بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2011-01-27

    بلوگىمنىڭ 50 مىڭ زىيارەت سانىنى بىسىپ ئۆتكەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن - [★ئۇختۇرۇش★]

    بلوگىمنىڭ 50 زىيارەت سانىنى بىسىپ ئۆتكەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار بلوگىم بۈگۈن 50 مىڭ زىيارەت سانىنى بىسىپ ئۆتتى بۇ جەرياندا بلوگبۇسنىڭ 2 قىتىملىق رەسىم ئامبىرىدىن چاتاق چىقىشتەك ئىغىر ئەھۋاللارغا دۇچار كەلگەندىمۇ توختىماي ئىزدىنىپ تىرىشىپ بۇ جاپالىق ئۆتكەللەرنىمۇ باشتىن كەچۈردى
    مۇشۇ سەۋەبتىن خىلى داڭلىق بلوگگىر دوسلىرىمىز بلوگبۇس ساھەسىدىن چىكىنىپ چىقىپ بلوگبۇسنى يىتىم قالدۇردى ماڭىمۇ كۆپ بلوگگىرلار بلوگبۇس تىن چىكىنىپ چىقىپ wordperss تىن بلوگ ئىچىشنى ئىييتى لىكىن مەن ھازىرغىچە كۆچۈپ چىقىپ كىتىشكە ئۇنىماي كەلدىم بولۇپمۇ ھازىرقىدەم بلوگبۇسنىڭ ھەقىقى بىر يىتەكچىسى يوق ھەقىقى بىر بلوگبۇس بىلىملىرىنى ئىزچىل يىزىپ كىلىۋاتقان بلوگبۇس ئۈگىتىدىغان بىر يىتەكچى يوق مۇشۇنداق يىتىم پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا چىكىنىپ چىقىپ كىتىپ ئەمدى يىتىلىۋاتقان بلوگگىر دوستلىرىمىزنى يىتىم قالدۇرۇپ ئۇلارنى قىيناپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ مەن ھازىرقى بلوگبۇس ساھەسىدىكى بىردىنبىر يىتەكچى دىگىنىم ئەمەس ھىچ بولمىغاندا ئازراقمۇ بولسا قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بىلگىنىمنى سۆزلەپ بىلمىگىنىمنى بىلگەن كونا ئۇستازلاردىن سوراپ ئۈگىنىپ ئۈگىتىپ يىزىپ كىلىۋاتىمەن يەنە بۇندىن كىيىنمۇ ئىزچىل بلوگبۇس يىزىپ يىڭى يىتىلىۋاتقان بلوگگىر دوستلىرىمىزنى يىتەكلەش ئارزۇيۇم بار دوستلارمۇ بىلىسلەر بۇ بلوگبۇستا بلوگ يىزىپ ئۇسلۇب ياساپ ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ جاپا تارتىۋاتقانلارنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان ھىچ قانداق بىر نەرسىسى يوق پەقەت بىرلا نەرسە بار ئۇ بولسىمۇ ئىلاندۇر شۇڭا دوستلىرىمىزمۇ بلوگ يىزىپ جاپا تارتىۋاتقان جاپاكەشلەرنىڭ ئەجرىگە ئۆزىنىڭ بىر مىنۇتلۇق ۋاقتىنى چىقىرىپ ئاشۇلارنىڭ ئىلانلىرىنى كۈندە پەقەت بىرلا قىتىم چىكىپ قويساڭلار ئاشۇلارمۇ سىلەرگە نادىر ياخشى ئەسەر تىمىلارنى سىلەر ئۈچۈن سۇنىدۇ شۇڭا دوسلار كونىلار مۇنداق دەيدۇ <<< سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما>>> شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بلوگ يىزىۋاتقان شۇ جاپاكەشلەرنى قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن 
    ئاخىردا بلوگىمنىڭ ئازراق تەپسىلات ماتىرياللىرىنى دوستلارغا سۇنىمەن
    بلوگىمنىڭ 2011 يىلى 1 ئاينىڭ 25 كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى زىيارەت سانى

    بلوگبۇسنىڭ ئۆزى سىتاستىكىلاپ بەرگەن سىتاستىكىسى 2011 1 25

    سىتاستىكا توربىكىتىنىڭ سىتاستىكىسى

    بلوگىمدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن 10 تىما

    بلوگىمغا باشقا بىكەتلەردىن كىرگەن ئۇلىنىش بولۇپ  ئەڭ كۆپ كىرگەن 10 تور بىكەت

    ئىزدەش توربىكەتلىرىدىن ئەڭ كۆپ ئىزدەپ كىرگەن 10 ئىزدەش سۆزى

    بلوگىمغا باشقا شەھەر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئەك كۆپ كىرگەن شەھەر ۋە دۆلەتلەر قىزىل رەڭلىك ئورۇن شىنجاڭنى كۆرسىتىدۇ

    ئاخىردا دوستلارنىڭ ئىلانىمنى ئىرىنمەي كۈندە پەقەت بىرلا قىتىم بىر مىنۇت ۋاختىنى چىقىرىپ ئۆلچەملىك چىكىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن سىز بىر مىنۇت ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ ئىلان چەكسىڭىز مەن سىز ئۈچۈن بىر سائەت ۋاختىمنى چىقىرىشقا رازى !!! مىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!!  تىخىمۇ نادىر تىمىلار سىزنى كۈتمەكتە!!!!

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

    评论

  • مۇبارەك بولسۇن..بىلوگىڭىزنىڭ تىخىمۇ بەك راۋاجلىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن...
    بايلىق回复باتۇرلار说:
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! سىزگىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
    2011-02-08 18:21:05
  • بىلىم بايلىق بلوگىنىڭمۇ ئاشكارىلىق قەدىمىگە قەدەم باسقىنىغا مەرھابا! بلوگىڭىزغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!
    بايلىق回复چەۋەنداز说:
    ھا ھا ھا ئاشكارە قەدەم دەڭ رەھمەت سىزگىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن
    2011-01-29 16:00:07
  • مۇبارەك بولسۇن، تېخىمۇ تىرىشقايسىز
    بايلىق回复شاھ ئۇيغۇر说:
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! سىزگىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
    2011-01-29 09:41:29
  • مۇبارەك بولسۇن.
    بايلىق回复wulkan说:
    رەھمەت
    2011-01-28 17:41:47
  • مۇبارەك بولسۇن.بايلىق بلوگى ھازىر بلوگبۇستىكى بىر باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بلوگىرلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى.بايلىقنىڭ ئەتىسىگە تىىخمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغۇسى!!!!
    بايلىق回复بارخان说:
    كۆپ رەھمەت سىزگىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
    2011-01-28 17:41:09
  • سىزگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن قىرىندىشىم بولۇپمۇ ، سىزنىڭ كەمتەر ،كەڭ كورساق ،ئەخلاقىڭىزغا قايىلمەن ئاللا سىزگە يار بولسۇن
    بايلىق回复ئوبۇلقاسىم说:
    رەھمەت ئاللاھ ھەممىمىزگە كەڭ قورساقلىق ئاتا قىلغاي
    2011-01-28 00:57:41
  • ئۇنداقتا سىز شۇ يەرگە دېققەت قىلماپسىز ...مۇمكىن بولسا مەن كۆرسىتىپ قويسام بولاتتى
    بايلىق回复بىرسى说:
    ئۇ يەرنى كۆردۈم ؛ىكىن بۇ سىتاستىكا تورىنىڭ سىتاستىكا ئەھۋالى شۇڭا ئۇيەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز
    2011-01-28 01:02:25
  • چۈنكى كۆپلىگەن بىلوگبۇسچىلار بىلوگ تەۋەلىكىنى
    تاللىمايدۇ، شۇنىڭغا بەكرەك دېققەت قىلغايسىلەر..
  • ئالدى بىلەن سىزنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ....
    ئاۋۇ ئەڭ ئاستىدىكىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن
    كىرگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
    بايلىق回复بىرسى说:
    كۆپ رەھمەت بلوگبۇس تا تەۋەلەك تاللايدىغان نەرسە يوق ئىككىنجىدىن بۇ سىتاستىكا سىتاستىكا تورىنىڭ سىتاستىكىلىپ بەرگەن سىتاستىكىسى بلوگبۇسنىڭ ئەمەس
    2011-01-27 20:13:37
  • قۇتلۇقلايمەن ، زىيارت سانىنىڭ كۆپلىكى كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلوگىڭىزغا دىققەت قىلۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ،بۇندىن كىيىن كۆپ شەرەپلەر نىسىپ بولغاي
    بايلىق回复ئەزىز说:
    كۆپ رەھمەت بۇندىن كىيىن تىخىمۇ تىرىشىپ ياخشى تىمىلارنى دوستلار ئۈچۈن سۇنىمەن
    2011-01-27 19:34:11
  • ياخشى يىزىپ سىز بۇ تىمىنى .
    جاپا تارتىپ تىما يازسا بىر مىنۇت ۋاقىتقا چىداپ ئىلان چىكىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
    بايلىق回复a+x=520说:
    شۇنداق لىكىن مۇشۇنداق دوسلىرىمىزمۇ ئاستا ئاستا ئويغىنىپ قالار
    2011-01-27 19:32:39
  • رەھمەت سىزگە ھەقىقەتەن جاپا تارتىپسىز بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئىسىل تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن بلوگىڭىز كۈندىن كۈنگە روناق تاپسۇن!!!
    بايلىق回复ئىمران说:
    قوللىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر
    2011-01-27 19:31:43