خىمىيدىكى مېتالاردىكى «ئەڭ» ئىنسانلار بايقىغان 100نەچچە مېتاللار ئىچىدە 4/5كە يىقىنى مېتال ئېلېمنتتىن ئىبارەت. بۇنچە كۆپ مېتال ئېلېمېنت ئىچىدە قايسىلىرى «ئەڭ » بولىدىغانلىقىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ پايدىلىنىشقا سۇندۇق. 1. سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان مېتال- سىماپ. ئۇنىڭ سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى -38.9℃. 2. سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېتال- ۋولفىرام. ئۇنىڭ سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى 3410℃دىن يۇقىرى . 3. قايناش نۇقتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېتال – ئوسمىي. ئۇنىڭ قايناش نۇقتىسى 5300℃دىن يۇقىرى 4. زىچلىقى ئەڭ كىچىك مېتال – لېيتى. ئۇنىڭ زىچلىقى 0.5g/cm3 5. زىچلىقى ئەڭ چوڭ مېتال –ئوسمىي. ئۇنىڭ زىچلىقى 22.48g/cm3 6. قاتتىقلىق دەرىجىسى ئەڭ كىچىك مېتال-سېزىي. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى 2(ئالماسنىڭ قاتتىقلىق دەرىجسى 10) 7. قاتتىقلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ مېتال-خىروم. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى 9(ئالماسنىڭ قاتتىقلىق دەرىجسى 10) 8. يېيىلىشچانلىقى ئەڭ ياخشى مېتال – ئالتۇن. ئەڭ نىپىز بولغان ئالتۇن ياپراقچىسى پەقەت 1×10-4nm بولۇپ، بىر گرام ئالتۇننى سوزۇپ 4000مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى ئالتۇن سسىمغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. 9. توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى مېتال- كۆمۈش. ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى سىماپنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ 59ھەسسىگە تەڭ. 10. توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخشى مېتال- كۆمۈش. ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى سىماپنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقىنىڭ 59ھەسسىگە تەڭ. 11. يەر پوستىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ ئېلېمېنت - ئاليۇمىن. ئۇنىڭ يەر پوستىدكى ومۇمىي مىقدارى 7.7% نى ئىگلەيدۇ. 12. پۇتۇن يەر شارى بويىچە ئىشلەپچقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ مېتال – ئاليۇمىن. 13. ئۆسۈملۈك ھۆجەيرىسىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ ئېلمېنىت – كالتىسى . 14. ئاتوم رادىئوسى ئەڭ كىچىك بولغان مېتال ئېلېمېنت – بېرىلىي. ئۇنڭ ئاتوم رادىئوسى 0.113nm . 15. مول ماسسى ئەڭ كىچىك بولغان مېتال ئېلېمېنت- لىتىي. ئۇنىڭ مول ماسسى 6.94g/mol. 16. ئېلېكتر مەنفلىكى ئەڭ كىچىك بولغان مېتال ئېلمېنىت – سىزىي. ئۇنىڭ ئېلېكتر مەنفىلىكى 0.86 17. بىرنچى ئىئونلىنىش ئېنېرگىيسى ئەڭ كىچىك بولغان مېتال – سىزىي. ئۇنىڭ بىرنچى ئىئونلىنىش ئېنېرگىيسى 3.894eV 18. پروتون سانى ئەڭ كىچىك بولغان مېتال – ئېلېمېنت – لىتىي. ئۇنىڭ پروتون سانى 3. 19. نوكلىئون سانى ئەڭ كۆپ مېتال ئېلېمېنت – قەلەي جەمئىي 10خىل نوكلىئونى بار. 20. ئەڭ يۇقىرى كېرتك تېمپېراتۇرىغا ئىگە مېتال – لانتان. ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى كېرتك تېمپېراتۇرىسى Tc=12.5K 21. دېڭىز سۈيدىكى ساقلىنىش مىقدارى ئەڭ كۆپ رادىئاكتىپ ئېلېمېنت – ئوران. ئەڭ كۆپ بولغاندا 10نەچچە توننىغا يىتىدۇ. 22. رادىئاكتىپلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مېتال ئېلېمېنىت – رادىي. رادىينىڭ بىر سائەت ئىچىدە 285.1J ئىسىسقلىق قويۇپ بېرىدۇ. 23. نۇر تەسىردە ئەڭ ئاسان توك ھاسىل قىلىدىغان مېتال – سىزىي . 24. ئەڭ كۆپ مېتال ئېلمېنىتنى بايقىغان ئالىم – ئامرېكىلىق جۇنسۇن. بۇلۇپ، 95-نومۇرلۇق ئېلېمېنتىن 106-نومۇرلۇق ئېلېمېنتقىچە جەمىئي 12خىل مېتال ئېلمېنتىنى بايقىغان. 25. ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان مېتال ئېلېمېنىت – ئالتۇن. 26. ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن مېتال ئېلېمنىت – مىس . 27. ئىسنانلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا قوللانغان مېتال – قەلەي. 28. ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە ئىشلەتكەن مېتال – تۆمۈربولۇپ، ئۇ ئاسماندىن چۈشكەن مېتروىت تاشتىن ئىبارەت. 29. ئەڭ ئاكتىپ مېتال – فىرانسىي . 30. ئەڭ پاسسىپ مېتال – ئالتۇن. 31. ئەڭ قىممەتلىك مېتال- كالفورنى . 32. ئەڭ زەھەرلىك مېتال – پىلوتونى. 33. ئەڭ بۇرۇن سۇنئىي ئۇسۇلدا سېنتىزلەپ چىققان مېتال ئېلېمېنت 43- نومۇرلۇق ئېلېمېنىت- تىخنىتىسى. 34. ئىنسانلار ئەڭ بۇرن سېنتىزلەپ چىققان رادىئاكتىپلىق مېتال – 93-نومۇرلۇق ئېلېمېنت نېپتونىي . 35. گازنى ئەڭ ياخش سۈمۈرىدىغان مېتال ئېلېمېنت- پاللادىي . بىر ھەجىم كوللوئىد ھالەتتىكى 1200ھەجىم ھىدروگېن گازىنى سۈمۈرەلەيدۇ. ئەسلى ھۆججەتنى بۇ يەردىن چۇشۇرۋېلىڭ: 点击进入下载-化学金属中之最.doc رەتلىگۈچى: يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەزىزجان ھۈسيىىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ezizks-sc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 10:01
|