بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2009-03-19

    كۇنپكا تاختىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋىلىڭ - [★كومپىيۇتىر بىلىملىرى]

    كۇنپكا تاختىسىنى ئىشلىتىشنى بىلىۋىلىڭ

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار نەچچە كۈندىن بىرى ئالدىراش بولۇپ تىمىمۇ يازالمىدىم بۈگۈن ئازراق ۋاختىمنى
    چىقىرىپ تىما يازاي دەپ كەلدىم بەلكىم بۇنى كومپىيۇتىر ئۇستىلىرى بىلىدىغان ئۇسۇل  لىكىن بۇ ھۈنەرلەرنى بىلمەيدىغان دوسلىرىمىزمۇ بار شۇڭا كومپىيۇتىر ئۇستىلىرى نىڭ مۇشۇنىمۇ تىما سەپ يىزىپتۇ دەپ مازاق قىلماسلىقىنى ئۆتىنىمەن

    كۇنۇپكا تاختىسىدىكى بىر قانچە بۇيرۇقلار
     1 رەسىم كىشىش ئۇسۇلى
    سىزنىڭ QQ رىڭىز بولسا ئۇنى ئىچىپ قويۇڭ )QQ رىڭىز بولمىسا بۇ تىمىنى كۆرۈڭ)  http://www.blogbus.com/bayliq-logs/35985195.html  ئاندىن سىز كەسمەكچى بولغان رەسىمنى ئىچىپ ئاندىن  ctrl+alt+a   نى باسسىڭىز QQ نىڭ كىسىش قۇرالى چىقىدۇ شۇ ئارقىلىق خالىغان ئورۇننى كىسىۋالسىڭىز بولىدۇ
    2 ئۇسۇل
    سىزدە QQ بولمىسا ياكى تور يوق بوپ قالسا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىڭ   Pirint
                                                                                   Screen
                                                                                    SysRq

    سىز كەسمەكچى بولغان رەسىمنى ئىچىۋالغاندىن كىيىن مۇشۇ كۇنۇپكىنى بىسىڭ  يەنى خاتا يازغان خەتنى ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنىڭ ئوڭ تەرپىدىكى كۇنۇپكا شۇ ئاشۇنى باسقاندىن كىيىن پۇتۇن ئىكراننى رەسىمگە تارتىۋالىدۇ كومپىيۇتىر  ئاندىن سىز كومپىيۇتىرنىڭ رەسىم سىزىش قۇرالىنى ئىچىڭ ئاندىن رەسىم سىزىش قۇرالىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بىسىپ چاپلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز رەسىم رەسىم سىزىش قۇرالىدا پەيدا بولىدۇ ئاندىن رەسىم سىزىش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ سىزگە لازىملىق يەرنى كىسىۋالسىڭىز بولىدۇ
    2  كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئۇسۇللارنى قانداق بىلىش
    بۇ ئاسان سىز ھەرقانداق بىر مەشغۇلاتنى قىلسىڭىز بۇ كۇنۇپكىلار يىنىدا بار  مەسىلەن سىز ھازىر مۇشۇ تىمىنى كۆرىۋاتىسىز ئەڭ ئۈستىدىكى تورنىڭ سىتەو قۇراللىرىدىن خالىغان بىرنى بىسىپ كۆرۈپ بىقىڭ يىنىدىلا كۇنۇپكا تاختىسىدىكى  ھەرىپلەر بار  شۇنى باسسىڭىز شۇ ئىختىدار چىقىدۇ دىگەن گەپ  سىناپ بىقىڭ
    3 كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كىچىك بۇيرۇقلار
    سىز بىرە تىما ياكى خەت لەرنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز شۇ خەتنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز شى خەتلەرنىڭ خالىغان يىرىگە بىر قىتىم چىكىۋىتىپ ئاندىن ctrl+a نى بىسىۋەتسىڭىز  ھەممىسىنى تاللايدۇ ئاندىن  ctrl+c نى باسسىڭىز كۆچۈرىدۇ ئاندىن سىز چاپلىماقچى بولغان ئورۇننى ئىچىپ  ctrl+p  نى باسسىڭىز چاپلايدۇ  ئەگەر ئۇ خەتلەرنى ئۆچۈرۈپ سالغان بولسىڭىز بەتنى ئۆچۈرۋەتمەيلا  ctrl+z  نى باسسىڭىز ئەسلىگە قايتىدۇ  بۇ بۇيرۇقلار ھەرقانداق يەردە ئىشلەيدۇ  يەنە ئاساسەن ھەرقانداق دىتالدىمۇ  بولۇپمۇ photoshop  دا سىز بىرە نەرسىگە ھۆججەت قاچىلماقچى ياكى ناخشا قاچىلماقچى بولسىڭىز مۇ كۆچۈردىغان ھۆججەت جىق بولسا سىرىپ ئولتۇرماي ctrl+a نى بىسىۋەتسىڭىز ھەممىنى تاللايدۇ
    سىز  QQ دا بىرە چىراي ئىپادىسىنى كۆپ يوللىماقچى بولسىڭىز ctrl نى بىسىپ تۇرۇپ شۇ چىراي ئىپادىسىنى قايتا قايتا بىسىۋەرسىڭىز كۆپ قىلغىلى بولىدۇ

     

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.