بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XAM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-14 20:56
نەمۇنىلىك مائارىپچىلار ئائىلىسى بەرپا قىلىش، يولغا قويۇش لايىھىسى
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ : 点击进入下载- 创建“先进、模范”职工之家实施方案
[url]http://pan.baidu.com/share/link?shareid=548179927&uk=2016269290
ئاقسۇ شەھەرلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپ 2013- يىللىق «ئىلغار، نەمۇنىلىك» مائارىپچىلار ئائىلىسى بەرپا قىلىش يولغا قويۇش لاھىيىسى 阿克苏市第九小学2013年度创建“先进、模范” 职工之家实施方案
مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىمىز، ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى، مائارىپ ئىدارە پارتىكومىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مائارىپ ئىشچىلار ئويۇشمىسى، باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاساسىدا نۆۋەتتىكى ئىسلاھات قەدىمىگە ماسلىشىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتاي روھى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوقو- ئوقۇتۇش تەرەققىياتىنى يوقۇرى كۆتىرىشنى مەركەز، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش، ئوقۇتقۇچى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە جەمىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداشنى ئاساسى لېنىيە قىلىپ، مەكتەنىڭ دېموگىراتىك سىياسى قۇرلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپچىلار قۇرۇلتىيى تۈزىمىنى ئومومىيۈزلۈك تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانونلۇق ھوقوق مەنپەتىنى قوغداش ۋە «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتىۋىمىزدىكى ھەرمىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجاتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىناق مەكتەپ، ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش مۇساپىسىدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، سىياسى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تۈزۈم جەھەتتىن ئەملىلەشتۈرۈش، ساپا جەھەتتىن ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھوقوق جەھەتتىن قوغداپ، ئويۇشما خىزمىتىنى ھەقىقى تۈردە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، پىرىنسىپنى ھەقىقى ئەملىلەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازات بۇلۇپ، مەكتىۋىمىزنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھاتى مەكتەپ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، تەلىم- تەربىيە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، پاسسىپ ئامىللىرىنى چەكلەپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، قەتئى ئىرادە بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، مەكتىۋىمىزنىڭ ئىسلاھات قەدىمىنى تىزلىتىپ، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەت ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مىخاينىزىمىنى كىرگۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا رىقابەتكە تايىنىش، ھەق ئېلىشتا تۆھپىگە قاراش، بېسىمنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقى ئەملىلەشتۈرۈپ، تەلىم- تەربىيە ،ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بۇلۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش قەدىمىنى يەنىمۇ چوڭايتىپ، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوتتۇرىغا قويغان خىزمەت نىشانىنى ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك نىشان كۆرسەتكۈچىنى تولۇق، سۈپەتلىك ئورۇنداپ، يىلمۇ- يىل ئەلا نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش. مەكتىۋىمىزنى شەھرىمىز مائارىپ سېستىمىسى بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردىغان مەكتەپلەرگە يېتىشىۋېلىش، « ئۈچ مەدىنىيلىك قۇرلۇش» نى چىڭ تۇتۇپ، مەدەني سىنىپ، مەدىنىي ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى، ئىشخانا، مەدەنىي ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچى، ئوقۇغۇچى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، راۋاجلاندۇرۇپ، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش، مەكتەپنى دىموگىراتىك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئەستايىدىل ئۆگىتىپ، خىزمەت جەريانىدا توغرا تەدبىقلاپ، ئەملىلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى ئالاقىدار خادىملار خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن مەسلىلەرنى ئىشچىلار ئويۇشمىسى ۋە مەمۇرىيەتكە ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى، ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ لاھىيە شۇ ئاساستا ئۈزلىكسىز تۈزىتىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يولغا قويۇلىدىغان تۈرلۈك باشقۇرۇش ئەندىزىلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىمىز، 2008- يىلى 4-ئاينىڭ 29- كۈنى ۋىلايەت دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى» دىگەن شەرەپكە، 2009- يىلى 4- ئايدا ۋىلايەت دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى ئۈلگىسى» دىگەن شەرەپكە، 2011-يىلى 12-ئايدا ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك «نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى » دىگەن شەرەپكە ئېرىشكەن بۇلۇپ، بۇ يىل ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك «ئىلغار، نەمۇنىلىك» مائارىپچىلار ئائىلىسى دىگەن شەرەپنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مائارىپ ئىدارە ئىشچىلار ئويۇشمىسى، باش ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاساسىدا نۆۋەتتىكى ئىسلاھات قەدىمىگە ماسلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ۋە پەن- مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، سىياسى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تۈزۈم جەھەتتىن ئەملىلەشتۈرۈش، ساپا جەھەتتىن ئۆستۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھوقوق جەھەتتىن قوغداپ، ئويۇشما خىزمىتىنى ھەقىقى تۈردە كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، پىرىنسىپنى ھەقىقى ئەملىلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك « نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى»نىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. 1. مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قوشۇن قۇرلىشىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن پارتىيە- ئىتىپاق ئەزالىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇرسەت، شارائىتلار بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇش تارىخىدا لاياقەتلىك ئورۇن دىگەن نامنى قولغا كەلتۈرمىز. 2. سىياسى ئىدىيىۋى خىزمەتتە:- «پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاشنى» نەزىريىۋى ئاساس قىلىپ، ”ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى“ نى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوقو- ئوقۇتۇش تەرەققىياتىنى يوقۇرى كۆتىرىشنى مەركەز، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى قوغداش، ئوقۇتقۇچى ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنى ۋە جەمىيەت مۇقۇملىقىنى قوغداشنى ئاساسى لېنىيە قىلىپ، « ئىدىيە، سىياسى نەزىرىيە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئومۇمى ساپاسىنى ئۆزلىكسىز ئۆستۈرىمىز. بارلىق ئويۇشما ئەزالىرىنى”ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى“ نى ئومومىيۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى يىتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ”ئىشچىلار ئۇيۇشما نىزامنامىسى “ ، ”تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىشچىلار ئۇيۇشما قانۇنى “ ، ”پۇخرالار ئەخلاق ئۆلچىمى“ ، ”ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى “، ”ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاق ئۆلچىمى“، ”ئەمگەك قانۇنى“ ، ”ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى “ نى قايتا-قايتا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۈگۈنگەنلىرىدىن خاتىرە قالدۇرۇش، مۇھاكىمىگە قاتناشتۇرۇش ۋە تەسىرات ماقالىسى يازدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ سىياسى نەزىرىيە ئېڭى ۋە سىياسىغا بولغان كۆزقارىشىنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. 3. ئۇيۇشما ئەزالىرىنى تۈرلۈك كەسپى ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىش ۋە ئۆزلىكىدىن بىلىم ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىىتى يۇقۇرى بولغان مەكتەپلەرگە بېرىپ، دەرس تىڭشاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ، مەكتىپىمىزنىڭ يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىشكە شەرت-شارائىت يارىتىپ بىرىمىز. پۇقرالار ئەقلاق قۇرلىشى نىزامنامىسى، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىشچىلار ئويۇشمىسى قانۇنىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى، ئۆز- ئارا ئىتىپاقلىقنى ياخشىلاپ ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. 4. ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر كومۇتىتى خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز. (1) مەكتىپىمىزدە 23 نەپەر ئايال خىزمەتچى بولۇپ، بۇ ئۇمۇمى ئىشچى-خىزمەتچى سانىنىڭ %72 نى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئۇيۇشمىمىز، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر خزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. بۇنىڭدا ئۇيۇشما قانۇنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش، پىلانلىق تۇغۇت، كىچىكىپ توي قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. (2) ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي روھى-ساغلاملىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، دەم ئېلىش، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا ئوخشاش ئىشقا، ئوخشاش ھەق ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە مۇۋاپىق ھەق بېرىش، بىخەتەرلىك ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ. يىلدا بىر قېتىم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ، كېسەل چىققانلارغا داۋالىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، كېسىلىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. (3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تارمىقىدىكى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر كومىتېتى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە ئۇلارنى كىچىكىپ توي قىلىش ۋە پىلان ئىچىدە پەرزەنت كۆرۈشنى، كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ. ۋاقتى توشماي تۇرۇپ پەرزەنت كۆرىدىغان ۋە قالايمىقان بالا چۈشۈرۈپ نورمال خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار قەتئى مەنئى قىلىمىز. (4) ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ يېشىغا توشمىغان بالىلىرى بولغاندا ئۇلارغا بالا ئېمىتىش ۋاقتى ئاجىرتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم خىزمەت ئىشلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىمىز. (5) ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلىرىنىڭ ساقلىقنى-ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. پەسىل خارەكتېرلىك ئەملەش، دورا يىگۈزۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتىمىز. 5. ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر كومۇتىتى، راسخوت تەكشۈرۈش كومۇتىتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىل تۈزىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قەرەرلىك چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. 6. تەشكىلى قۇرلۇش خىزمىتىدە:- كادىرلار ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشچىلار ئويۇشمىسىنىڭ فونكىسىيىسىنى كېڭەيتىپ، ئويۇشما تەشكىلى قۇرلۇش خىزمىتىدە يېڭى باشلىنىش ھاسىل قىلىپ، ھەرخىل تەشكىلى ئاپاراتلارنىڭ مۇكەممەللىگى، رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم نوقتا، قېيىن نوقتا، قىزىق نوقتىلارنى ھالقىلىق خىزمەت قىلىپ چىڭ تۇتۇپ ئاممىنىڭ رازى بۇلۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. 7.ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش، ئۆي تەخسىم قىلىش، مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش ۋە مەكتەپ دەرىجىلىك ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش خىزمىتىدە دىموكراتىيە بىلەن مەركەزلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئادىل، ھەقىقى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇرش بىلەن بىرگە سايلىنىپ چىقىش ئەھۋالىنى شۇنداقلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا قاتنىشىش، ئىش ھەققى قوشۇلۇش ئەھۋالىدىن ۋاقتى- ۋاقتىدا باڭ چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى خەۋەردار قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 8. نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەكتەپىمىزدىكى ئائىلىسىدە ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، ھەرخىل يوللار بىلەن ئۇلاردىن ھال سوراش، دەردىگە دەرمان بولۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيىنىڭ نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇش، توغرىسىدىكى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىمىز.ئىشچىلار ئويۇشمىمىز پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ مېھرىشەپقەت يەتكۈزۈش قۇرلۇشىنى يولغا قويۇشىغا ماسلىشىپ، قېيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەر، نامرات قىيىنچىلىقى بار ئاھالە ۋە پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە پارتىيىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، ئوقۇش قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆز- ئارا قوللاش، ئۆز- ئارا ياردەم بىرىش ئاساسىدىكى يېڭى بىر ئىشچىلار ئويۇشما تەشكىلىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. 9. ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ مەدەنىي مەشغۇلات پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نورمال مەدەنىي مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇشقا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا،ئايدا بىر قېتىم مەزمۇنى مول بولغان ئەدەبىي-سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق مەدەنىي مەشغۇلات پائالىيىتى ئارقىلىق خىزمەت بىلەن نورمال ئارام ئالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى خارەكتېرلىك ئەدەبىي سەنئەت، مەدەنىي مەشغۇلات ۋە تەنتەربىيە پالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ. ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەدەنىي مەشغۇلات ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. 10.مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ مالىيەسى، ئويۇشما ھېساۋاتى ۋە ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك بولغان تۈرلۈك سان-سىتاتىستىكىلارنى ۋاقتىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئېلان قىلىپ، مەكتەپ ئىشلىرىدا ئوچۇق ئاشكارە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى خارەكتېرلىك ئەدەبىي سەنئەت، مەدەنىي مەشغۇلات ۋە تەنتەربىيە پالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچىلار ئويۇشما خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ. ئايدا بىر قېتىم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپى ئىشلەك، كەسپى ماھارەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپ دەرىجىلىك كەسپى تەربىيلەش خىزمىتىنى ئىلمى بۈلۈم يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز. بىز يوقارقى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ 2013- يىلى ئاقسۇ شەھەرلىك 9- باشلانغۇچ مەكتەپ ئىشچىلار ئويۇشمىسىنى ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك « نەمۇنىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئائىلىسى ئۈلگىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
阿克苏市第九小学工会 2013年3月1日
|