پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 825 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 156|ئىنكاس: 2

بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟!  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 4

يوقلىما
22
قىزغىنلىق
250 سەر
تىللا
138 دانە
تۆھپە
173 سەر
شۆھرەت
186 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 19:16:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزگە كىتاپ مۇھىممۇ ياكى ھاراقمۇ؟!


ئاپتورى: ئۆزھال


kitap-oku.jpg


مەن كىتاپقا تولىمۇ ئامراق، شۇڭلاشقا بىكار بولساملا كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ تۇرىمەن. يېقىندا كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە يېڭى نەشىردىن چىققان مەلۇم بىر كىتاپنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ناھىيە  مەركىزىدىكى xxxكىتاپخانىسىغا كىرىپ قالدىم. شۇنچە چوڭ،ئازادە كىتاپخانىدا كىتاپ ساتقۇچىنى قوشقاندا ئاران 5 ئادەم باربولۇپ، تولىمۇ جىمجىت ئىدى. يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز نى ئېسىل ، بىباھا كىتاپلار ئۇقۇيدىغان ئادەم يوق بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى،ئىختىيارسىز ئەگەر پۇلۇم جىق بولغان بولسا ھەممىنى ئۆزەم سېتىۋالاركەنمەن دەپ كەتتىم. شۇ
ھامان كۆز ئالدىمغا قايسى  كۈندىكى بىر ئىش كەلدى؛
  ئۇ كۈنى بىر ئاغىنەم بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى بولۇپ تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇن ئۇلانمىدى. سۈرۈشتۈرسەم مەلۇم  قاۋاقخانىدا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاۋاقخانىغا بېرىشقا توغرا كەلدى، ئىشىك ئالدىغا كەلسەم بۇسۇغا تۈۋىدىلا بىرسى ئاغزىغا قولىنى تىقىپ ياندۇرغىلى تۇرۇپتۇ،قۇلۇم بىلەن بۇرنۇمنى تۇتۇپ ئىچىگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، تېخى كۈندۈز بولۇشىغا قارىماي شۇنچە كۆپ ئايرىمخانىلار ئادەم بىلەن لىق تۇشۇپتۇ، قىلىدىغان ئىشى يوقمىدۇ بۇلارنىڭ دەپ ئويلاپ قالدىم . قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئاچچىق تاماكا ئىسلىرى بىلەن قاڭسىق ھاراق بۇسى ئارلاشقان بىر بەتبۇي پۇراق كىشىنىڭ دىمىغىنى ئېچىشتۇراتتى. تېخى بىر ئايرىمخانىدىن دۇتتار،تەمبۇرغا تەڭكەش قىلىپ، ئاھاڭىنى بۇزۇپ ئالا-تاغىل ئۆچكىدەك مەرىشىپ  ئېيتىۋاتقان ‹‹دىككا-دىككاڭ زورىخان››دېگەن ناخشا ئاڭلىنىۋاتاتتى.  ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشۈپ،ئىشىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن،سورۇندا ئولتۇرۇشقا قىلغان تەكلىپلىرىگە ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ، ئاران سىرىتقا چىقىۋالدىم ۋە ساپ ھاۋادىن قانغۇچە نەپەس ئالدىم... ... ...
شۇ كۈنى كىتاپخانىدىن چىقىپ  ئۆيگە قايىتقۇچە، كوچا دوقمۇشىدىكى قاچانلا قارىسا توپلىشىپ قارت ئوينايدىغان بىكار تەلەپلەر ،ھەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان ئويۇنچۇقخانا (تورخانا) لارغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىۋاتقان ئادەملەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ئويلاپ قالدىم، مۇشۇلار بېھۇدە ئىسراپ قىلىۋاتقان ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتى، پۇللىرىدىن ئازراق سەرىپ قىلىپ ،كىتاپخانىلارغا كىرىىپ قويسا، بىرەر كىتاپ سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويسا ئوشۇق كېتەمدىغاندۇ دەيمەن؟! ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ ،پەرزەنىتلىرىنىمۇ بولسا ئويلاپ قويسىچۇ؟!... ... ... ...
  مەن خەلقىمىزنى كىتاپ ئوقۇمايدۇ دېمەكچى ئەمەس ، خەلقىمىز كىتاپ ئوقۇيدۇ ،خەلقىمىز ئىلىمخۇمار ، كىتاپخۇمار ،تىرىشچان خەلىق .جاھانغا مەشھۇر ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› قاتارلىق ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز يېزىپ قالدۇرغان .بىراق، ھازىر ھەقىقەتەن خىلى كۆپ قىسىم كىشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ ئويۇنچۇقخانا(تورخانا) ،قاۋاقخانىلاردا مەس-ئەلەس، بىھۇدە ئۆتكۈزمەكتە ، مىڭبىر جاپالاردا قىينىلىپ تاپقان ،بىر كىتاپ ئېلىپ ئوقۇشقا كۆزى قىيمايدىغان پۇللىرىنى بىھۇدە بۇزۇپ چاچماقتا ...مۇشۇنداق كۆز يۇمغۇسىز بىر ھەقىقەت ئازراقلا ۋىجدانى بار ھەر بىر ئەقىل ئېگىسىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ ئەلۋەتتە؟!!!... ... ... ...
ھەممىمىزگە مەلۇم، تارىختا ئۆچمەس شان-شۆھرەتلەرنى قالدۇرغان ئىجتىھاتلىق ، پەم - پاراسەتلىك ،ئىشچان ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە ئەزەلدىن ئىلىم - مەرىپەت ، يېڭى بىلىملەرنى  ئۆگىنىشنى ،   ھورۇنلۇق ،قاششاقلىق ، ئىسراپخورلۇق،مەيخورلۇق ،بۇزۇقچىلىقتىن نېرى قېچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .ئۇلار بىزگە نۇرغۇن ئېسېل ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قالدۇرغان ؛ مەسلەن ،‹ياشلىقتا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ›،‹ھاراق بىلەن دوسىتلاشقىنىڭ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقىنىڭ›، ‹جاھاندا بىلىمدىن قىممەتلىك بايلىق يوق ›،‹بىر كىتاپ ئوقۇساڭ بىر سەر ئەقلىڭ قوشۇلار›...دېگەندەك . دوسىتلار ،ئۇنداق قىلمايلى، غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەيلى، قىممەتلىك ۋاقتىمىز ۋە پۇل - بايلىقىمىزنى ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلمايلى .بىكار بولساق ،ئۆزىمىز ، مۇمكىن بۇلسا باللىرىمىزنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ قويايلى .ئېسىل ، تەۋەررۈك ، دۇردانە كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ قالمىسۇن .كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى قۇرۇق ، قەلبى جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە قالمىسۇن !
2010 - يىل  فېۋرال
(پاكزات مۇكاپاتلىق ئەسىرى)

باھا سۆز

ئامان تېخشى تېما ئىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:48:07
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئاينۇر + 15 + 5 + 11

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 15 تىللا + 5 تۆھپە + 11  باھا خاتىرىسى

Rank: 2

قىزغىنلىق
62 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
21 سەر
شۆھرەت
20 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:06:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب مىللەتنى پارلاق يولغا باشلايدۇ.ھاراق مىللەتنىڭ يىلتىزىغا پالتا چاپىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
998 سەر
تىللا
186 دانە
تۆھپە
702 سەر
شۆھرەت
700 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:22:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى تىما ئىكەن بۇ ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ ئەركەكلەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-11 04:38, Processed in 0.107813 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش