پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 841 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 328|ئىنكاس: 5

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
76
قىزغىنلىق
1074 سەر
تىللا
399 دانە
تۆھپە
687 سەر
شۆھرەت
825 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 17:28:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە


u=792049075,1679371949&fm=51&gp=0.jpg

u=2028053040,228838432&fm=52&gp=0.jpg

u=3643317078,4023476149&fm=51&gp=0.jpg

u=3944134003,2595221172&fm=52&gp=0.jpg

u=681483908,1818466067&fm=51&gp=0.jpg



ھەر يىلى5-ئاينىڭ 5-كۇنى«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.

ئوتتۇرىغا قويغۇچى:  تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،«شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژورنىلى .
قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ  دەرمان  سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سەلكىن خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ دىيارىم پەن-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى.
قانۇنى مەسلىھەتچى : ياسىنجان تەلئەت.

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ بىر يىللىق  تەييارلىق  تور تەشۋىقات ماتىرىيالى:


      

ئاساسى چۇشەنچە


دوپپا– ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى  مىللى باش كىيىمى. دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك  قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن  تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەدەنىۋى تۇرمۇشىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان .جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق  باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق  سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
بادام، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن  سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى . كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا- مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر. ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە  ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن  خەنزۇلارنىڭ  ۋە  باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ  ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر  كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم  دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن  بۇ باش كىيىم  ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ. دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ. دوپپا – قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە، خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە  ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس ، مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ، يىتىم قېلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس. داۋاملىششقا، ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا دوپپا مەدەنىيتى


ناخشاـ ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە. بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.

تىكىلىشى :بۇ دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۇت تالا ئۇچ بولۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۇپلەپ تىكىلىدۇ، ئۇستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۇگۇپ زەر يىزىپ بىلەن يۇگەپ كەشتىلەش، كىرسىت شەكىللىك كەشتىلەش ئۇنچە مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما توسما كەشتىلەش ،گىرەلەشتۇرۇپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۇللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پوتكۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.
كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.
بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.
قوشۇش شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى- ھەر بىر قاتلاقتا + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلىنىدۇ. كۆپرەك +، × ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. ئوڭ سول تەرەپ سىممىتىرىك ھالەتتە كىلىدۇ. رەڭدار، كۆركەم تىكىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل ئارىلىقلىرى ناھايىتى ماسلاشقان تىكىش بىرلىككە كەلگەن. رەڭلىرى روشەن پەرقلىق بولۇپ بىر خىل خاس نۇسخا قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن. كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرگە ئىگە.

دوپپىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدە تۇتقان ئورنى


دوپپىلارنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى   شىنجاڭنىڭ يىرى كەڭ، ھەر خىل مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۆرپ ئادەتلىرى ئۆزگىچە شۇڭلاشقا ھەر قايسى جايلارنىڭ دوپپىلىرى روشەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
خوتەن رايۇنىنىڭ دۇپپىلىرى رامكا شەكلىدە نۇسخىلىرى كۆپ بولۇپ ئايالچە نۇسخىلىرى خىلى داڭلىق. گىئۇمىتىرىك تىكىش بىرلەشتۈرۈلگەن، رەڭلىك يىپ ئىشلىتىلگەن نۇسخىلار كۆپ بولۇپ، سىزىقلرى زىچ گىرەلەشكەن، شەكلى تۈز ئاددىي، تۆت بۇرجىكى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ھەرقايسى جايلاردىكى ئاياللار ياقتۇرىدۇ.
قەشقەر رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك بولۇپ، قاۋىسى چوڭ ئىغىزى كىچىكرەك  بولىدۇ. چۇچا ساڭگىلاپ تۇرغان بادام دوپپىسى ئەڭ داڭلىق. بۇ خىل دوپپىنى ئۇيغۇر خەلقى كەڭ ئىشلىتىدۇ ۋە ئىنتايىن ياقتۇرىشىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈش زەر يىپتا تىكىلگەن ئايالچە دوپپىلار قەشقەر رايۇنىدا ئۆزگىچە بولۇپ خىلى كەڭ ئومۇملاشقان.
كۇچا رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - مارجان دوپپىلىرىنىڭ ئايالچە نۇسخىسى ئۈستىگە كۆتىرىلگەن نۇسخىدا بولۇپ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ مارجانلىرى تەكشى تىزىلغان، كۆزلەرنى چاقنىتىدۇ. رەڭگى كۆركەم ، چىرايلىق ، زىننەتلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، ھەر بىر دوپپا قىممەتلىك سەنئەت ئەسىرى بولۇپ ئادەمگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
تۇرپان رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - ئۆزگىچە بولۇپ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى گۈلى كەڭ، تەگلىكى تار ، ھەممە يىرى تەكشى تىكىلگەن، گىرۋەكلىرى ماسلاشتۇرۇلغان. دوپپا ئاساسەن گۈل بىلەن ئورىلىپ تىكىلگەن بولۇپ گوياكى گۈل تاجىسىغا ئوخشاپ كىتىدۇ. رەڭگارەڭ بولۇپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كىشىلەرگە باياشاتلىق ، تىتىكلىك، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
ئىلى رايۇنلىرىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى دۆڭرەك ، يۇمىلاق كىلىدۇ. رەڭگى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلغان. بىر خىل تىكىش ئۇسۇلى ئومۇملاشقان. دوپپىلار نەپىس ئازادە.
قۇمۇل رايۇنىنىڭ دوپپىلىرى - نۇسخىلىرى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئەمما رەڭلىرى چىرايلىق.
نىيە، كىرىيە، چىرىيە، چەرچەنلەردە كىپىنەك شەكىللىك دوپپىلارنى كىيىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. ساپ نەقىشتىن ئىشلەنگەن بولۇپ دىئامىتىرى 10 سانتىمىتىردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللار يىڭنە بىلەن تىكىپ چىقىدۇ. گوياكى بىشىغا قوندۇرۇۋالغان گۈلگە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ئۆزگىچىلىككە ئىگە دوپپىلارنىڭ گەرچە ئەمەلىي قىممىتى بولمىسىمۇ كۈچلۈك زىننەتلىمە خاراكتىرىگە ئىگە. بۇ خىل دوپپىلارنى مۇشۇ رايۇندىن باشقا جايلاردا ئۇچراتماق تەس.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى، ئەر- ئايال، قېرى، ياش دىگەندەك پەرىقلەرگە قاراپ نۇسخا، گۈل چەكمە ۋە رەڭلەردە ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا دوپپا تىكىدىغان ئۇستىلار ياشانغان ئاياللار ۋە ياش قىز جۇۋانلار بولۇپ ئۇلار ھەقىقىي خەلق ئارىسىدىكى سەنئەتكەرلاردۇر. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىق ئۇيغۇر قىز- چوكانلىرىنىڭ ئون قولى ئون گۈل، ئۇلار يىڭنە بىلەن يىپنى قولىغا ئالغاندا، ھەقىقەتەن ھەربىر قولىنىڭ كىرەشمىلىرىدىن خىلمۇ خىل گۈل ئۈنىپ، دوپپا ئۈستىدە چېچەكلەپ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ زوق- شوقىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تىكىش نۇسخىلىرى كۆپرەك كەڭ تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ، تىكىش سەنئىتى خىلمۇ خىل. ئۇلار دوپپا گۈللىرىنى تىكىشتە رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى مەنبە قىلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستىتىك قارشى بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ، شەكىل ئۆزگەرتىپ قويۇق سەھرا تۈسىگە ۋە كۈچلۈك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كۆپ خىل دوپپا نۇسخىلىرىنى پەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك تىكىش ماھارىتى ئارقىلىق كىشىلەرگە يۇقىرى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان نۇسخا گۈللىرىدىن گۈل بەرگى، مىۋە، قۇش، ھاشارەت شەكىللىرى بار. مەسلەن: شاپتۇل، ئۈرۈك، ئانار، بادام، ئۈزۈم، بۇغداي، پۇرچاق يەنە توز، قارلىغاچ، كىپىنەك، ئاي، قارلەيلىسى ... قاتارلىقلار. ئۇندىن باشقا گىئۇمىتىرىك شەكىللەرمۇ خىلى كۆپ قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت بىغىدىكى بىر دەستە گۈل دىيىشكە بولىدۇ.(مەزكۇر ماقالنىڭ ئەسلى ئاپتورىغا تەشەككۇر ئىيتىمىز)

دوپپىنڭ تۈرلىرى
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئەسىرلەردىن بېرى مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك قاتارلىق كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق بولغاچقا، قول- ھۈنەرۋەنچىلىكتە، تەسۋىرىي سەنئەتتە، شۇنداقلا كەشتىچىلىكتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىتنىك ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تەبىئەت مەنزىرىسىگە قىياس قىلىپ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىپ كەلگەن. خەلقىمىزنىڭ كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر  نامايەندىسى- دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل- كەشتىلەرنى چېكىشتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل- نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بۇ خىل قەدىمكى، مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىش، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا نەمۇنە قىلىپ قالدۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش.   
گۈل غۇنچە دوپپا—  بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، تېگى ھاۋارەڭ ياكى كۆك رەڭ تاۋاردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تالالىرىغا تىكىلگەن گۈللىرى قېنىق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن، ئەۋرىشىم يۇپۇرماقلىرى سۇسراق يېشىل يىپ بىلەن چېكىلىدۇ. يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپىدىكى گۈللەر قىزىل، كۆك، سۇس قىزىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئاياللارغا خاس بولۇپ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى ئۈستىدىكى گۈللىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ چېكىلىدۇ.
بادام مارجان دوپپا— بۇ خىل دوپپىنىڭ تېگى قارا، كۆك، توق يېشىل مەخمەللەردىن تىكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى پىستە بادام شەكلىدە يوغان- يوغان چېكىلىدۇ. ئۇلار ئاق سەدەپ مارجان بىلەن يىپلارغا تىزىلىدۇ. بادام گۈلىنىڭ ئەتراپى چېكىت- چېكىت يۇلتۇزلاردەك بېزىلىدۇ. گىرۋىكىدىكى يېرىم ئاي شەكلىدىكى دۈگلەك گۈل مارجانلار بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئەتراپى ئاق مارجانلار بىلەن كۆركەم قىلىپ چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا چوكانلار، ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا خاس بولۇپ، قەشقەر، كۇچا ئاياللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمىدۇر.
ئەرەنچە چىمەن دوپپا  — چىمەن دوپپا ئىسمى- جىسمىغا لايىق تولىمۇ چىرايلىق بېزىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ نامىنىڭ چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىشىمۇ  شۇنىڭغا باغلىق. دوپپا دۈگلەك شەكىلدە بولسىمۇ تۆت تالاسى توق يېشىل يىپەك يىپ بىلەن ئاجرىلىپ تۇرىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى يېشىل يىپ بىلەن تىكىلىپ، گۈل- غۇنچىلىرى قوشماق باداملار بىلەن بېزىلىدۇ، ئۈستىدىكى گۈللىرى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، گىرۋىكىدىكى گۈللىرى بولسا قېنىق قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا  مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، گۈل ئارىلىقى ئاق يىپەك يىپتا نازۇك قىلىپ يوپۇرماقنىڭ تارام- تارام تومۇرلىرىدەك بېزىلىدۇ. ئۇ ئەرلەرگە خاس بولۇپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى ئەرلەر تولىمۇ ياقتۇرۇپ كىيىدۇ.
گۈلشەن چىمەن دوپپا — بۇ دوپپىنىڭ شەكلى گىلەم دوپپىغا ئوخشىسىمۇ، ئەمما  گۈللىرىنىڭ تىكىلىش تېخنىكىسى ۋە قۇرۇلمىسى باشقىچە. بۇ دوپپا گىئومېتىرىيىلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئادەتتىكى گۈل دوپپىلىرىدەك ئىشلىنىدۇ. دوپپا توت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى ناھايىتى ئوچۇق رەڭلىك يىپەكلەردىن تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ تېگى ئاق رەختتىن بولۇپ گۈللىرى ئۈچ لىنىيىگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تېگىدىكى چوڭ گۈل قېنىق قىزىل رەڭلىك يىپتا، ئىككى يېنىدىكى ئېچىلغان يوپۇرماقلىرى قىزىل يىپتا چېكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى گۈللىرىنىڭ ھەممىسى ئاق، قوش يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، ئىككى تەرىپىدىكى تۆت تالالىق گۈلى قېنىق ھال، ئوتتۇرسىدىكى ئاچىماق چېچەك يېشىل، يېنىدىكى يوپۇرماق لىنىيىلىرىنىڭ بىرى قىزىل، ئىككىنچىسى توق سۆسۈن رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ يۇقىرىسىغا جايلاشقان ئۈچىنچى لىنىيىدىكى گۈللەر ئوچۇق ھال رەڭدە، ئىككى ياندىكى قوش يوپۇرمىقى قېنىق ھاۋارەڭ ۋە قېنىق يېشىل رەڭلەردە بېزىلىدۇ، بۇ دوپپا ئەرلەر، بولۇپمۇ ياش يىگىتلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەرگە خاس.
گۈل قىياق دوپپا— دۈگلەك شەكىلدە بولۇپ، سۇس ھاۋارەڭ تەگلىككە ھەر خىل رەڭدىكى يىپەك يىپلار بىلەن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللەر قىياق بەلگىلىرى بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ، دوپپىنىڭ ئەڭ ئۈستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈلى قېنىق سۇس رەڭدە، ئەتراپتىكى تۆت گۈل قېنىق ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ، گۈللەرنى ئوراپ تۇرىدىغان قىياق يوپۇرماقلار قېنىق ھال، ھاۋارەڭ، توق يېشىل رەڭلەردە چېكىلىپ، گۈللەر قارا يىپەك چېكىتلەر بىلەن تۆت تەرەپكە ئاجرىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ دوپپا قەشقەر ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ ئەرلەر كىيىدۇ.
چىمەنگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، سۇس يېشىل، مايسىرەڭ تەگلىككە ھەر تۈرلۈك گۈللەر چېكىلىدۇ. گۈللەر دانە- دانە شەكىلدە ئوچۇق ھال ۋە قىزىل رەڭلىك يىپتا چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ تۈزۈلۈشى خۇددى كېسىلگەن لىمون دانىلىرىغا  ئوخشايدۇ. يوپۇرماقلىرى توق يېشىل، سۆسۈن ۋە ئوچۇق كۆكرەڭلىك يىپەك يىپلاردىن ئىبارەت. گۈللىرى، جىيىكى ئاق، قارا يىپلار ئارقىلىق گويا ھەرىنىڭ چىشىغا ئوخشاش ئاجرىتىلىپ بېزىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، چىيەك ئۈستىگە ئايرىم- ئايرىم گۈل پارچىلىرى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاستۇر.
قىزىل گۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، توق يېشىل تەگلىك، ئاق، ساغۇچ يىپەك يىپ بىلەن گويا ئۆمۈچۈك تورىدەك بېزىلىدۇ. ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈللىرى قىزىل يىپەك يىپ بىلەن دانە- دانە  قىلىپ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئەتراپىدىكى چاچراپ چىققان بىخلار، غۇنچىلار يېشىل رەڭدە، ئېچىلاي دېگەن غۇنچىلار بولسا شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپتا، ئۈستى ئاق يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈللىرى گېئومېترىيىلىك ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇپ، يوپۇرماقلىرى تۈز سىزىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ دوپپىنى ياش يىگىتلەر ۋە ئاياللار كىيسىمۇ بولىدۇ.
توقۇلما گۈللۈك دوپپا— بۇ خىل دوپپا خۇددى گىلەمگە ئوخشايدۇ، ھەممە يېرىگە چىرايلىق رەڭلىك يىپلار بىلەن گۈل چېكىلىدۇ. دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تالالىلىرى توق يېشىل يىپتا، ئۈستىدىكى گۈلى ئاق، قىزىل، ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭدىكى يىپتا بېزىلىدۇ، ئەتراپتىكى گۈل گىئومېتىرىيىلىك شەكىلدە ئوچۇق قىزىل، قىنىق يېشىل، قېىنىق بېغىرەڭ يىپلار بىلەن ئەگرى- بۈگرى قىلىپ زىننەتلىنىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈللىرىنىڭ چۆرىسى ئاق، قىزىل يىپتا، گۈللىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاچىماق بىخلار قىزىل، توق يېشىل يىپەك يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ چۆرىسى قارا مەخمەل بىلەن تىكىلىدۇ. بۇ قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ ئەتىۋارلىق باش كىيىمى.
گۈللۈك مانچېستىر دوپپا— بۇ خىل دوپپىلار ھەر خىل رەڭدىكى مەخمەل، مانچېستىرلاردىن تىكىلىدۇ، دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. گۈللىرى قىزىل، كۆك، ھال، يوپۇرماقلىرى يېشىل، غۇنچىلىرى ئوچۇق شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك يىپلار بىلەن چېكىلىدۇ.
مارجانگۈل دوپپا— بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ تېگى ئاق زەر رەختتىن تىكىلىپ، گۈللىرى يوغان- يوغان، دانە- دانە قىلىپ چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستىگە ۋە گىرۋەكلىرىگە چېكىلگەن گۈل سەل سوقۇچاق بولۇپ، ھال، ئاق، قېنىق قىزىل يىپلاردا تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى يوپۇرماقلار توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. بۇ دوپپىنىڭ يەنە بىر  ئالاھىدىلىكى پۈتۈن گۈل، يوپۇرماقلارنىڭ ئەتراپى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن چۆردىلىپ بىر  قاتاردىن چېكىلىدۇ. شۇنىڭدەك گۈل ئۈستىگە ۋە يان تەرىپىگە ئاق يىپەكتىن يوپۇرماق پارچىسى چېكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەر، قىزلار ۋە چوكانلارغا خاس بولۇپ، كۇچا  ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
سەدەپ يۇلتۇز گۈللۈك دوپپا—  بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. كۆك مەخمەل تەگلىككە توق سېرىق يىپەك يىپ بىلەن گۈللەر پۈتۈن، يوغان چېكىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستى ئاق سەدەپ مارجان بىلەن بېزىلىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر  بۇلۇڭغا قىزىل مارجان قادىلىدۇ. يۇلتۇزنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدىغان يالغۇز مارجان يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. يۇلتۇز گۈلنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى  غۇنچە گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل مارجان تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىپ، جىيەكنىڭ ئۈستىگە ئۆركەش قىلىپ ئاق سەدەپ مارجان تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا كۇچا ئۇستىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، قىزلارنىڭ يارىشىملىق باش كىيىمىدۇر.
ئانار گۈللۈك مارجان دوپپا—  بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ، تېگى قېنىق زىغىررەڭ مەخمەلدىن بولىدۇ. گۈللىرىنى تېگى توق سېرىق ئالتۇنرەڭ يىپتا، تۆپىسىدىكى ئانار ۋە ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئوخشاش يىپتا، گۈلىرى ئاق ئۇششاق سەدەپ مارجاندا  چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گىرۋىكىدىكى گۈلگىمۇ ئانارنىڭ يوغان شەكلى چۈشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىسىغا چېچىكى تىكىلىدۇ.
چەكمە قىزىلگۈل دوپپا—  بۇ خىل دوپپا دۈگلەك شەكىلدە تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تېگىدىكى توق سېرىق زەر رەخكە باشقا دوپپىلارغا گۈل تىكىش قائىدىسىدىن ئالاھىدىرەك قىلىپ، يوغان قىزىل گۈللەر چۈشۈرۈلىدۇ. گۈل يېشىل يىپتا، ئۇنىڭ ئەتراپى ئاق قىزىل يىپتا، چېتىدىكى گۈلى قېنىق بېغىرەڭ چېكىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقى ۋە گىرۋىكىدىكى يېشىل يوپۇرماقلار ئاق يىپ بىلەن ئاجرىتىلىپ دانە- دانە قىلىپ تىكىلىدۇ. گۈلنىڭ ئىچى ھاۋارەڭ يىپتا، ئەتراى ئوچۇق قىزىل ۋە قارا يىپتا چېكىلىدۇ،َ گويا توزنىڭ قاناتلىرىدەك يېيىلىپ تۇرغان يوپۇرماقلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چىرايلىق تۈس بېرىدۇ. دوپپىنىڭ يان بۇرجىكىگە توق يېشىل رەڭ يىپتا قارلىغاچ قانىتىدەك ئاچىماق قىياق گۈل چېكىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا قىزلار  ۋە چوكانلارغا لايىقتۇر.
ئاق گۈل چىمەن دوپپا—  بۇ خىل دوپپا تۆت تالالىق بولۇپ، گۈللىرى مۇرەككەپ ئەمەس. گۈللەر دوپپىنىڭ ئۈستىدىن تا ئاستىغىچە بىر خىل تۈردە، ئاق گۈل چېچەك، غۇنچىلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ گۈللىرى بېغىررەڭ يىپتا، قالغان گۈللىرى، غۇنچىلىرى بولسا ھاۋارەڭ يىپتا چېكىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تالاسى ئاق يىپەك يىپ ئارقىلىق بۇغۇم- بۇغۇم، گۈل چېكىلگەن سىزىقلار بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس بولۇپ، خوتەن، قەشقەر تەۋەسىدە كۆپ كىيىلىدۇ.
گۈل يوپۇرماقلىق چىمەن دوپپا—  تۆت تالالىق بولۇپ، كۈلرەڭ تەگلىك رەختكە ئاق يىپەك يىپ بىلەن سىزىقلار چېكىلىدۇ، دوپپىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇققا چېكىلىدىغان يوپۇرماقلار دوپپىنىڭ كۆرۈنۈشىگە ماسلاشقان ھالدا ئاق يىپ بىلەن تىكىلىپ، چۆرىسى قارا يىپ بىلەن ئالاھىدە ئاجرىتىلىدۇ. گۈللەرنىڭ ئارىلىقلىرىغا، جىيەكلىرىگە ئاق يىپ بىلەن ئۆركەش شەكىلدە چىقىرىلغان يوللار دوپپىغا تېخىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ. ئۆركەشنىڭ ئاق يوللىرى قارا يىپ بىلەن ئاجرىتىلىدۇ. دوپپىنىڭ جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ  تىكىلىدۇ. بۇ خىل دوپپا ئەرلەرگە خاس.
گۈل دوپپا— تۆت تالالىق بولۇپ، كۆك مەخمەلدىن تىكىلىدۇ. ئۈستىگە بىرلا يەرگە گۈل چېكىلىدۇ. گىرۋىكىگە تۈز  يول قىلىپ ئاق يىپەك يىپتا سىزىقلار تىكىلىدۇ. دوپپىنىڭ گۈلىنىڭ يېرىمىنى قىزىل، ئوتتۇرىسىنى توق سېرىق، ئاق يىپەكتە، يان تەرىپىدىكى گۈلى قېنىق ھال رەڭلىك، غۇنچىلىرى كۆك، سېرىق رەڭلىك، بىخلىرى توق سېرىق رەڭلىك، يوپۇرماقلىرى كۆك رەڭلىك يىپلاردا بېزىلىدۇ. جىيىكى قارا مەخمەل بىلەن چۆرىدەپ تىكىلىدۇ. تۆت تالاسى قىزىل يىپ بىلەن لىنىيە بويىچە ئاجرىتىلغان بولۇپ ياش بالىلار ۋە يىگىتلەرگە خاستۇر.

دوپپا كىيش ئۇسۇلى ھەققىدە


دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ ،دوپپىنى قانداق كىيىش ،نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش ،قانداق كىيىشكىچە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللى سەنئەت .بۇ سەنئەتتە .ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ.دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق،ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك.
چىمەن دوپپا، بادام دوپپا، ئۇنچە دوپپا دىگەندەك تۆت قىرلىق دوپپىلارنى كىيگەندە مەلۇم بىر قىرىنى ، ئوڭ ياكى سول قېشىمىزنىڭ كۆتۈرۈلگەن يەنى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرىلاپ ، پېشانىمىزگە چۈشۇرىۋالماي ئازراق چوققا چېچىمىز كۆرۈنگىدەك قىلىپ سەل ئارقىغا تارتىپ ياراشتۇرۇپ كىيىمىز. قايسى قاش تەرەپكە ئاغدۇرۇشنى تاللىغاندا ، چېچىنى ئايرىپ تارايدىغانلار ئۆزى كۆنگەن ھەم ئەپلىك ھس قىلغان تەرەپىنى تاللىسا بولىدۇ.
دوپپا قىرىنى قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا توغرىلىساق ياكى تۆت بۇرجەك قىلىپ ئۇدۇل كىيىۋالساق ئوخشاشلا كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.
دوپپىلارنى كىيگەندە سورۇنغا قاراپ تاللاپ كىيىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم .تازا رەڭلىك، گۈللۈك، ھەم ئېسىل ئۈنچە مارجان ۋە ياكى ئالتۇن زەرلەرنى تۇتقان ئېسىل دوپپىلار مېھماندارچىلىق ھېيت- بايرام، تويلارغا ئوخشاش خوشاللىق سورۇنلارغا ماس كېلىدۇ.
ئادەتتىكى تۇرمۇشتا بەكمۇ رەڭدار ئەمەس ،ئەمما قولدا سىپتا ئىشلەنگەن چىمەن ، گېلەم ياكى بادام دوپپىلار مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۆلۈم يىتىم ياكى بىرەر ئاغرىقلارنى يوقلىغاندا ياكى بىرەر يىغىن سورۇنلىرىغا كىيىمىمىزنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ بادام دوپپىلارنى ياكى مەخمەل دوپپىغا ئوخشاش سىدامراق ياكى رەڭگى قېنىقراق سەل سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغان دوپپىلارنى كىيشكە بولىدۇ.
ئىلگىرى قىزلارنىڭ دوپپىلىرىغا ئالتۇندىن تاجا ھەم قاداقلارنىمۇ تاقايتتى ،ھازىر سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنلاشتىن باشقا سورۇنلاردا بۇنداق دوپپا ئۇچرىمايدۇ.قىزلارنىڭ ھازىرقى دوپپىلىرىمۇ ئىنتايىن يارىشىملىق ۋە چىرايلىق بولۇپ ،چىراي ۋە باش شەكلى ئوخشىمىغان   ئۇيغۇر قىزلىرىغا ماس كىلىدىغان  تۇرلۇك گۇللۇك، مارجان ۋە چىمەن دوپپىلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.

دوپپىنىڭ ئۇيغۇر كىيىم-كىچەكلىرىدىكى ئورنى


ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بىشىغا ياغلىق سىلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ،  باش كىيىمسىز يۇرۇشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر چىراققا بارغاندا مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوقوم باش كىيىم كىيىشى شەرت. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تۇر مۇش قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بىرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھىساپلىنىدۇ.
رايۇن پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۇپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۇچۇن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇكىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ .
ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيمى شەكىل جەھەتتىن ئومومەن قىشلىق تىرە تۇماق،سىدام دوپپا ۋە گۇللۇك دوپپىدىن ئىبارەت ئۇچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەر قايسى تۇرىدە يەرلىك رايۇن ئالاھىدىلىگى ۋە پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.
دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۇزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۇپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان ياز لىق باش كىيىم ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقى ، ھۆنەر سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى  بىلەن دۇنياغا مەشھۇر . قەشقەر شەھرىنىڭ «دوپپا بازىرى» گويا تۇمەن مىڭ خىل رەڭدار گۇللەر بەس - بەستە  ئىچىلغان باغچىغا ئوخشايدۇ.  قەشقەر شەھرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققى قىلغان .
ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۇرلىرى ناھايتى كۆپ؛ بادام دوپپا، تاشكەنىت دوپپا، گىلەم دوپپا،  مەنپۇ دوپپا ، ئىلمە گۇللۇك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا،  سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۇز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇدوپپىلار نوقۇل باش  كىيىملا  بولوپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۇزەل سەنئەت بويومى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇيغۇر دوپىپىلىرى ئىچىدە  ئەڭ كۆپ ئوموملاشقىنى بادام دوپپا بولوپ ،ئۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ سىموۋلى ھىساپلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۇرلىرىمۇ بىر قانچە تۇرلۇك بولوپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام  شەكىلىك يىرىم ئاي نۇسىخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۇستىگە چۇشۇرۇلگەن  گومبەز شەكىلىك گۇل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۇت بىلەن تىىكلگەن.بۇ گوياكى ئاي ئەتراپىدا جمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇليۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۇلۇك ۋە زەر باسقان دوپپىلار  ئاياللارغا خاس بولوپ، ئۇنىڭ نۇسىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ.
قىزىل ۋە يىشىل دۇخاۋىدىن تىكىلگەن سىدام دوپپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئوموملاشقان بولوپ، بۇدوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۇشەنچىلىرى بىلەن  زىچ مۇناسىۋەتلىك.

ئۇيغۇرلاردىكى دوپپا سوۋغا قىلىش ئادىتى



ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلق.ئۇلار ئۆزى ياقتۇرغان كىشىلەرگە ماددى سوۋغا (قەدىمدە ئالتۇن-كۈمۈش، يىپەك، ئات، بۇغا مۈڭگۈزى،بۆرە ھوشۇقى ،كىتاب ،راۋاب-تەمبۇر...)قاتارلىق  سوۋغاتلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن .دوپپا بىر ئسىل باش كىيىمى ،بىر خەلقنىڭ ئورتاق بەلگىسى بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە بىر قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دوستى ،مىھمنى دەپ قارىغان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ بىلىدىغان باش كىيىمى دوپپىنى سوۋغا قىلىدۇ.بۇنىڭ كۆپ ئەھمىيتى بار بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت تەشۋىقاتى رولىنى ئۆتەيدۇ. ھازىر دۆلەت رەھبەرلىرىدىن باشلاپ ،ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇراسىم - يىغىلىرىشدا ، چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ۋە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چىن دوسىتلۇقى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ئۇزاق ئەسىرلەردىن بىرى دوپپا ئەزىز مىھمانلارغا ،دوستلارغا ھەدىيە قىلىدىغان قىممەتلىك سوۋغات بۇيۇمى بولۇپلا قالماي يەنە ساداقەتلىكنىڭ .مۇھەببەتنىڭ سىموۋلى سۇپتىدە قىزلارنىڭ ئۇز يىگىتىگە تۇتىدىغان ئەتىۋارلىق يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى .

دوپپا مەدەنىيتنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى



دوپپا باشقا ئۇيغۇر مەدەنى مىراسلىرىغا ئوخشاش تەسەۋۋۇرغا باي،گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، چوڭقۇر مەنىۋىيەت دۇنياسىنى ئۆزگىچە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددى كەشپىياتى. نۆۋەتتە دوپپا ــ بارچە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا باشقا مەدەنى مىراس ۋە كەشپىياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىموۋۇل بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى. ئۇ ئەقىللىق ، لاتاپەتلىك ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىت - ئەرلىرىگە، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمىي، ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى. ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس، خاس ئىگىسىنىڭ بولىدۇ . ئەگەر سىز ھىيت- بايرام كۇنلىرىدە قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ ھىيتگاھ مەيدانى، خوتەن، كۇچا مەسچىتلىرى ئالدىدىكى كەڭ كەتكەن يوللاردا، مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كىشىلەر ئارىسىدا بولغىنىڭىزدا ئۇزىڭىزنى گۇياكى ئادەم دىڭىزى ئىچىدە ئەمەس رەڭمۇ رەڭ گۇللەر چايقىلىپ تۇرۇۋاتقان گۇلزارلىقتا تۇرۇۋاتقاندەك ھىس قىلىپ قالىسىز. ئىگىزدە تۇرۇپ بۇ ئادەملەر دىڭىزىغا نەزەر سالىدىغان بولسىڭىز كىشىلەرنىڭ بىشىدىكى گۇللۇك دوپپىلار كۇزىڭىزگە ئەنە شۇ گۇلزارلىقتىكى دەستە دەستە گۇللەردەك كۇرۇنىدۇ .

مەنبە: تورداش مۇنبىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-5 15:05  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1017 سەر
تىللا
186 دانە
تۆھپە
720 سەر
شۆھرەت
718 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 12:28:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخىشى تىما ئىكەن دوپپىنىڭ مەدەنىيىتىنى بىلىپ كەيمىسە ، تاۋۇز شاپىقى كىيگەن بىلەن نىمە پەرقى ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1074 سەر
تىللا
399 دانە
تۆھپە
687 سەر
شۆھرەت
825 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 00:20:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش ئاينۇر، توغرا ئېيتىسىز.  ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تۈۋەندىكى قۇرلار ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇشقا،ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ بېقىشقا تېگىشلىك:
« ....  ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.....
قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن  بۇ باش كىيىم  ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ. دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ. دوپپا – قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە، خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە  ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس ، مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ، يىتىم قېلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس. داۋاملىششقا، ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
.......

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
368 سەر
تىللا
59 دانە
تۆھپە
233 سەر
شۆھرەت
265 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 14:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ .
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1074 سەر
تىللا
399 دانە
تۆھپە
687 سەر
شۆھرەت
825 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 15:04:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
220 سەر
تىللا
18 دانە
تۆھپە
113 سەر
شۆھرەت
125 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق بىر بىلىمگە ئىگە قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-13 13:49, Processed in 0.133849 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش