alahidin يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:22  خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنق ...
ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرۈش ۋە ئوقۇشقا، مەزمۇنىنى چۈشۈنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۆۋەتتە بىر قىسىم تورداشلاردا ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىنى ئەستايىدىل كۆرمەي، مەزمۇنىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ماۋزۇسىغا قاراپلا، قول ئۇچىدا ئىنكاس يازىدىغان (تاغ ھەققىدىكى ماتىرىيالغا، باغ ھەققىدە ئىنكاس يازىدىغان) مەسىلىلەر كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھالەت تېما يوللىغۇچىلارنىڭ ۋە ئىنكاس يازغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىغا، مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىگە داغ تەككۈزىۋاتىدۇ. شۇڭا بارلىق تورداش دوستلار ئىنكاس يازماقچى بولغان تېمىلارغا ۋە يازماقچى بولغان ئىنكاسلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك... /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5892
دوستۇم ئالاھىدىن: بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر شۇنداق ئورۇنلۇقكەنغۇ؟! دىمىسىمۇ خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇچۇن ئورتاق مەجبۇرىيەت، بەلگىلىك خىزمەت ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھاياتىنى، تۇرمۇشىنى قامدايدىغان مۇھىم كاپالەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتتىكى جىنايى ئىشلار دىلولىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى جەمىيەتتە مۇقىم خىزمىتى يوق، خىزمىتىگە يارىشا كىرىمى يوق كىشىلەر پەيدا قىلىۋاتىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە زىيان سېلىپ، جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ مۇقىم خىزمىتى، نورمال ماددى ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇدەك بەلگىلىك كىرىم مەنبىيى بولغان بولسا ئىدى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى، تۈرمىلەر ئازايغان بۇلاتتى. سىز ۋە ماڭا ئوخشاش باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەستايىدىل، كەڭ قوساق، سالماق بولغىنىمىز ياخشى. مۇنبەردىكى تېمىلارغا ئوقۇماي، كۆرمەي تۇرۇپ ئىنكاس ۋە باھا بېرىدىغان ئىشلار ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. تەكلىۋىم: بۇ ماقالىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ. دوستىمىز شام ئەپەندىنى بارا-بارا چۈشۈنۈپ قالىسىز، ئۇ مۇنبىرىمىزنىڭ كونا، غوللۇق ئەزاسى، ئۇنىڭ بۇرۇن يوللىغان ۋە ھازىر يوللاۋاتقان تېمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇ ھەرگىزمۇ سىز ئېيتقاندەك پۈچەك، ئەخلەت تېما يوللىمىغان ھەم يوللىمايدۇ.
ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق غەلىبە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 01:34
|