-
2011-01-26
بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى مىنىڭكىدەك يۇقىرى قىلغۇڭىز بارمۇ؟ - [★بلوگ بىلىملىرى]
بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنى مىنىڭكىدەك يۇقىرى قىلغۇڭىز بارمۇ؟
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مەن ئالدىنقى كۈنى تور ئارلاۋىتىپ شۇنداق ياخشى بىر توربىكەتنى ئۇچىرتىپ قالدىم بۇ توربەتمۇ تىخى يىڭى قۇرۇلۇپتۇ لىكىن بۇ توربەتنىڭ ئاساس قىلغىنى ناھايتى ياخشى بىرخىل ئىجادى تۈر بولۇپ بۇنىڭ توربىكەت ياكى بلوگ ياسىغۇچى ۋە زىيارەتچىلەرگە ناھايتى پايدىسى بار ئىكەن شۇنداقلا قولايلىق ئىلىپ كىلىدىكەن
بۇ بولسا يىڭىدىن قۇرۇلغان ئۇلانما توربىكىتى http://www.ulanma.com/ بۇ توربىكەت بارلىق توبەتلەردىكى يىڭى تىمىلارنى ۋەخەۋەرلەرنى بىر يەرگە جەملىگەن ياخشى بىر توربىكەت بولۇپ توربىكەت ياكى بلوگ ياسىغۇچىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىجادى تىمىلىرىنى ئىلان قىلىدىغان ياخشى سورۇن ئىكەن زىيارەتچىلەر ئۈچۈن بولسا قەيەردە قايسى بلوگ ياكى قايسى توربىكەتتە يىڭى تىما باردۇ دەپ ئىزدىگىلى سالمايدىغان ۋاقىت تىجەيدىغان ياخشى توربىكەت ئىكەن
بەلكىم دوسلارمۇ كۆرگەندۇ بلوگىمدا ئۇلانما تورىدا كۆرسىتىش دىگەن بىر رەسىم بار مۇشۇنى بىسىش ئارقىلىق تىمامنى ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلغىلى بولىدۇ مانا مۇشۇ ئىختىدارنى بىزدەك بلوگگىرلارمۇ بلوگىمىزغا قويۇپ بلوگىمىزدىكى ياخشى ئىجادى تىمىلىرىمىزنى مۇشۇ توردا كۆرسىتىش ئارقىلىق بلوگىمىزغا زىيارەتچى باشلاپ كىرەلەيدىكەنمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى تىخىمۇ كۆپ كىشلەرگە تونۇتالايدىكەنمىز مەن ئالدىنقى كۈنى بۇ توربىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى بىلەن پاراڭلاشتىم شۇنداقلا بۇ كودنى بىزلەرمۇ قويساق بولامدۇ دەپ سورىغان ئىدىم ئۇ بولىدىغانلىقىنى ئىيتتىم شۇنداقلا ئۆزۈم سىناپ باقدىم بۇ كود نۇرمال ئىشلىدى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان زىيارەت ئىقىمىنى باشلاپ كىردى كودنى قويۇپ 3 دانە تىمىنى مۇشۇ توردا كۆرسەتتىم مۇشۇ 3 دانە تىمىمدىن بىر كۈندىلا1200IP زىيارەت ئىقىمى باشلاپ كىرىپ كۆرۈلۈش قىتىم سانى 2220 بولۇپ بىر كۈندىلا بلوگىمنىڭ زىيارەت سانىغا 2220 زىيارەت سانى قوشۇلدى دىمەك بۇتوربىكەتنىڭ بىز بلوگگىرلار ئۈچۈن ئەھمىيتى ناھايتى زور ئىكەن بۇنداق دىسەم مەنمۇ بۇ كودنى قويۇپ تىمامنى بۇيەرگە يوللىسام مۇشۇنداق جىق ئادەم كىرەمدىكىن دەپ قالماڭ تىمىڭىز كونا ئىجادىياتچانلىقى يوق ئەھمىيەتسىز ئەخلەت تىمىلار بولۇپ قالسا يەنە زىيارەتچى باشلاپ كىرەلمەيدۇ تىمىڭىز ياخشى بولسا ھەتتا ئۇلىنىش تورىغىمۇ چىقىدۇ شۇڭا بۇ توربىكەتنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماڭ شۇڭا يوللىغان تىمىڭىز ئاز بولسۇن ساز بولسۇن
ئەمدى بۇ توربىكەتگە تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي:
1- ئاۋۋال توربىكەتگە تىزىملىتىڭ
2- توربىكەتتىن بلوگىڭىزغا قويىدىغان كودنى قويۇڭ قويۇش ئورنى: detail-post ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى
{#content}
مۇشۇ كودنىڭ ئاستىغا قويىسىز چوقۇم مۇشۇ كود بىلەن قويغان ئۇلانما تورى كودىنىڭ ئارلىقىدا ھىچ قانداق كود بولماسلىقى كىرەك بولمىسا كود ئىشلىمەيدۇ
ئاندىن ئۇلانما تورىنىڭ JS كودىنىمۇ detail-post ئەڭ ئاستىغا قويىسىز ئاندىن كىيىن مۇشۇ بىكەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ كودنى قويغانلىقىڭىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى دەپ بەرسىڭىز ئۇلار API سىنى ئىچىۋىتىدۇ ئاندىن بۇ كود نۇرمال ئىشلەيدۇ مانا مۇشۇنچىلىك ئىش ئىش تامام ۋەسسەلام ئەمدى بلوگىڭىزدىكى جەمىيەتگە پايدىلىق بولغان ياخشى ئۇچۇر خەۋەر مەدەنيەت تارىخ دىگەندەك ياخشى تىمىلارنى بۇ توربىكەتگە تەسىيە قىلىڭ ئەمدى قاراپ تۇرۇڭ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئىشىۋاتقانلىقىغا نەزەر تاشلاپ ئۆزىڭىزنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇڭ لىكىن ئولتۇرۇڭ دىسەم قاراپلا ئولتۇرۇپ قالماڭ يەنە شۇنداق ياخشى ئىجادا تىمىلار ياكى تەرجىمە ئەسەر دىگەندەكلەرنى توختىماي يىزىپ بلوگىڭىزغا كىرگەن شۇ زىيارەتچىلەرنى بلوگىڭىزغا مەپتۇن قىلىپ قويۇڭ قاچان يەنە مۇشۇنداقراق ياخشى تىما يوللاركىن دەپ تەقەززا قىلغۇدەك قىلىپ قويۇڭ مانا مۇشۇنداق قىلالىغاندىلا سىزنىڭمۇ داڭلىق بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىڭىزدا گەپ يوق قىنى ئەمىسە ئىشنى ھازىردىن باشلاڭ
ئۇلانما تورىغا غۇررا!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئاخىردامۇشۇنداق ياخشى بىر سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن ئۇلانما تورىنىڭ جاپاكەش قۇرغۇچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز رەھمەت سىلەرگە
评论
بۇ بىلوگىمنى كۈرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن بەزى خەتلەر نورمال چىقمىدى
سىز بىلوگمنى ياسىشىپ بەرسىڭىز ئاندىن خالىغان يەرگە ئىلان قويسىڭىز ئىلاندىن تاپقان كىرىم سىزنىڭ بولسا قۇشلامسىز ؟
قۇشلىشڭىزنى تۇلمۇ ئۈمۈت قىلمەن .