پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 825 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 21|ئىنكاس: 1

‹‹بالىلارنى چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمىز››[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
59
قىزغىنلىق
546 سەر
تىللا
141 دانە
تۆھپە
271 سەر
شۆھرەت
297 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:39:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا سىنىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال سورىغانلىقى توغرىسىدا جىڭ بو    ‹‹بالىلار مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇۋاتىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار››. بۇ، خېفېي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چۈ شۇلىڭنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە ھال سوراپ بارغاندا قىلغان تۇنجى سۆزى.    مەملىكەتلىك ئىچكىرىدىكى شىزاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا سىنىپلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر 18 – ئاپرېل يىغىن ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ھال سورىدى.    لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى قۇيرۇق ئېرىق كەنتى ۋەكىللەر ھال سورايدىغان تۇنجى بېكەت ئىدى. بۇ كەنتتىكى ئابدۇخېلىلنىڭ بالىسى خېفېي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى مەكتىپىدە ئوقۇيتتى. ئۇ بالىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھال سوراپ كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەھەردىلا ھويلىسى، ئىشىك ئالدىنى سۇ سېپىپ، پاكىز سۈپۈردى. ئۆيدىكى شىرەگە چىلان، كىشمىش قاتارلىق مېۋىلەرنى تىزىۋەتتى.    ‹‹سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، بىز بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تۇرمۇشتا ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ياخشى ئوقۇتىمىز››، دېدى چۈ شۇلىڭ ھەم ئاتا – ئانىلارغا بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى.    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ كەنت قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى، ئابدۇخېلىلنىڭ ئۆيىگە مەھەللىدىكىلەر يىغىلدى. تۇرسۇننىيازخان ھەۋەس بىلەن: ‹‹بالامنىمۇ چوڭ بولسا ئىچكىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىمەن››، دېدى.    ليەنيۈنگاڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھاڭگىيا يېزىسى تۆۋەن پىچەكچى كەنتىدىكى مەتتۇرسۇن تۇردىنىڭ ئۆيىدە ئوغلى ئەبەيدۇللاغا تېلېفون قىلدى، ئاتا – بالا ئىككىيلەن تېلېفوندا خۇشال سۆزلەشتى.    مەتتۇرسۇننىڭ يەتتە بالىسى بولۇپ، ئائىلە يۈكى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئەبەيدۇللا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانىدى. مەتتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹بالامنىڭ تەلىيىگە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالىدى. ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە يىراق جايدىن بىزنى يوقلاپ كەپتۇ، مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم››. ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئىختىيارسىز كۆزىگە ياش ئالدى، ياندا ئولتۇرغان مەتتۇرسۇننىڭ خوتۇنى ۋە چوڭ قىزىمۇ كۆزلىرىگە ياش ئالدى.    مەتتۇرسۇن بالىلارنى يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ياخشى تىل ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى. مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ گۇاڭۋۇ نەق مەيداندا جاۋاب بېرىپ، يېڭى مەكتەپ رايونى بۇ يىل 6 – ئايدا پۈتىدىغانلىقىنى، يېڭى مەۋسۇمدا ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.    ۋاڭ گۇاڭۋۇ ئاتا –ئانىلارغا: مەكتەپ بالىلارنىڭ 2 – يۇرتى، بالىلارنىڭ ھالىدىن چوقۇم ياخشى خەۋەر ئالىمىز، دېدى. ئۇ يەنە مەكتەپكە ۋاكالىتەن مەتتۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى مەكتەپنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى ھەم ئۇلارنى ئەزىز مېھمان قاتارىدا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.    ۋاڭ گۇاڭۋۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆز ئارا چۈشىنىش بولسا، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ئاساس سالغىلى بولىدۇ ۋە كۆپچىلىكتە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ھېسسىيات پەيدا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال سورىغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىزغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم››.   

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
998 سەر
تىللا
186 دانە
تۆھپە
702 سەر
شۆھرەت
700 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:26:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارمۇ ياخشى تەربىيلنىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-11 03:54, Processed in 0.100013 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش