baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 457|ئىنكاس: 6

بالام نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ نى كۆرگەندىن كېيىن

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]





شىنجاڭ گېزىنىڭ 2011- يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى «بالام نىمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز» تىمىسىدىكى يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن.


ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇغۇچىللىرى ھەققدە تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن كۈزتۈش ئېلىپ بېرىپتۇ.

ئەمدى بىز ئۇيغۇلار ئۆزىمزىدە مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلاردىن قانچىلىك بار. باللىرىمىزنى قايسى يۆنلىشتە تەربىيلەۋاتقاندۇق؟


گەرچە مەن ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ ( مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ئىدىم، توردىكىلەر مۇئەللىم دەپلا مۇئەللىم بولۇپ قالغىلى تۇردۇم {:5_163:})بىراق بۇ ھەقتە بىر قانچە ئىغىز گەپ قىلىپ باققۇم كەلدى.
ئائىلىمىزدە ئاپام، ئاتام، ئىككى ئاكام، بىريەڭگەم، بىرئاچام(ھەدەم) بولۇپ مەندىن باشقا ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتىپتىكەن.مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. چوڭ ئاكامنى ئاتام ئوقۇتقۇچى بولمىسۇن بىر ئائىلىدە بىرەر دوختۇر چىقسۇن دەپ دوختۇرلىقتا ئوقۇتۇپتىكەن. مەن بولسام كىچىكىمدىن ئاتا - ئانامدىن ئايرىلىپ بىر تۇققىنىمىزنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولۇپتىكەنمەن. شۇ ۋاقىتلاردىلا ئۆز ئاتا-ئانىللىرىمىنىڭكىگە ھەپتە ياكى ئايدا بىرەر قىتىم كىلەتتىم، ئىسىمدە قىلىشچە بەك كىچىك ۋاقىتلىرىم، شۇ ۋاقىتلاردا قېرىنداشلىرىم ئاخشاملىرى تالىشىپ تۇرۇپ مېنى قوينىغا سىلىۋىلىپ شەرىقنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە پەيلاسۇپلارنىڭ ئەقىلىيە سۆزلىرى، شېئىرلىرىنى يادىغا ئالغۇزاتتىكەنتۇق.
بىر قىتىمدا ئاپامىنىڭ « ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىللىرىنى ئۆز بالىسىنى تەربىيلىگەندەك تەربىيلىيەلىسە ئاندىن ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىراق ئۇلار ھەرگىزمۇ مەندىن «بالام، سىز چوڭ بولغاندا نىمە بولسىز» ، «ئۇكام سىزنىڭ قانداق ئارزۇلىرىڭ بار » دەپ سورىغانلىقىنى ئەسلىيەلەيمەن. ئۈچ يىشىمدا يولۋاس بىلەن ئېلىشىپ، باشقىلار مېنى بوغۇزلىۋىتىپ كۆرگەن چۈشلىرىمنى شۇ قەدەر سۈزۈك ئەسلىيەلەيمەنكى ئەمما ئۆمرۇمدە ئۇلارنىڭ غايا، ئارزۇ ھەققىدە بىرەر قىتىم ماڭا يۈزتۇرانە سۆزلىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. بىراق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ئائىلە ئىچىدىكى ھەربىر ئېغىز گەپ سۆزلىرى ۋە ئاخشاملىرى ئۆيدە ئۆز ئارا بولۇپ تۇردىغان مۇنازىرە. دىن ، مەدەنىيەت، ئۆرپە ئادەت، تارىخ،جەمئيەت، پەلسەپىۋىلىكى كۈچلۈك ئەسەرلەر ھەققىدە كەڭ- كۇشادە قىلىشقان ھەر بىر سۆزى مىنىڭ ھايات يولۇمنى يورۇتقان، گەرچە ئۆز ئارزۇيىمدىكىدەك چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكەن ئادەم بولالمىغان بولساممۇ ئەمما «جىن چىراق»مۇ ئۆزىگە تىگىشلىك ئورۇننى يورۇتىشى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چوڭ بولدۇم.يۇرتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ھەتتا بەزى مەن تونىمايدىغان كىشلەرمۇ يۇرۇتقا بېرىپ قالسام ياكى ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالسا شۇ ئائىلىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىللىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن مەن بىلەن كۆرشۇپ ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ھىكايىللىرى بىلەن ئائىلىمىزگە تەشەككۇر ئېيتىپ كىتىدۇ.

گەپنى ئۇزارتىپ ئۆزۇم دىمەكچى بولغان سۆزنىڭ دائىرسىدىن چەتنەپ كەتكىلى تۇردۇم. مەنمۇ گەرچە «ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۇر تاۋقىدىكى » ئوقۇتقۇچى بولمىساممۇ ئۆزۇم تەربىيلاۋاتقان شاگىرىتلىرىمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ شۇنداق ھۆكۇم ئويلاپ قالدىم. بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ تەربىيلاۋاتقان بوغۇناقلىرىغا مەسئۇل بولىشى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەر بىر ھەركىتىگىچە سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىشى. ئاغزىدا بىر خىل ئەمەلىيىتىدە بىرخىل يول تۇتماسلىقى كىرەك.ئالدىنقى ئايدا يۇرۇتتىن كەلگەن نەۋرە ئاكامنىڭ سۆزى بىلەن يېقىندىن بىرى بىزنىڭ مائارىپىمىز نىمە ئۈچۈن چىكىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ. تالانتلىقلار بارغانچە ئازلايدۇ دىگەن مەسلە كاللامغا كىرۋالدىغان بولۇپ قالدى.چۈنكى ئۇنىڭ دىيىشىچە ئوغلى 4 يىلدىن بىرى تېخىچە -«ئىلىپبەدىن ساۋات چىقىرالماپتۇ» ،سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرپ مەكتەپكە كىرسە مەكتەپ مودىرى.- بىز تەربىيلەۋاتقان سىنىپتا ساۋات چىقارغان باللارمۇ بار؟ سىنىڭ بالاڭنىڭ ساۋادى چىقمىسا ئۇ بالاڭ بىلەن ئۆزۇڭدىكى مەسلە- دىگۈدەك .نەۋرە ئاكام. -سىنىپتا نەچچە بالا ساۋات چىقاردى؟-دەپ سورىسا مەكتەپ مودىرى - 40 بالىدىن ئۈچى ساۋادىنى چىقاردى، كىتاپ دىگەننى سۇدەك ئوقۇيدۇ - دىگۈدەك.{:5_177:} مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئىچىنىشلىق ئەھۋالى.مەيلى سەۋەپ نىمە بولسا بولسۇن، بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆزىمىزگە ماس كەلمىگەن دورامچىلىق يۆنلىشىگە قاراپ يۈزلىنىپ كەتتى.80- يىللاردا 40 بالا ئوقىغان سىنىپتا ئۈچ بالا ساۋاتلىق بولمايتتى. ھەم ئۈچ بالىنى ساۋاتلىق قىلىش ئۈچۈن تۆت يىل كەتمەيتتى. 40 بالا بار بىر سىنىپتا ساۋاتسىزدىن ئىككى ياكى ئۈچى چىقاتتى.ئۇنداقتا زادى سەۋەپ نەدە!!!
ئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى تەربىيلەشكە ئەمەس بەلكى ئۆزى ئالدىغان مائاشنى تولۇق ئېلىشى ئۈچۈن يۇقۇرنىڭ تولا تولدۇردىغان جەدىۋەللىرى ۋە ئورۇنسىز يېزىلىدىغان دوكىلاتلىرىنى يېزىپ تۈگىتىشكىمۇ يەتمەيۋاتقان ۋاقتى بىزنىڭ مائارىپ ھەققىدە ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىمىزغا توغرا كىلۋاتقانلىقىنىڭ سىگىنالىنى قولىقىمىز تۈۋىدە توختىماي چېلىپ تۇرۋاتىدۇ.بىراق بۇنىڭ بىلەنلا مەسلىنى يۇقىرغا ۋە يۇقىرنىڭ مائارىپ تۇزۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرشىغا تاقاپ قويۇپلا قۇتۇلۇش ئوقۇتقۇچى بولغان كىشلەرنىڭ تۇتىدىغان يولى ئەمەس. بىر ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ نىمە ۋەزىپىسى بارلىقى، ھاياتتا بىزگە زادى نىمە مەخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك. روھىي پۈچەكلىك بىزنى چىرماپ ئازراقلا قىينچىلىققا ئۇچرىساق بىر قانچە ھەقەمسايمىزنى يىغىپ ئىچىپ - چىكىش بىلەن كۆڭۇل ئىچىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس ئىدى. «قوش تىللىق مائارىپ» بىزنىڭ مائارىپتىكى ئاجىزلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ قويۋاتىدۇ. روھى پۈچەكلىك بۇنىڭغا ھوجۇم قىلىپ بۇ بىر ئەۋلات ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا قىستاپ قويىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە «قوش تىل مائارىپى» بىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىشىمىزغا تىگىشلىك بولغان مائارىپ تۇزۇلمىسى ئىدى. بىراق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىزلىقى، كۆزلىگەن مەخسەتكە يەتمەسلىكى سەۋەپلىك باللىرىمىزدىن «چىرايلىق دىگەننىڭ مەنداش سۆزى نىمە؟ » دەپ سورىساق تەپ تارتىماستىن كۆزىمىزگە قاراپ تۇرۇپ « پىياۋلىياڭ» دەيدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ ئەسلى « قوش تىل مائارىپى» كۈتكەن ئۆمۇتلەر ئەمەس ئىدى. ھىچ بولمىسا ئاتا - ئانلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپلىك «قوش تىل مائارىپى» نىڭ بىزگە ئېلىپ كىلىۋاتقىنى ئۆزلۇكسىز ھالدا تەتۈر يۆنلىش بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. مائارىپتىكى كەمچىللىكىمىز ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ «قوش تىل مائارىپى» دا ئەمەس. گەپ ئۆزىمىزدە. بىر بەلەن بېرىلگەن پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ يارامسىزلىقىنى «قوش تىل مائارىپى شۇنداق قىلىۋەتتى» دەپ ئارتىپ قويدىغان كۆتۇرۇشلۇك ئېشەكتىن بىرنى تېپىۋالدۇق. قوش تىل مائارىپى ئەسلى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئالتۇندەك قەلىپ ئىگىللىرىنىڭ قەلبىنى بۇزدىغانغا پۇرسەت بولۇپ بىرۋاتىدۇ. ھەتتا «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدە دەرس سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار «قوش تىل مائارىپى» ھەققىدە دۆلەت چىقارغان قانۇننىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەتتە بەزى ئوقۇتقۇچىلار «قوش تىل مائارىپى» دىگەن شۇ خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە ئۈگەتسىلا بولدىغان نەرسە دەپ ئويلايدۇ. قانۇننى بىلمىگەن ئۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قانداق بىر ئوقۇغۇچى تەربىيلىگىنىنى بىلىش تېخىمۇ تەس. دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ « بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا بولمايدۇ» دىيىلگەن. بۇ يەرلىك قانۇن دەپ قالپاق كەيدۇرۇپ ئۆز مەنپىئەتىگە قالايمىقان قانۇن چىقارغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا « يەرلىكتىن تۈزۈلگەن قانۇن چوقۇم ئاساسىي قانۇنغا ۋە ئاساسىي قانۇننىڭ ماددىللىرىغا زىت كەلمىگەن بولىشى كىرەك»دىگەن بىر ماددسىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى بىلمىگەن ئۇنداق ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئۆقۇغۇچىللىرىدىن سىز «چوڭ بولغاندا نىمە بولسىز؟» دەپ بىر سوئال سوراپ قويۇش ئارقىلىق ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزدىن قاچساق تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ گەردىنىمىزدىكى قەرىز ھەرگىزمۇ ئادا بولۇپ قالمايدۇ.
بىر مىللەتنىڭ مائارىپى ھەر زامان شۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «چىرايلىق دىگەننىڭ مەنداش سۆزىنى ئوقۇتقۇچىللىرىمىز ئۆزى -پىياۋلىياڭ » دەپ ئىزاھلاپ بېرۋاتسا كىچىك بوغۇناقلاردا نىمە گۇناھ، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىڭىز ئۈچۈن ھىچ بولمىغاندا شۇ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىي ھەققىدە ئازراق بىلىمىڭىز بولسۇن. بەلكىم مەن ئاتام بۇرۇن ئەدىلىيە ئورنىدا ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن(ئاتام ئوقۇتقۇچىلىقتىن كىيىن 20 يىلچە ئەدىلىيە ئورنىدا ئىشلىگەن، ئەقلىمنى بىلسەم تازلىق ئۆيىدىمۇ قانۇن كىتاپلىرى تاشلىنىپ تۇراتتىكەن» قانۇننى ياخشى بىلىشم مۇمكىندۇ. بىراق ھەركىم ئۆزى ئۈچۈن كۈندە يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈلمىسى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگۈرشىنىمۇ بىلىپ قويۇشقا تىرىشقان بولسا، «قورئاننى قىرائەت قىلىپ» ئاندىن «دىنى ئونسۇر»دىگەن قالپاقنى كىيىپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئۆرپە ئادىتىنى قوغداشقىمۇ قۇدرىتى يەتمىگەن ھالدا بىچارىلەرچە خەققە يىلىنمىغان بولاتتى.
ئوقۇتقۇچىللىرىمىز باللىرىمىزغا باشلامچى بولالىغان بولساق، ئۆزىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، كەلگۈسىدە نىمە ئىش قىلدىغانلىقىمىزنى، قانداق ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بارلىقىنى بىلەلىگەن بولساق ئىدى. ئۇ ھالدا باللاردىن گۆلىيىپ تۇرۇپ«ئۇكام، سىز چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسىز؟»دىگەن رەسمىيەت سوئالنى سورىمىغان بولاتتۇق.باللارمۇ بىزنىڭ مېڭىش تۇرشىمىزغا، ئەدەپ ئەخلاقىمىزغا، بىلىم - مەئىشەتىمىزگە قاراپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىشى كىرەكلىكىنى ئۆز كۆڭلىدە تەخمىن قىلىپ بولغان بولاتتى.

ئاخرىدا يەنە دەيدىغىنىم - ئوقۇتقۇچى، بۇ بەك بۆيۇك سۆز. كۆتۇرۇپ بولماق تېخىمۇ تەس، ئۇنى كۆتۇرۇشكە قۇدرىتى يېتىدىغانلار كۆتىرىدۇ. ھەرگىز جان بېقىشنىڭ غىمى قىلۋالغانلار ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەلۋەتتە(ئاۋال ئاللاھ) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن راسىت.

ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ، خوشاللىق، مەئىشەت، بىلىم ۋە بايلىق يار بولسۇن. ئاللاھنىڭ مەئىشەتى چەكسىز. ئۇنىڭدىن قانچىلىك ئالساق كاملاپ قالمايدۇ. ئەمما ئالىمىزكى ئۇنىڭ ئاقىۋەتتە سورىقى بار. بالىلارمۇ بىزگە ئەنە شۇنداق ئامانەتتۇر.ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ھەققىدە ئويلىنىش مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى بار.


مەنبە     قەلبىم  تورى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-10-15 20:58:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن
ۋاقتى: 2012-10-15 20:58:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-20 20:11:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟
ۋاقتى: 2012-10-20 23:34:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپسىز. باشلىقتىن پۇقراغىچە ھەر بىر كىشى مۇشۇ ھەقتە ۋىجدانىمىزنى سوراققا تارتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرالىغان بولساق مائارىپ سۈپىتىمىز ئاللىبۇرۇن ياخشىلىنىپ كەتكەن بولاتتى!!!
ۋاقتى: 2012-10-22 00:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى» بولالايدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار زور تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىۋاتىدۇ.
بىراق، ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە كىرىۋېلىپ، جان بولىۋالغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئۇلارنى سەۋەپنى مائارپ تۈزۈلمىسىدە، خىزمەت شارائىتىدا، يەرلىك سىياسەتتە ...... دەپ ئۆزىنى پەدازلاپ كىلىۋاتىدۇ.
ۋاقتى: 2014-2-16 13:36:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى يوللىغان ۋاقتى  2012-10-20 23:34
مىللى مائارىپىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇلاھ ...

پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن .. مائارىپ سۈپىتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقارغان بولساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 16:24, Processed in 1.025514 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش