جۈملە بۆلەكلىرى ۋە جۈملە بۆلەكلىرىنى ئايرىش ئۇسۇللىرى
جۈملە بۈلەكلىرى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىكى بىر قەدەر مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. مەن ئۇزۇن يىللىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملە بۈلەكلىرىنى ئايرىش ۋە ئۆز ئارا پەرىقلەندۈرۈشكە ئائىت مەزمۇنلارنى يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم، مۇنبەردىكى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
ئامانجان ئابدۇراخمان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى مۇستەقىل سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرى جۈملىدە بەلگىلىك سېنتاكىسلىق ۋەزىپە ئۆتەپ، بەلگىلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بۇلۇپ كېلىدۇ. جۈملىدە ئوخشاش بولمىغان سېنتاكىسلىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋە مەلۇم سۇئالغا جاۋاپ بۇلۇپ كېلىدىغان سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى جۈملە بۈلەكلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. تىلىمىزدىكى جۈملە بۈلەكلىرى ئىگە، خەۋەر، ئېنىقلىغۇچى، تولدۇرغۇچى ۋە ھالەتتىن ئىبارەت بەش بۈلەكتىن تەركىپ تاپقان. جۈملە بۈلەكلىرى ۋە ئۇلارنى ئايرىشنىڭ ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئىگە جۈملىنىڭ كىم ياكى نىمە توغرىسىدا ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەك ئىگە دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىسىم، سۈپەت، سان، ئالماش، رەۋىش، تەقلىت سۆز، سان-مىقدار بىرىكمىلىرى، سۈپەتداش ۋە ئىسىمداش قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرى جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. 1) جۈملىنىڭ كىم ياكى نىمە توغرىسىدا ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەك ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ جۈملە ئىش-ھەركەتنى ئورۇنلىغۇچى شەخس «ئوقۇغۇچىلار» ھەققىدە ئېيتىلغان، شۇڭا «ئوقۇغۇچىلار» دىگەن سۆز جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كەلگەن. 2) جۈملىدە «كىم؟ كىملەر؟ نىمە؟ نىمىلەر؟ كىمى؟ نىمىسى؟» دىگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ بۇلۇپ كېلىدىغان بۆلەك ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: قوڭغۇراق (نىمە؟) چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار (كىملەر؟) سىنىپقا كىردى. ئۇنىڭ ئانىسى (كىمى؟) دوختۇر. 3) جۈملىنىڭ خەۋىرى بىلەن سان ۋە شەخس جەھەتتە ماسلىشىش مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن سۆز جۈملىدە ئىگە ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: بىز (بىرىنچى شەخس، كۆپلۈك) مەكتەپ بېغىدا ئەمگەك قىلدۇق (بىرىنچى شەخس، كۆپلۈك). مەن (بىرىنچى شەخس، بىرلىك) تاپشۇرۇق ئىشلىدىم (بىرىنچى شەخس، بىرلىك).
2.خەۋەر جۈملىدە ئىگىنىڭ ھەركىتىنى بايان قىلىش رولىدا كېلىدىغان بۆلەك خەۋەر دەپ ئاتىلىدۇ. خەۋەر بىر پۈتۈن جۈملىنى تەشكىللەش رولىنى ئوينايدۇ، شۇڭا خەۋەرسىز جۈملە تۈزۈلمەيدۇ. تىلىمىزدىكى مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ ھەممىسى جۈملىدە خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلەلەيدۇ. 1) جۈملىدىكى سۆزلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشكىللەش رۇلىدا كەلگەن سۆز جۈملىدە خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلاردىن ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىندى. بۇ جۈملىدىكى «ئېلىندى» دىگەن سۆز جۈملىدىكى ئۆزىدىن باشقا بارلىق سۆزلەرنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، خەۋەر ۋەزىپىسىدە كەلگەن. 2) شېئىرى ئەسەرلەردىن باشقا ئەسەرلەردە جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كەلگەن سۆز خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: تۈنۈگۈن كەچتە «خەلق» تىيەتىرخانىسىدا قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلاندى. ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتاھان قەغىزى تارقىتىلدى. 3) جۈملىنىڭ ئىگىسى بىلەن سان ۋە شەخس جەھەتتە ماسلىشىش مۇناسىۋىتىدە باغلىنىپ كەلگەن سۆز جۈملىدە خەۋەر ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: ئالىم(ئۈچۈنچى شەخس، بىرلىك) خوتەندىن تۈنۈگۈن قايتىپ كەلدى(ئۈچۈنچى شەخس، بىرلىك). سەن(ئىككىنچى شەخس، بىرلىك) تىرىشىپ ئوقۇ(ئىككىنچى شەخس، بىرلىك).
3.تولدۇرغۇچى جۈملىدە پېئىل ۋە پېئىل بىرىكمىلىرىگە بېقىنىپ، پېئىل ئىپادىلىگەن ھەركەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى شەيئىنى بىلدۈرىدىغان بۆلەك تولدۇرغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىسىم، سۈپەت، سان، سان- مىقدار بىرىكمىلىرى، ئالماش، سۈپەتداش ۋە ئىسىمداش قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرى جۈملىدە تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى «نى» بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ، جۈملىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەركەتنىڭ ۋاستىلىق ئوبىكتىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر تولدۇرغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: مەن ئۇنى كىنوخانىدا كۆردۈم. تازىلىقنى سۆيۈش ساغلاملىققا پايدىلىق. چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى «نى» بەزى ھاللاردا چۈشۈپ قالىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا تولدۇرغۇچى دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: مەن يېڭى كىتاپ(نى) سېتىۋالدىم. ئالىم مەيدانغا سۇ(نى) چاچتى.
4.ئېنىقلىغۇچى جۈملىدە ئىسىم ۋە ئىسىم رولىدا كەلگەن سۆزلەرگە بېقىنىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى(شەيئىلەرنىڭ بەلگە-ھالەت، خاراكتىر-خۇسۇسىيەت، رەڭ، پۇراق، تەم، ھەجىم جەھەتتىكى تۈرلۈك بەلگىلىرىنى) ئىپادىلەيدىغان بۆلەك ئېنىقلىغۇچى دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە ئىسىم، سۈپەت، سان، سان-مىقدار بىرىكمىلىرى، ئالماش، ئىسىمداش، سۈپەتداش ۋە تەقلىت سۆز قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرى جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. 1) ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى «نىڭ» بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن سۆز جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئوقۇش. مەن تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان. ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى «نىڭ» بەزى ھاللاردا چۈشۈپ قالىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئېنىقلىغۇچى دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: خوتەن(نىڭ) گىمىلى دۇنياغا داڭلىق. بىزنىڭ مەكتەپ شەھەر(نىڭ) مەركىزىگە جايلاشقان. بۈگۈن ئىمتاھان(نىڭ) نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. 2) تىلىمىزدىكى «دىكى، تىكى، دەك، تەك» قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن سۆز جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ. كىتاپتىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولدۇم. 3) باش كېلىشتە كېلىپ، ئىسىملارغا باغلىنىپ كېلىپ، شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن سۆزلەر جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: مەن چىرايلىق كىيىم سېتىۋالدىم. بىلىملىك ئادەم مىۋىلىك دەرەخكە ئوخشايدۇ. 4) سان-مىقدار نىرىكمىلىرى ئىسىملارغا باغلىنىپ كەلسە ئېنىقلىغۇچى ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: دادام بىر تاغار قوغۇن سېتىۋالدى. مەن بىر چىلەك سۇ ئەكەلدىم.
5.ھالەت جۈملىنىڭ خەۋىرىدە ئىپادىلەنگەن ھەركەتنىڭ تۈرلۈك بەلگە-ھالەتلىرىنى(ھەركەتنىڭ ۋاختى، ئورنى، ھالىتى، سەۋەبى، مەخسىدى، ئۇسۇلى ۋە دەرىجىسىنى) بىلدۈرىدىغان بۆلەك ھالەت دەپ ئاتىلىدۇ. ھالەت ئادەتتە جۈملىنىڭ خەۋىرىگە باغلىنىپ كېلىدۇ. ئادەتتە تىلىمىزدىكى رەۋىش، رەۋىشداش، سۈپەت، سۈپەتداش، ئىسىم، ئىسىمداش، سان ۋە سان-مىقدار بىرىكمىلىرى قاتارلىق سۆز تۈركۈملىرى جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. 1) جۈملىدە بېرىش كېلىش(غا، قا، گە، كە)، چىقىش كېلىش(دىن، تىن)، ئورۇن-پەيت كېلىش(دا، تا، دە، تە) قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كەلگەن سۆزلەر ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: ئالىم مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا باردىم. قەشقەردىن خوتەنگە قاراپ يولغا چىققان ماشىنا بۈگۈن كېلىدۇ. ئاسمانغا تۈكۈرسەڭ يۈزۈڭگە چاچرايدۇ. 2) تىلىمىزدىكى بىر قىسىم تىركەلمە(بىلەن، ھەققىدە، توغرىلىق، قارىتا، دائىر....)لەر بىلەن باغلىنىپ كەلگەن سۆزلەر جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: بىز ئۇنىڭ ئۈگىنىشى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. 3) باش كېلىشتە كېلىپ، پېئىللارغا باغلىنىپ كېلىپ، جۈملىنىڭ خەۋىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىش-ھەركەتنىڭ تۈرلۈك بەلگە-خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن سۆزلەر جۈملىدە ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ. مەسىلەن: تۇرسۇن خەتنى چىرايلىق يازىدۇ. بۈگۈنكى يامغۇر ناھايىتى قاتتىق ياغدى.
ئۇنىۋېرسال مەشق: 1) مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. (ئىگە) (ھالەت) (تولدۇرغۇچى) (خىۋەر) 2) بىز بۈگۈن مەكتەپ بېغىدا ئەمگەك قىلدۇق. (ئىگە) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (ھالەت) (تولدۇرغۇچى) (خەۋەر) 3) بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا دىپلوم تارقىتىلدى. (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (ھالەت) (ئىگە) (خەۋەر) 4) مەن مۇئەللىمگە چىرايلىق گۈل سوۋغا قىلدىم. (ئىگە) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (تولدۇرغۇچى) (خەۋەر) 5) تۇرسۇن خەتنى چىرايلىق يازىدۇ. (ئىگە) (تولدۇرغۇچى) (ھالەت) (خەۋەر) 6) مەن دۇكاندىن چىرايلىق كۆينەك سېتىۋالدىم. (ئىگە) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (تولدۇرغۇچى) (خەۋەر) 7) بىز بازاردا تاتلىق قوغۇن يىدۇق. (ئىگە) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (تولدۇرغۇچى) (خەۋەر) 8) بۈگۈن ئوقۇغۇچىلاردىن ماۋسۇملۇق ئىمتاھان ئېلىندى. (ھالەت) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (ئىگە) (خەۋەر) 9) تۈنۈگۈن كەچتە «خەلق» تىياتىرخانىسىدا قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. (ھالەت) (ھالەت) (ھالەت) (ئېنىقلىغۇچى) (ئىگە) (خەۋەر) 10) تۇرسۇن پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. (ئىگە) (تولدۇرغۇچى) (تولدۇرغۇچى) (ھالەت) (خەۋەر)
بۇ ماتىرىيال بايقاش مۇنبىرىگە مەنسۇپ، رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ! |