ئىشىپتۇ مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىلگىرلەش ئەمدى مانا مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇ زىيارەت سانىغا ئىرىشىش جەريانىدا نىمىلەرنى بايقىدىڭىز دىسىڭىز؟
1-دىن بلوگ يازغانلار ۋە يىزىۋاتقانلار بلوگىنىڭ ئۇلىنىشىغا ناھايتى كۆپ ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك ئىكەن باشقا داڭلىق توربىكەت ياكى داڭلىق بلوگلاردا ئامال بار بلوگىنى ئۇلىنىشقا قالدۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن
2-دىن بلوگىنىڭ كۆركەم رەتلىك پاكىز ئىجادى تىما بولۇشى شۇنداقلا ئۈزۈلدۈرمەي تىما يوللاپ تۇرۇشى كىرەك ئىكەن
3-دىن باشقا بلوگلاردا ئىنكاس قالدۇرۇپ تۇرۇش شۇنداقلا بلوگىڭىزغا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارغا سۇئاللارغا ئەتراپلىق قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىپ زىيارەتچىلىرىڭىزگە بەلگىلىك ئىشەنىچ ئاتا قىلىشىڭىز ۋە بەلگىلىك ئىناۋەت تىكلىشىڭىز كىرەك ئىكەن
4-دىن بلوگ يىزىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بلوگىڭىز چوقۇم بىر خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇشى مەيلى ناخشا- مۇزىكا مەيلى كىنو- فىلىم مەيلى ئۇچۇر ياكى كومپىيۇتىر بىلىملىرى ۋە بلوگ بىلىملىرى بولسۇن مەلۇم بىر خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇشى كىرەك ئىكەن شۇنداق بولغاندىلا باشقىلار شۇخىلدىكى بىلىملەر ياكى ئۇچۇرلار لازىم بولغاندا دەرھال بلوگىڭىزنى ئىسىگە ئىلىپ كىرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك ئىكەن شۇنداقلا شۇ ھالەتگە ئەكىلىشىڭىش كىرەك ئىكەن
5-دىن ئاخىرقى بىر دىققەت قىلىدىغان نىمە دىسىڭىز! كۆچۈرمىكەشلىك؟؟؟؟؟ كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشتىن بەك ساقلىنىڭ ئەگەر سىز باشقا بىر بلوگلاردىكى تىمىنى كۆچۈرۈپلا ئەكىلىپ قويسىڭىز باشقىلا ئۇ بلوگقا كىرسىمۇ مۇشۇ تىما بۇ بلوگقا كىرسىمۇ يەنە شۇ تىما شۇنىڭ بىلەن زىيارەتچى بلوگدىن زىرىكىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ ئۇنداق دىگىنىم ساقلا كۆچۈرمەي ئىجادى تىما يىزىڭ دىگىنىم ئەمەس كۆچۈرۈڭ باشقىلارغا ھەقىقەتەن پايدىلىق بولغان ياخشى ئۇچۇر بولسا مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆپراق دوسلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مانداق بىر بلوگدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم دەپ ئەسكەرتىش يىزىپ قويۇڭ
خۇلاسە شۇكى : بلوگ يازغان ئىكەنسىز بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئىقىمىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ بلوگىمغا نىمە دەپ ئادەم كىرمەيدۇ نىمىدەپ زىيارەتچىلەرنى جەلىپ قىلالمايمەن دەپ بلوگىڭىزنى تەكشۈرۈڭ شۇنداقلا زىيارەت ئىقىمى كۆپ بولۇۋاتقان داڭلىق بلوگلار بىلەن بلوگىڭىزنى سىلىشتۇرۇپ سەۋەبىنى تىپىپ چىقىڭ شۇنداقلا سەۋەبىنى تاپقاندىن كىيىن دەرھال تۈزۈتىش كىرگۈزۈڭ باشقىلاردىن بلوگىڭىزنىڭ قانداق كەمچىلىكلىرى بار قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى بار سوراپ تۇرۇڭ! چوڭلىرىمىز<<ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك>> دەيدۇ ئەمەسمۇ! كەمچىلىڭىز بولسا تۈزىتىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز بولسا تىخىمۇ بەكراق جارى قىلدۇرۇڭ بلوگىڭىزنى داڭلىق توربەت بلوگلادا ئۇلىنىش قالدۇرڭ بلوگىڭىزنى پاكىز-رەتلىك تۇتۇڭ قالدۇرۇلغان ئىنكاس سۇئاللارغا ۋاختىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرۇڭ بلوگىڭىزنى ئانچە-مۇنچە تەشۋىق قىلىپ تۇرۇڭ
评论
شۇڭاچۇقۇم مەزمۇنىنىڭ خىللىقىغا ئالاھىددە ئەھمىيەت بېرىڭ.
http://uyphone.com