| تىل-ئەدەبىيات(زۆرۈر 3-كىتاب) Ⅰ سۇئال: تاللاڭ . جاۋابلاردىن پەقەت بىرىلا تەلەپكە ئۇيغۇن، سىز شۇ جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جەدۋەلگە يېزىڭ (ئۈچتىن جەمئىي 24نومۇر) تەرتىپى 1 2 3 4 5 6 7 8
جاۋابى
1 . تىل ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى مورفولوگىيىلىك تەھلىللەرنىڭ توغرىسى: Α."ھېكايىنىڭ 1-ئابزاسىنى ئوقۇڭ" دېگەن جۈملە بىلەن "ماقالىڭىزنىڭ ئاخرىدا يەنە بىر ئابزاس مەزمۇن بىلەن خۇلاسە چىقىرىڭ" دېگەن جۈملىدىكى "ئابزاس" دېگەن سۆز ئوخشاشلا مىقدار سۆز رولىدا كەلگەن بولۇپ، ئۇ شەيئىي مىقداردۇر. B. "بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش ئەكس ئىتىدۇ" دېگەن جۈملىدىكى مىقدار سۆز ئايرىم تىل شارائىتىدا ئىسىم رولىدىمۇ كېلىدۇ، ئۇنىڭغا قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق پېئىللارنى ياسىغىلى بولىدۇ. C."كۈچ-جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۆمرىنى زېرىكىش ئىچىدە بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ" دېگەن جۈملىدە بىر بولۇشسىز ئالماش بار. D."غايە_ ئۇ ئوكيان ئارا بىزنى سېلىپ ماڭغان كېمە" دېگەن مىسرادا ئالماشتىن بىرسىلا بولۇپ ئۇ شەخس ئالماشتۇر. 2 . تۆۋەندىكى تىل تەھلىللىرىدىن خاتا بولۇپ قالغىنى: A."دەررۇ بىر قارارغا كەل، ئۇكام، بولمىسا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىسەن" دېگەن جۈملىدە بىر ۋاقىت رەۋىشى، بىر شەخسسىز پېئىل، ئۈچ شەخسلىك پېئىل بار. B."ھاياتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا ئاجىزمەن، مەن پەقەت ھاياتنىڭ نېمىگە ئوخشايدىغانلىقىنىلا ئېيىتىپ بېرەلەيمەن" دېگەن جۈملىدە ئىككى دەرىجە رەۋىشى بار. C."كەچۈرۈشنى بىلگەندىلا، ئاندىن باشقىلار بىلەن يېقىن ئۆتكىلى بولىدۇ" دېگەن جۈملىدە شەخىسسىز پېئىل يوق. D."ئۇنىڭ قېنى ئۈچىنچى قېتىم ئۆز تۇپرىقىغا تۆكۈلدى" دېگەن جۈملىدىكى پېئىل ئۆتكەن زاماننى بىلدۈرۈپ كەلگەن. 3 . بېرىلگەن پارچىلار ھەققىدىكى تەھلىللەرنىڭ خاتاسى: A."_نېمە_، دېدى ئوغلى چېچىلىپ، دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتنى بىلمەيسەن، دولاننىڭ كونا مۇقامىنى يېڭى دەۋرگە تاڭماقچى بولىسەن، بۇ گۈزەل باغقا كاۋا تېرىغاندەكلا بىر ئىش" دېگەن پارچە "دولان ياشلىرى" ھېكايىسىدىكى كەنجىنىڭ تىل تەسۋىرى؛ پارچىدە يەنە پىسخىك تەسۋىرمۇ بار. B."باغلار، ئورمانلار، چېكى كۆرۈنمەس ئېكىنزارلار قارا بوراننىڭ رەھىمسىز زەربىسى، زوراۋانلرنىڭ ئىپلاس تاپىنى، جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۆمۈر تاقىلىق توياقلىرى ئاستىدا پۈتۈنلەي ۋيران قىلىندى" دېگەن پارچىدىكى "قارا بوران" تەبىئەتنىڭ بورىنى ئەمەس. C."شەرق ۋە غەرب تەرىپىمىزنى ئورىۋالغان ئەينەكتەك كۆپكۆك مۇز تاغ ئۈستىدە شىۋىرغان چىقىپ تۇراتتى" دېگەن پارچىدە تەبئىي مۇھىت تەسۋىرلەنگەن. D."ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئوزۇق ئىزدەۋاتقان لاچىننىڭ كۆزى ئادەمنىڭ كۆزىدىن سەككىز ھەسسە ئۆتكۈر بولىدىكەن" دېگەن پەرچىدە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئېنىقلىما بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. 4 . تېكىستلەرگە ئالقىدار تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن توغرىسى: A."دولان ياشلىرى" يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1979 – يىلى يازغان ھېكايىسى بولۇپ، ھېكايىدە قالايمىقان يىللارنىڭ كارتىنىلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. B."ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر" ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى_ ساياھەت ئەدەبىياتى بولۇپ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى 1929 – يىلى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە يازغان. C."پارىژغا ساياھەت" ناملىق ئەسەر ئاپتورنىڭ فرانسىيىگە قىلغان ساياھىتىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، ئەسەر ئۈچىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان. D."قۇشلار نېمىشقا ئۇچالايدۇ" دېگەن ئەسەردە قۇشلارنىڭ ئۇچۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكى ماكان تەرتىپى بويىچە ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن . 5. ئەدبلەر ھەققىدىكى تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن خاتا بولۇپ قالغىنى: A.نەسىردىن رەبغۇزى چاغاتاي دەۋرى ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ "قىسەسۇل ئەنبىيا" ناملىق ئەسىرى مىلادىيە 710 – يىلى يېزىپ تاماملانغان. B.ئەلىشىر نەۋائىي ئوتتۇرا ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، شائىر،ئەدەبىياتشۇناس ۋە ۋەزىر بولۇپ، ئۇنىڭ "خەزائىنول مەئانى" ناملىق دىۋانى ئادەتتە "چاھار دىۋان" دەپمۇ ئاتىلىدۇ. C.نەزەر غۇجا ئابدۇسەمەت داڭلىق مائارىپچى، تارىخچى، ئەدب بولۇپ، ئۇنىڭ "ئۇيغۇر بالىسى" دېگەن چىرايلىق تەخەللۇسى بار. D.يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ "دات باسماس قېلىچ" ، "تاش بوران" ، "چاقماق" ، "ھاياتلىق زەنجىرى" قاتارلىق ھېكايە، پوۋېست، رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. 6 . ئەدىبىي بىلىملەر ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: A.نەسر، ھېكايە ۋە رومانلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ پروزا دېيىلىدۇ. B.غەزەللەرنىڭ ھەر بىر بىيىتى ئۆز ئالدىغا جۈپ – جۈپ بولۇپ قاپىيىلىنىپ كېلىدۇ. C.ساياھەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ ئاپتورنىڭ لېرىك ھېسسىياتى ۋە ئىدىيىسى ئىپادىلىنىدۇ. D.پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق بىلىمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن گۈزەللىك تەربىيىسىگە ئېگە بولغىلى بولمايدۇ. 7. بېرىلگەن پارچىلار ئۈستىدىكى ئىستىلىستىكىلىك تەھلىللەرنىڭ توغرىسى : A."يىگىت ئالدىراپ بېرىپ، ئۇچۇشقا تەمشەلگەن قارلىغاچتەك تەقەززا بولۇپ تۇرغان ئاسىدەمنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى" دېگەن پارچىدا يوشۇرۇن ئوخشىتىش قوللىنىلغان. B."تۇياقلار ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق، سېرىق چاڭ-توزاڭ ئاسمان-پەلەكنى قاپلاپ، كۈن نۇرىنى توساتتى" دېگەن پارچىدا مۇبالىغە يوق دېگىلى بولمايدۇ. C.بۇ بىچارە خەلقنىڭ ئۈلۈكلەرگە تىرىكلەردىن زىيادە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە بىزلەر گۇۋاھ قاتارىدا شاھىت بولدۇق دېگەن پارچىدا ھېچقانداق ئىستىلئىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلمىغان D."ئىلگىرى باشقىلاردىن فرانسىيىگە بېرىپ فرانسۇزچە سۆزلىمىسە فرانسۇزلار بىلەن يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلىغانىدىم" دېگەن پارچىدا تەكرارلاشتىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بار. 8."خۇدسۇن قولتۇقىدا ياشايدىغان شىمالىي قۇتۇب ئېيىقلىرى قىشنى بەك تەستە ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۇلار تيولېن ۋە بېلىقلارنى تۇتۇش ئۈچۈن بەك كۆپ كۈچ سەرپ قىلىدۇ. كۈنلىرى ئالدىراشلىق ۋە سەرگەردانلىقتا ئۆتىدۇ. ياز كېلىپ قار-مۇزلار ئېرىگەندە شىمالىي قۇتۇب ئېيىقلىرى قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئوزۇقلۇق مەنبەسى كۆپىيىدۇ. شىمالىي قۇتۇب ئېيىقلىرى ئوزۇقلۇق تېپىش ئۈچۈن قاتراپ يۇرمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار قورسىقى تويغاندىن كېيىن ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا باشلايدۇ. مەسىلەن، چېلىشىش، يۈگۈرۈش، قوغلىشىش، تېيىلىش قاتارلىقلار" دېگەن پارچىغا ئاساسەن ئوتتۇرغا قويۇلغان قىياسلارنىڭ بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق بولغىنى: A.بۇ ھايۋانلارنىڭ دوراش ھەركىتى بولۇپ، شىمالىي قۇتۇب ئېيىقلىرى ئىنسانلارنىڭ شۇ خىل ھەركەتلىرىنى كۆرۈپ ئۆگىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. B.بۇ ھايۋانلارنىڭ بىكارچىلىقتا ئاڭسىز، مەقسەتسىز ئېلىپ بارغان قالايمىقان ھەركىتى بولۇشى مۇمكىن. C.بۇ ھايۋانلارنىڭ ئاڭلىق ئېلىپ بارغان ھەركىتى بولۇپ، بۇ خىل ھەرىكەتلەر شىمالىي قۇتۇب ئېيىقلىرىنى چېنىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۆز بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. D.ئېيىقلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى كۈزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي قىممىتى يوق. Ⅱ سۇئال: بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ. (جەمئىي 10نومۇر) 9. "شىراق بۇغا مۈڭگۈزىدە ساپلانغان كەڭ ئېنلىق ئۆتكۈر خەنجىرىنى ئالدى-دە بۇرنىنى، ئىككى قۇلۇقىنى كېسىپ تاشلىدى. ساكلار بۇ ھەركەتتتىن چۆچۈپ ۋارقىراشتى" دېگەن پارچە يازغۇچى----------نىڭ "------ " ھېكايىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ھېكايە ----------تىلىدا يېزىلغان. شىراق ئەسلى ------------- بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ--------------------------------- مەقسىتىدە قىلغان ھەركىتى. 10."ئۇ قەستەن باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدۇ" دېگەن جۈملىدىكى --------دېگەن سۆز رەۋىش بولۇپ، ئۇ ------رەۋىشلىرى تۈرىگە كىرىدۇ. ------، ------، -------، دېگەن سۆزلەر ئالماش سۆز تۈركۈمىگە تەۋە . Ⅲ سۇئال: كۆنۈكمە ئىشلەڭ. ( جەمئىي 16 نومۇر ) 11." بولماس ئەدەبسىز كىشىلەر ئەرجۈمەند، پەس ئېتەر ئول خەيلىنى چەرخىي بەلەند" دېگەن مىسرالارنىڭ يەشمىسىنى يېزىڭ. ( ئىككى نومۇر ) 12. تۆۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى تولۇقلاڭ. ( تۆت نومۇر ) ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە ، ------------------------ يىغلاپ يۈرۈپ قىر چاپ ، ----------------------- 13. بېرىلگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ. ( بەش نومۇر) 1) ۋادەك _ ------------- 2) بۆكەل _ ------------ 3) ئېكىنزار _ ----------- 4) ئېمىلداش _ ---------- 5) بادرا _ -------------- 14.تۈرگە بۆلۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ "زىرائەت" دېگەن شەيئىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. بەش قۇر ئەتراپىدا بولسۇن. ( بەش نومۇر )
Ⅳ سۇئال: تەھلىل قىلىڭ. (جەمئىي 15 نومۇر ) 15. بېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ سوئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ. " _ شۇنداقلىقىڭدىن ساقىلىڭ بىر باغ بېدىدەك بولغىچە ئۆزۈڭ لايىق تاپالماي يۈرۈيسەن. بىلەمسەن، مېنىڭ بايلىقىممۇ، خۇشاللىقىممۇ ناخشا بىلەن ئۇسسۇل. ناخشىسىز، ئۇسسۇلسىز ئۆتكۈن كۈنۈم سىرتماقتا تۇرغاندەك ئازابلىق! سەن تېخى پۈتۈن دولانلارنى زېرىكتۈرگىنىڭنى ئاز دەپ مېنىمۇ گۆرگە ئىتتىرمەكچىمۇ؟ مېنىڭ بالام بولساڭ كاۋا-پاۋا دېگەن گەپلەرنى دولان دەرياسىغا ئېقىتىۋەت! دولانلاردەك ئادەم بول! " 1) بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ (ئۈچ نومۇر ) 2) پارچىدىكى سۆزلىگۈچى كىم؟ بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ قانداق خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ؟ (تۆت نومۇر )
3) سۆزلىگۈچى "دولانلاردەك ئادەم بول" دېيىش ئارقىلىق بالىسىنى نېمىگە تەۋسىيە قىلماقچى؟ (تۆت نومۇر )
4) سۆزلىگۈچى نېمە سەۋەبتىن "كاۋا-پاۋا دېگەن گەپلەرنى دولان دەرياسىغا ئېقىتىۋەت" دەيدۇ. بۇ سۆزدىن قانداق مەنە چىقىدۇ؟ (تۆت نومۇر )
Ⅴ سۇئال: يېزىقچىلىق ماھارىتى. (35 نومۇر ) 16. بېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ، يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنداڭ. "داڭلىق ئالىم فىرانكىلىن مۇنداق دېگەن:<سىز ھاياتنى سۆيەمسىز، ھاياتىڭىزنى قەدىرلەمسىز؟ قىزغىن سۆيسىڭىز ۋاىتىڭىزنى ھەرگىز بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. چۈنكى ۋاقىت ھاياتنى تەشكىل قىلغۇچى ماتېرىيالدۇر.> شۇنداق، بەزىلەر ھاياتنى قەدىرلەيمەن دېسىمۇ، لېكىن ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ماتېرىيالنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ . تەلەپ : 1) پارچىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىغا ئاساسەن نۇقتىئىنەزەرنى ئۆزىڭىز بېكىتىپ بىر پارچە مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ماقالە يېزىڭ. 2) ماۋزۇنى ئۆزىڭىز قويۇڭ 3) يازغىنىڭىز بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن. 4) خېتىڭىز چىرايلىق، بەت يۈزى پاكىز، تىنىش بەلگىلىرى جايىدا بولسۇن. 5) تېمىدىن چەتنەپ كەتمەڭ. ژانىر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈڭ .
|
|