baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 759|ئىنكاس: 20

خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟
تۇردى لېتىپ
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار  دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان، بىر ئۆمۈر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولمىغان بىر ياپونىيەلىك تونۇشۇم بار ئىدى. ھەر يىلى شىئەنگە كېلىپ 5 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىدا بىر ئاي تۇرۇپ دەم ئېلىش قىلاتتى. بىر كۈنى تاماق ئۈستىدە ئۇنىڭ مېڭىش تۇرۇش- ھەرىكىتىنىڭ خېلىلا قولاشماي قېلىۋاتقانلىقان بولسىمۇ جىددى خىزمەت چىقىپ قېلىپ ھەر دائىم چاقىرتىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئېسىدىن چىقارمايۋاتقانلىقى كۆرگەن مەن، نېمە دەپ دەم ئېلىشقا چىقىپلا كەتمەيدىغانلىقىنى سورىشىم بىلەن ئۇ كىشى كۆزۈمگە قاراپ «ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ خىزمىتىم بولمايدىغان بولسا، مەن يەۋاتقان مۇشۇ تاماق نەدە تۇرۇپتۇ؟» دەپ كىنايىلىك جاۋاب بەرگەن ئىدى. باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ پىشقەدەم ياپونىيەلىك قوللىرى تىتىرىگەن، ھەرىكىتى قولايسىزلاشقان، 4 سائەت ئايرۇپىلاندا ئۇلتۇرۇشمۇ تەسلەشكەن مۇشۇ يېشىدا يەنىلا خىزمەتنى قولدىن بەرمىگەن ئىدى. يېنىدىكى خىزمەت تېلېفونى سايراپ، تېز كېلىش تەلەپ قىلىنسا مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شەرتسىز خىزمەت ئورنىغا قايتاتتى.
ياپونىيەلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن يېشى خىزمەت قورامىغا يەتكەنلا بولسا قىلىدىغانغا خىزمەت بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم. مەيلى ئۇ خىزمەت قانچىكى ئاددىي، ياكى قانچىكى مۇشكۈل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىزمەت، شۇ خىزمەت ئىگىسىنى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بىردىن بىر قورال.
خىزمەت تېپىش ياشاش شارائىتى ھازىرلاش بىلەن باراۋەر. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە مەيلى قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولمىسۇن، مەلۇم خىزمەت ئورنىغا ئېرىششىلگەندىلا ياشاشنىڭ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ. مېنڭ ئۇنداق ئىقتىدارىم بار، مۇنداق ئىقتىدارىم بار دەپ خىزمەتنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىشىنى كۈتۈش سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق.
جەمئىيەتكە يېڭىلا قەدەم قويغان، ئۆزەمدە بەش خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېلېكتىر كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان نەتىجەم بولغان چاغلىرىمدا خىزمەت تاللاش يۈزىسىدىن بىر مەزگىل خىزمەتسىز ئۆتكەن ۋاقتىم بولغان. خىزمەتتىن ئېچىرقاپ كەتكەن مەن، كەسپىمگە ۋە تىل ئالاھىدىلىكىمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا بارغان ئىدىم. تۈنجى قېتىملىق ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمدا دەسلپكى ئۇچرىشىشتا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىم، تاماقلىنىش شارائىتىمنىڭ باشقا خىزمەتچىلەرنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىم. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بەدىلىگە بىر ئاي مۇسۇلمانچە ئەمەس تاماق ئۈستىلىدە گاڭپەن دۈملەيدىغان قازاندىن ئۆزەمنىڭ خاس قاچامغا گاڭپەننى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇ ۋە لازا تەككۈزۈپلا تەخسىدىكى قورۇمىلارغا چوكا سوزماي يېيىشكە مەجبۇر بولغانمەن. مۇددەت بىر ئايغا توشقاندىن كېيىن مېنى خىزمەتكە قوبۇللىغانلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا نائىل بولۇپ، مېنىڭ تاماقلىنىش ئادىتىم ئۈستىدە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈشلەر بولۇنغان ۋە ماڭا ئايرىم قازان- قۇمۇچ تەييارلىنىپ، توخۇنى ئۆزەم سويۇپ بېرىدىغان، گۆشنى ئۆزەم دەم ئېلىش كۈنلىرى سېتىۋېلىپ كېلىدىغان پۇلىنى ئاشپەز بېرىدىغان ۋە كۈنلىكى ئۈچ ۋاق تامىقىمنى ئاشپەز مېنىڭ تەلىۋىم بويىچە ئايرىم قازان، ئايرىم قوراللاردا باشقىلارنىڭكىگە قىلچە ئارىلاشتۇرماسلىق شەرتىدە ئېتىپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى.
ئەگەر يېڭىدىن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئۆزەمنىڭ تاماقلىنىش شارائىتىم ئۈستىدە ئۆز تەلىۋىمنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولسام بۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىم ئېنىق ئىدى. ئۇلار بىر ئايلىق كۈزىتىش جەريانىدا مېنىڭ ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك ياخشى خىزمەتچى بولۇپ چىقىدىغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن مېنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان ۋە مېنىڭ تەلىپىم بويىچە ئورۇشلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
شۇ ئورۇندا ئىشلەپ بىر يىلدىن ئاشقاندىن كېيىن ھەر قېتىملىق ئىختىساسلىقلار بازىرىغا خىزمەتچى قوبۇللاشقا بارىدىغان چاغدا مەيلى قايسى بۆلۈمگە بولمىسۇن، مەن بىلەن ئالاقىسى بولسۇن بولمىسۇن مېنى بىرگە ئېلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللەندى. خىزمەت ئىزدۈگۈچىلەر ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغان مۇشۇ قىستاڭچىلىقتا ھەر بىر خىزمەت ئىزدىگۈچى بىلەن قىسقا پاراڭلىشىپ دەسلەپكى باھانى بېكىتىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن ئىدى.
خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، ئۇ خۇددى چۆلدە ئۇسسۇلۇقتا ھالى قالمىغان يولۇچىنىڭ سۇغا تەشنا بولغىنىدەك تەشنالىق جەريان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ياراتساڭ ئىشلەيمەن، ياراتمىساڭ تۇرقۇم شۇ ماڭىمۇ ئامال يوق دەيدىغان بەخۇتلۇق ئىچىدىكى تاللاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىر ئۆلۈش خىزمەت قىلىپ قېلىش پۇرسىتىنى بايقىغان ھامان يۈز ئۆلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئەشۇ خىزمەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەش كېرەك. بولمايدىكەن جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇشقا ئامال يوق، ھەتتا نورمال ياشاشقىمۇ ئىلاج يوق، كوچا پىكارتەلەپلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.
خىزمەت ئىزدەش تولىمۇ مۈشكۈل، قىلچىلىك بىخەستىلىك قىلىشقا بولمايدىغان مۇرەككەپ بىر جەريان. بىر ئادەمنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق خىزمەتنى قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان ھەممىگە قادىر ئونۋېرىسال ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى بايقىغان ئاساستا ئۆزىنىڭ كەسپى، ئىشتىن سىرت ئۆگەنگەنلىرى ۋە ئۆزىدە ئەزەلدىن بار بولغان ئارتۇقچىلىرىنى ياخشى رەتلەپ چىقىپ، شۇنىڭغا مۇمكىن قەدەر ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش ئارزۇسىنى سۇنغاندا خىزمەت تېپىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ باشقا بىر ئادەم بىلەن ئىقتىدار، ئالاھىدىلىك جەھەتلەردە ئوپ-ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىكى بولغىنى ئۈچۈن ھەممىلا ئادەمگە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت تېپىلىدۇ. خىزمەت تېپىشتا مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئەمەس مېنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان مۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىم بار دېگەننى كۆپرەك ئويلاشقان تۈزۈك. شۇڭا خىزمەت تېپىشتا مېنىڭ پۇت- قولۇم تۈزۈك، بەش ئازايىم تولۇق، باشقىلار قىلالىغان ئىشلارنى مەنمۇ قىلالايمەن دېيىش روشەنكى خىزمەتسىز قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە مەن باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايدىغان بولۇشقا تىرىشقاندىن باشقا مېنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكىرىم بولغاچقا مەن يەنە مۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمەن دېيىش خىزمەت تېپىشىڭىزنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئەتراپلىق دەڭسەپ، ئېرىشمەكچى بولغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە، ئۆز-ئۆزىگە ئالدىن ئالا باھا بېرىپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈش دەل يۇقىرىقىلارنى ھازىرلاشنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بىلىم ئېلىش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم ۋاقىت ۋە زېھىن چىقىرىپ خۇددى كۈندىلىك خاتىرە يازغانغا ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى باھا بېرىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىشى، پۇرسەتلا بولسا ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىپ بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەت ئىلتىماسى سۇنۇپ بېقىشى كېرەك. گەرچە كۆپ ھاللاردا كەسپى تېخى تاماملانمىغان، جەمئىيەتتىكى خىزمەت ئېھتىياجىدىن خەۋەرسىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى قوبۇللاشقا ئېرىشەلمىگەن تەغدىردىمۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ تەييارلىق باسقۇچىنى بېسىشقا تەجرىبە توپلىغان بولىدۇ. خىزمەت تېپىشتىكى ئۆز ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ باشقىلارنىڭ قوبۇللىشىغا ئېرىشىش ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىلەن ئوخشاش، خىزمەت تېپىشتىكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش بولسا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى بەرگەن بىلەن ئوخشاش. بۇنداق ھەل قىلغۇچ ئىمتاھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈنمۇ ئالدىن پۇختا، ئەتراپلىق، تەكرار تەييارلىق قىلماي بولمايدۇ. يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتىكى كەسىپ ماس كەلمەسلىك، شارائىت يار بەرمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم رەت قىلىنىش دەل ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقىدەك چېنىقىش پۇرسىتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن نۇرغۇن ئىقتىدارلىق ياشلار يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتە غەلبە قىلالمىغاننى ئاز دەپ، روھى جەھەتتىن زەربە ھېس قىلىپ، يەنىمۇ ئىزدىنىپ قايتا خىزمەت ئىزدەش راھىدىن يانىدۇ-دە باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتۈپ يېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل ساقلاپمۇ تۇراقلىق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمەي جەمئىيەتتىن زارلىنىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ تەغدىرى روشەنكى خاراپلىققا يۈزلىنىپ جەمئىيەتكە يۈك ھەتتا بالايى-ئاپەت بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەكسىچە ھەر قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ بولغىنىنى جەمئىيەتنى چۈشۈنۈپ بېقىش، ئۆزنى يەنىمۇ پۇختىلاش ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداقلا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى مۇمكىن قەدەر قەدىرلىشى كېرەككى، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئارىغا ئادەم سېلىش، ئارقا ئىشىك قىلىشقا ئورۇنۇش، سىرتتىن تىڭتىڭلاپ كۆرۈشلەرنىڭ ھەممىسى شۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنىڭ پۇرسىتىنى يوققا چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھەر بىر خىزمەت ئورنىنى خۇددى ئۆزىگە سېلىنغان بىر قېتىملىق بويۇنتۇرۇقتەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش تىپىدىكى مۇئامىلە ۋە گەپ ئۈستىدە ئۆزى ئۈستىدە توختالماستىن كەلگۈسى خىزمەتنىڭ سالمىقى، خىزمەت ۋاقتى، تەمىناتلار ئۈستىدە تولا سوئال سوراشلار خىزمەت ئىزدۈگۈچىنىڭ خىزمەتسىز قېلىشىغا ئاساسلىق سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. ھەقىقىي، مەلۇم بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەمدە شۇ خىزمەتنى مەن قىلىپ باقسام دېيەلەيدىغان جۈرئەت بولۇشى كېرەككى باشقىلار ماڭا شۇ خىزمەتنى قىلغۇزماقچى دەيدىغان ئوي بولماسلىقى كېرەك. كېيىنكى تەغدىرىگە بېرىپ چېتىدىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىشقا قورقماي جۈرئەت قىلغۇدەك جاسارەت بولمىغان، ئۆز ئارزۇسى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئىتى بولمىغان ياكى مۇستەققىل يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە پېتىنالمىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلىشى تۈپتىن مۇمكىن ئەمەس.
خىزمەت دېمەك شۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغانىكەن، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇچۇن ئورتاق مەجبۇرىيەت. مەيلى ئۇ خىزمەت سىزگە لايىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ھەتتا سىزگە لازىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئەشۇ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت. ئادەملەر خىزمەت- ئەمگەك قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. جەمئىيەتمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىقلا تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن خىزمەت تېپىش پەقەت يېڭىدىن جەمئىيەتكە چىققانلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، پەقەت ئەقلىي ھۇشى جايىدا، مەلۇم ھەرىكەت ئىقتىدارى بار ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ داۋاملىق ئويلايدىغان ئىشى بولۇشى كېرەك. خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 80 ياشلىق بوۋايغا ئوخشاش مىدىراش مۈمكىنلىكى بولسىلا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەسلىكى، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىشقا ئورۇنماسلىقى كېرەك. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم داۋاملىق ئۆز خىزمەت ئورنى بولۇشىنى چوڭ بۆلۈشى، خىزمەت ئورنى يوقلار تېخىمۇ خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشى، شۇنداقلا خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى قەدىرلىشى كېرەك.
شۇنداقلا ھەرقانداق بىر ياش ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئاممىۋىي مۇناسىۋەت قىلىشتىمۇ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ تۇرۇشى، ئۆز-ئۆزىگە باھا بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنىڭ ئارخىپ ماتېرىيالىنى رەتلەپ يېزىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
2011-يىلى 4-ئىيۇل ئۈرۈمچى، مەنبە: جەك بىلوگى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-18 18:22:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار  دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.
بۇ بىر ئابزاسنى ئوقۇپلا، بۇ يازمىنىڭ بىر ئادەم زەھەرلەيدىغان ئەخلەت يازما ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ، داۋامىنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم!

باھا سۆز

/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5892 دوستۇم ئالاھىدىن:بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر شۇنداق ئورۇنلۇ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-19 14:53
ۋاقتى: 2012-9-18 18:53:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 18:22
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنق ...

ئالاھىدىن ئەپەندى يوقۇردىكى ئىنكاسىڭىز  مەنچە ياخشى بولمىدى دەپ قارايمەن . سىز بىر ئەقىللىق ئادەم باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشىڭىز كېرەك .
ھەر قانداق بىر  نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ئۇنى چۈشىنىش سىزنىڭ شۇ نەرسىگە بولغان كۆز قارىشىڭىزدا ، بۇ تېما  بەلكىم سىز ئۈچۈن ئەخلەت بولغىنى بىلەن باشقىلار ئۈچۈن بىر يېتەكچى بولىشى مۈمكىن. شۇڭا بۇنداق باھا بېرىشىڭىز باشقىلارنى ھاقارەتلىگەنلىك بىلەن باراۋەر .
ۋاقتى: 2012-9-18 19:02:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن خىزمەت تاپماق تەس بولماقتا .
ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارى ھەم تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جەمىيەتتىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىش  ھەم  تۇرمۇشىنى قامداشنى گۇناھ ئەمەس .
ئەمما ھەممىمىزنىڭ ئېسىمىزدە بولسۇنكى
بىلىم جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىگەن ، لېكىن ئەخلاق جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىمىگەن ئادەمنى ئالغا باستى دىمەي كەينىگە چېكىندى دىگەن تۈزۈك .  
ۋاقتى: 2012-9-18 19:02:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۈنلەردە ھەقىقەتەن خىزمەت تاپماق تەس بولماقتا .
ئۆزىنىڭ  ئىقتىدارى ھەم تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جەمىيەتتىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىش  ھەم  تۇرمۇشىنى قامداشنى گۇناھ ئەمەس .
ئەمما ھەممىمىزنىڭ ئېسىمىزدە بولسۇنكى
بىلىم جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىگەن ، لېكىن ئەخلاق جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلىمىگەن ئادەمنى ئالغا باستى دىمەي كەينىگە چېكىندى دىگەن تۈزۈك .  
ۋاقتى: 2012-9-18 22:57:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
گۈلزار خانىم، ئاۋۇ ئۇيغۇرچە جۈملىنى چۈشەنگەنسىز؟!....

باھا سۆز

ئالاھىدىن ئەپەندىم كەچۈرۈڭ سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن بىلىملىك، ھەممە ئىشلاردا پىشقان قابىل ئۈلگە،ئىستىب تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-19 02:06
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-19 01:58:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت دىگەن يالغۇز ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگۈلەنگەن خىزمىتىكىلا قارىتىلغان بولماستىن، ھەرخىل ئىجتىمائىي، خۇسۇسى خىزمەتلەرمۇ خىزمەت ھېسابلانمامدۇ؟ ھەر بىر ئادەم تېرىكچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلمىسا بولماس؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-19 02:06:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 22:57
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنق ...

ئالاھىدىن ئەپەندىم كەچۈرۈڭ سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتايىن بىلىملىك، ھەممە ئىشلاردا پىشقان قابىل ئۈلگە،ئىستىبداتلىق قەلەمكەش ھېسابلىناتتىڭىز، مانا بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك قىلىمەن، ئەپسۇس مەن تېخى سىزنى چۈشۈنۈپ يېتەلمەپتىمەن. كەچۈرۈڭ بۇ تېما ئۇيغۇرچە بولسىمۇ ۋەزنىنى چۈشىنەلمىگەن ئوخشايمەن مەن بىلەرمەنلەردىن كۆپرەك تەلىم ئالسام بولغۇدەك......
ۋاقتى: 2012-9-19 12:02:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alahidin يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 18:22
خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنق ...

ھاي-ھاي ،ئالاھىدىن ئەپەندىم، باشقىلارغا ئۇنداق قاتتىق تەگمەڭ
ھەركىمنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى ھەم چۇشىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ.(گەرچە قەلەم قۇۋۋەتتە سىزگە يەتمىسەكمۇ)
لىكىن خىزمەتنىڭ بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش كەچۇرىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى ئىنىققۇ؟ ھەر بىر ئادەم ئۆز خىزمىتىگە تۇشلۇق ھەققە ئىرىشىش ئارقىلىق ئۆز ئائىلىسىنى قامدايدىغىنى ھەقىقەتقۇ؟ ئۇنتۇپ قالمىغايسىز، سىز مۇنبەر باشلىقى، بايقاشتىكىلەرگە ئۇستاز بولغۇدەك ئادەمسىز. بەلكىم تەپەككۇر سەۋىيڭىز بىزلەرنىڭكىدىن يۇقىرىدۇ. ئۆزگىچە پەلسەپىۋى قاراشلىرىڭىز باردۇر،سىز بىزنىڭ قاراشلىرىمىزنى بىر ئاۋاز  بىلەن ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىدە ئەمەس بەلكى لايىقىدا تەنقىد ھەم تەكلىپلەر بىلەن تۇزىتىش، يىتەكلەش  مەجبۇرىيتىڭىز باردۇر.
ئەگەر بۇ تىما ھەققىدە باشقىچە قاراشلىرىڭىز بار بولسا مۇۋاپىق ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

باھا سۆز

قوللايمەن! تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-19 22:51
ۋاقتى: 2012-9-19 12:04:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XAM يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 02:06
ئالاھىدىن ئەپەندىم كەچۈرۈڭ سىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنتا ...

بۇرادەر، سىزمۇ ئۇنداق دەپ كەتمەڭ، ئۆز ئارا قىيداشساق ياخشى بولماس،مۇنازىرە ئىلمى يوسۇندا داۋاملاشقىنى ياخشىغۇ دەيمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:12, Processed in 1.077807 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش