تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2008 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 657|ئىنكاس: 0

ئەركىن ئابدۇللا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
83
قىزغىنلىق
850 سەر
تىللا
604 دانە
تۆھپە
608 سەر
شۆھرەت
701 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 20:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەركىن ئابدۇللا




ئەركىننىڭ سەنئەت ھاياتى ئەركىن(ئۇيغۇر) شىنجاڭ قەشقەردە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن باشلاپ گىتار چېلىشقا ھەۋەس قىلغان. 1999يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەنئەتكە بولغان ئىشتىياقى تۈپەيلى كەسپىي سەنئەت يولىغا قەدەم قويغان ھەمدە ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان. ھازىر جۇڭگو فىلامىنكو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

   ئەركىننىڭ مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى ئەنئەنىۋى مۇزىكىنىڭ ئاددىي تەكرارلىنىشى ئەمەس بەلكى، مىللىي مۇزىكا ئاساسىدا يېڭىلاشتىن ئىبارەت. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى زامانىۋىلىققا ۋە مىللىي پۇراققا ھەم خەلقئارالىق پۇراققا ئېگە. ئەركىننىڭ سەھنە ئۇسلۇبى ھەرخىل. زامانىۋىلىققا ئېتىبار بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

   2002-يىلى ئەركىن ئىجادىيەتچى ناخشىچى سۈپىتىدە ياپونىيە فۇشى(fu Ji) تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان ئۇنىۋېرسال سەنئەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 7-قېتىملىق چېمپىيون بولغان ھەمدە يىللىق باش چېمپىيون بولغان. جۇڭگو-ياپونىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

   2002-يىلنىڭ ئاخىرى نەننىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن <<خەلقئارا خەلق مۇزىكىلىرى بايرىمى>> غا قاتنىشىپ <<قۇملۇقتىن ھالقىغان دولان >> ناملىق ناخشىسى بىلەن خاسلىق مۇكاپاتىغا، <<ئوردام-دولان >> ناملىق ناخشىسى بىلەن خەلق ناخشىسى ماھىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  2003-يىلى ئاپىرىل، ئەركىن ۋە ئۇنىڭ ئانسامبىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتىغا بېرىپ شىنجاڭ مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشكە ئىئانە توپلاش يۈزىسىدىن ئويۇن قويغان،

2003-يىلى ئۆكتەبىردە ، جۇڭگو مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان دۆلەت مۇزىكا ئاۋازى مۇسابىقىسىدە، ئاممىباب ئۇسلۇب بويىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

2003-يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ <<ئۇيغۇر قىزى >> ناملىق ئىجادىيىتى نەننىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا خەلق مۇزىكىلىرى سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئون ئىجادىيەتنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.

2003-يىلى نويابىردا ئەركىننىڭ <<ئۆلگۈدەك كۆيدۈم >> ناملىق ئىجادىيىتى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-قېتىملىق ئاسىيا مۇزىكا بايرىمىدا جېن مېيى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.

2004-يىلى ئەركىن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە <<ئالمىخان >> ناملىق ناخشىنى ئېيتقان .

2004-يىلى يانۋاردا، ئەركىن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى پلاستىنكىسى <<مىڭ بىر كېچە>> نى نەشر قىلدۇرغان.

2004-ئاپرېلدا ئەركىن <<ئەركىن، گىتار شاھزادىسى>> ناملىق vcdپلاستىنكىسىنى شىنجاڭدا نەشر قىلدۇرغان.

2004-يىل ئىيۇندا <<ئەركىن مۇزىكا ئەسەرلىرى توپلىمى >> نى نەشر قىلدۇرغان.

2004-يىلى ئىيۇندا ئەركىن شىنجاڭنى ئايلىنىپ <<تەڭرىتاغ نۇرى>> ناملىق ئىجادىيەت سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن .

2004-يىلى ئىيۇلدا ئەركىنگە قەشقەر ياشلىرىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى دېگەن نام بېرىلگەن.

2004-يىلى ئاۋغۇستتا ئەركىن تۇرپاندا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.

2004-يىلى سېنتەبىردە، <<گىتار شاھزادىسى ئەركىن>> ناملىق vcd dvdپلاستىنكىسى جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىنغان.

2004-يىلى نويابىردا ئەركىن شىنجاڭدا ئۆتكۈزگەن<<قۇياشقا يېقىن كىشىلەر >> ناملىق سەنئەت كېچىلىكى vcdپلاستىنكىسى بولۇپ بازارغا سېلىنغان.

2005-يىلى ئەركىن <<چۈمبىلىڭنى ئېلىۋەت >> ناملىق ناخشىسى بىلەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان.چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان.

2005-يىل 8-ئايدا ئەركىن 3-پلاستىنكىسى <<شەھەر كېچىسى >> نى چىقارغان.

2006-يىللىق مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق كېچىلىكتە ئەركىن <<تۇتاي ساڭا ئەتىرگۈل >> ناملىق ناخشىسىنى ئېيتقان.

2006-يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئەركىننىڭ << نېمە بولدى >> ناملىق ياخشىسى ئەڭ ياخشى سەنئەت ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. (شۇندىن تارتىپ ئۇدا 4 يىل قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتناشقان )

2006-يىل 5-ئايدا ئەركىننىڭ ئانا تىلىدىكى پلاستىنكىسى<<دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ھېكايىسى >> نەشر قىلىنغان.

2007-يىلى 1-ئايدا ئەركىننىڭ 5-پلاستىنكىسى <<ئەركىننىڭ مەھەللىسى>> تارقىتىلغان.

ئەركىننىڭ كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى ئاساسلىق ئېيتقان ناخشىلىرى:
2004-يىلى <<بېجىڭدىكى شىنجاڭلىق قىز >> ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسلىق 7 ناخشىسىنى ئىجاد قىلغان ھەم ئېيتقان .

2005-يىلى 5-ئايدا ئەركىن <<قەشقەردىكى ياشلارنىڭ ئوبراز ئەلچىسى >> بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىغا ئاتالغان مەخسۇس فىلىم <<قېرىنداشلار>> نىڭ پۈتكۈل مۇزىكىسىنى ھەمدە ئاساسلىق مۇزىكىسى بولغان <<قەشقەر>>، << قىرغاق >> قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن .

2005-يىلى <<تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> نىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنى ئىشلىگەن.

زىيارەت قىلغان ئەللىرى :
.ئاۋستىرىيە، ئارگېنتىنا، ياپونىيە، كورېيە، قازاقىستان، سىنگاپور، فىلىپپىن...قاتارلىقلار

ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئالبۇمى:









بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-8-22 12:01, Processed in 0.133793 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش