baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

手机客户端
亲,还没下载论坛手机客户端?跟上潮流做时尚达人。掌中乐趣无处不在,快点下载吧。

كۆرۈش »

جەمئىي مىكروبلوگ 1189 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەھرا 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى سۆزلەر گويا جەننەت ،ئاتا-ئانام،يامان سۆزلەر خۇددى دوزاق ياكى ھارام.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 19:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلىمگە ئامراق كىشى ھەركۈنى باھاردىكى يېڭى مايسىلاردەك ئۆسۈپ تۇرىدۇ.كۆڭلى خۇددى باھاردەك ئىللىق

  • خانىدان تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار!

  • 艾尼。艾买提 ئۈلۈشكۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    جەمئىيتىمىزدە ئادەم شەكىلگە كىرۋالغانلار خېلى كۇپتەك قىلامدۇ نىمە ؟

  • مەرىپەت 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئادەم بول!...لېكىن... ئادەم شەكلىگە كىرىۋالما!

  • دىلكەش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بايقاش تورىدىكى بارلىق تورداشلار ،بايقاش ئەزاسى دىلكەشتىن سىلەرگە  ئوتلۇق سالام .

  • ئىلغار 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەھراغا چىقسا ئىشىكىنى تۇنۇمايدۇ،شەھەرگە بارسا دوستىنى (تونۇمايدۇ)

كۆرۈش: 117|ئىنكاس: 2

ئىلى دەرياسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

49

تېما

15

دوست

891

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
300 سەر
تىللا
67 دانە
تۆھپە
70 سەر
شۆھرەت
106 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-28 10:52:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دەرياسى

001c25c5ba250b7f066606.jpg

ئاسيادىكى مەشھۇر دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ بۇلۇتقا تاقاشقان ئېگىز چوققىلىرىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، قاتمۇ – قات تاغلار ئارىسىدىكى قېلىن قارىغايلىق جىلغىلار ۋە رەڭگارەڭ گۈل – چىچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل يايلاقلاردىكى سانىسزلىغان كىچىك ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەشھۇر ئەزىم دەريادۇر. تېكەس دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ۋە قاش دەرياسى ياماتۇدا قوشۇلۇپ ،ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ.
تېكەس دەرياسى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىن باشلىنىپ، موڭغۇلكۈرەدىكى قۇم ئويناقنىڭ 6 كىلومېتىر غەربىدە جۇڭگو چېگرىسىغا كېلىپ ، ئۇ يەردىن قازاقىستان – جۇڭگو چېگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ، سۈمبە چازىغا كەلگەندە چېگرا لىنيىسىدىن ئايرىلىپ ، موڭغۇلكۈرە تەۋەسىگە كىرىپ قارا كۆل، قوتۇرقاي، ئاقدالا، چاتمابىل، ئاقتام ، مىڭبۇلاق، تېكەس، مەدىيەن، ئاقگۈمبەز، قارا دالا، قارىتوقاي، كىچىك جىرغىلاڭ، قىزىل تاللاردىن ئۆتۈپ كۈنەس دەرياسىغا قوشۇلۇپ، ئادىن گۆر جىلغىدىن ئۆتۈپ ياماتۇغا كېلىپ، قاش دەرياسىغا قوشۇلۇپ ئىلى دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ. تېكەس دەرياسى جۇڭگو تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇزئارت دەرياسى، ئاقنىياز دەرياسى، قاساڭ دەرياسى، مويۇنتاي دەرياسى،كىچىك جىرغىلاڭ دەرياسى، چوڭ جىرغىلاڭ دەرياسى ، كۆكسۇ دەرياسى قاتارلىق دەريالار ۋە بىرمۇنچىلىغان ئېقىنلار قوشۇلىدۇ. تېكەس دەرياسىنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 300 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. يىللىق سۇ مىقدارى 8 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىر .
كۈنەس دەرياسى يۇلتۇز تاغلىرى بىلەن ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىپ نارات، ئارالتۆپە، قىلى، قارا سۇلاردىن ئۆتۈپ تېكەس دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىغا قونجالىق ، چاقپى دەريالىرى ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلار قوشۇلىدۇ. كۈنەس دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 195كىلومېتىر ، يللىق سۇ مىقدارى 2مىليارد 400 مىليون كۇپ مېتىر.
قاش دەرياسى ئاۋرال ، ئارىشاڭ، ئىرەن قابىرغا ۋە بولخنۇر تاغلىرىدىكى ئالاستاي، كوركى، سايقىندولى، سارقىلتى، تورگونچاغان، زىكوي، تېمىرلىك، بارغايتى، ئۇلاستاي، سۇپتاي، بوربوس دەريالىرىنىڭ ۋە بىرمۇنچە ئۇششاق ئېقىنلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئارا سوندىن باشلىنىپ ئىسبوغى، شاتبۇلاق، يۇقىرى ئۇلاستاي، خوجى تاي، نىلقا، تۆۋەن ئۇلاستاي، توقايلاردىن ئۆتۈپ، ياماتوغا كېلىپ ئىلى دەرياسىغا قوشۇلىدۇ. قاش دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 290 كىلومېتىر ،يىللىق سۇ مىقدارى 4مىليارد كۇپ مېتىر.
تارىخىي ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، ئىلى دەرياسىنىڭ ئورنى شىمالغا سۈرۈلۈپ تۇرغان. 1765– يىلىدىن 1820– يىلىغىچە بولغان 55يىل ئىچىدە ، ئىلى دەرياسى شىمالغا 500–– 1000 مېتر سۈرۈلگەن. 1820– يىلىدىن 1860– يىلىغىچە بولغان 40 يىلدا 800 مېتىر شىمالغا سۈرۈلگەن. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان يىلىغا ئوتتورا ھېساپ بىلەن 18مېتىر ئەتراپىدا شىمالغا سۈرۈلگەن. 1952– يىلىغا كەلگەندە ، كۈرە قەلئەسىنىڭ تۆتتىن بىر قسمىنى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى ئېقىتىپ بولغان. 1976– يىلىدىن 1979– يىلىغىچە بايانداي ئەتراپىدا ئىلى دەرياسى شىمالغا قاراپ 330 مېتىر سۈرۈلگەن.
1970– يىللارنىڭ باشلىرىدا ، قاش دەرياسىغا زامانىۋى سۇ ئىنشائاتلىرى ياسلىپ ، ئاقئۆستەڭ ، ئارا ئۆستەڭلەرنىڭ تومىلىرى بىرلەشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ دېھقانلار ھاشاردىن قۇتۇلدى.
ئىلگىرى ئىلى دەرياسىدا كۆۋرۈك يوق ئىدى. ئايدۆڭ، قاراتام ( تالدى)، ياماتۇلاردا زەنجىر ئارغامچىغا ئىلىنغان ياغاچ كېمە بارئىدى. ئاپتوموبىل ، ھارۋا ، ئات – ئۇلاغ ۋە پىيادىلەر مۇشۇ كېمە ئارقىلىق ئۇ قاشتىن بۇ قاشقا ئۆتەتتى. 1970– يىللىرى ئايدۆڭدىكى غۇلجا – چاپچال كۆۋرۈكى ، 1980– يىللىرى ياماتۇ كۆۋرۈكى ياسلىپ قاتنىشى باشلاندى.
ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. گەرچە ئىلى دەرياسىنىڭ سۇ قاتناش تارىخى توغرۇلۇق يازما ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، ئەمما ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا سالچىلىق بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سالچىلار ئارىسىدىكى چۆچەك تەرىقىسىدە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ۋەقەلىكلەردىن قارىغاندا، بۇ دەريانىڭ سالچىلىق تارىخى بەش ئەسىردىن كەم ئەمەس. سالچىلار 50–60 كېمىنى چېتىپ سال قىلىپ، ئۈستىگە ئات ، كالا، قوي قاتارلىق ماللارنى ۋە تۈرلۈك چارۋا مەھسۇلاتلارنى سېلىپ ، دەريا ئارقىلىق ھەيدەپ غۇلجىغاكېلەتتى. 1950– يىللىرى ئىلى دەرياسىدا چەتئەل پاراخوتلىرى بىرقانچە يىل قاتنىغان .


مەنبە : ‹‹ئىلى تارىخى ماتىرياللىرى››
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-1 06:22  

مەن يەنە قايتىپ كەلدىم ... بۇ ئۇزۇن سەپەر ئىكەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

3

تېما

2

دوست

355

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
91 سەر
تىللا
86 دانە
تۆھپە
68 سەر
شۆھرەت
17 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-30 21:44:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ماتىريال يوللاپسىز، ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بولسا يانا يوللاڭ، پايدىلىنايلى.
ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇۋېلىڭ.

416

تېما

63

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5394 سەر
تىللا
2621 دانە
تۆھپە
8643 سەر
شۆھرەت
3724 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 06:29:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلى دەرياسى ۋادىسى ھەقىقەتەن گۈزەل ماكان، گۈزەللىكىنى سۆز بىلەن تەرىپلەش ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ.
بۇرادەر، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىجتىمائى ۋە جۇغراپىيىۋى ئەھۋالىدىن ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-5-11 05:49, Processed in 0.398185 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش