قورقۇنچلۇق كىچىك ھېكايىلەر

1. ھېكايە:
بىر قىز ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشىدا ئۆيىگە كەچ قاپتۇ . ئۇ ئۆيىگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بۇ كوچىدىن ئالدىراش چىقىپ كىلىۋاتقان بىرى بىلەن سوقۇلۇپ كېتىپتۇ ، ئۇ ئادەم بۇ قىزغاخېلى قاتتىق سۇقۇلغان بولسىمۇ ئەپۇ سورىمايلا كىتىپ قاپتۇ . ئەتىسى بۇ جايغا ساقچى ماشىنىسى يېغىپ كېتىپتۇ ، ئەسلىدە بۇ رايۇندا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن ، قاتىل بەكمۇ ۋەھشى بۇلۇپ ھەتتا كىچىك بالىنىمۇ ئامان قويمىغان ئىكەن . ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە بىر كۈنى كەچتە قىز ئۆيىدە يالغۇر تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسا ئىشىك چىكىلىپتۇ ، قىز ئىشىك قېشىغا بېرىپ مۈشۈك كۆزدىن قارىسا بىر ساقچى ئىكەن ، قىز ئىشىكنى ئېچىپتۇ ، ساقچى ئۇنىڭدىن قاتىللىق يۈز بەرگەن كۈنى كەچتە بىرەر گۇمانلىق ئادەمنى ئۇچىراتقان –ئۇچىراتمىغانلىغىى سوراپتۇ ، قىز ھېلىقى كەچتىكى ئادەمنى ئىسىگە ئاپتۇ ، لىكىن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى ۋە كىيىم كېچىكى ھەققىدە بىرەر نەرسىنى ئەسلىيەلمەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھۋالنى ساقچىغا ئېيتىپ يۈرمەپتۇ ۋە ‹‹ ھىچنىمىنى كۆرمىدۈم ›› دەپ ساقچىنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپتۇ . يەنە ئارىدىن 3كۈن ئۆتكەندە قىز تېلىۋۇزۇردىن ۋەھشى قاتىلنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپتۇ ، تېلىۋۇزۇردىكى ساقچىلار يالاپ ماڭغان قاتىلنىڭ چىرايىغا قاراپلا ئۇنىڭ پۇت – قۇلىدا جان قالماپتۇ ،چۈنكى قاتىل دەل 3كۈن بۇرۇن ساقچى قىياپىتىدە ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ كىرگەن كىشى ئىكەن . 2.ھېكايە:
كەچلىك ئېسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان بىر سېستىرا قىز ئادەم ئاز ماڭىدىغان كوچىدا بىر بۇلاڭچىنىڭ بىرسىنى بۇلاپ پىچاق تىقىۋەتكەنلىگىنى كۆرۈپ قاپتۇ ، ئۇ قورقۇنچىلىغىدا كەينىگە ئۆرۈلۈپلا قېچىپتۇ ، لىكىن بۇلاڭچى قىزنىڭ قاچقان چاغدىكى ئاياق تىۋىشىدىن قىزنى سىزىپ قېلىپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپتۇ ، قىز ئادىمىزات يوق بۇ كوچىدا قېچىپ كېتىۋېتىپ بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر ئۇرنغا يۇشۇرنىۋاپتۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ھاجەتخانىغا يەنە بىرەيلەننىڭمۇ كىرگەن ئاياق تېۋىشى ئاڭلىنىپتۇ ، قىز ئەڭ ئاخرىقى بىر ئۇرۇندا تۈگۈلۈپ ئولتۇرغىنىچە كىچىك ئىشىكلەرنىڭ ئاستا ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپتۇ ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى مۈكۈۋالغان ئۇرۇننىڭ يېنىدىكى ينىدىكى ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇددى ھوشسىزلىنىپ قالغاندەكلا جايىدىلا ئولتۇرۇپ قاپتۇ . ئارىدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۈتۈپتۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇ ئۇ مۈكىۋالغان ئورۇننىڭ ئىشىكى ئېچىلماپتۇ ، ئۇ شۇ ئورۇندا خۇددى تىنىغىمۇ يوقتەك ئولتۇرۇپ 3 سائەتنى ئۆتكۈزۈپتۇ ، بۇ چاغدا ئەتىراپتا ھىچقانداق تىۋىش بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا ئازىراق جان كىرىپتۇ ، ئۇ ئاستا يېنىدىن يان تېلىفۇننى چىقىرىپ ئۇنىڭدىكى ۋاقىتقا قاراپتۇ ، كېچە سائەت 3:30 بولغان ئىكەن ، ئۇ بۇ جايدىن چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپتۇ ، ئۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇت – قوللىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇئورنىدىن تۇرۇپتۇ –يۇ شۇ زامانلا ئۈزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپتۇ ، چۈنكى بۇلاڭچى قاتىل ئۇ مۈكۈۋالغان ئورۇننىڭ پاكار تېمىدا ئولتۇرۇپ ئىزچىل ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ئىكەن.
3.ھېكايە:
ئالىي مەكتەپنىڭ بىرقىز ئوقۇغۇچىسى ئوپچە ياتاققا كۈنەلمىگەچكە چەتىرەك بىر ئاھالىلىك رايۇنىدىن ئايرىم ئۆي ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى يۇرتىدىن نەۋىرە سىڭلىسى يوقلاپ كەپتۇ ، ئۇ قىز بۇ مەركىزى شەھەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەچكە ئاچىسى دەم ئالغان بىركۈنى بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنى بىللە ئاچىقىپ كەچكىچە بازا ئايلاندۇرۇپتۇ ، شۇنداق خوشال ئويناپتۇ ، ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر كۈننى كەچ قىلىپ يەيدىغان ئۇششاق – چۈششەكلەر ۋە مىۋە سۇلىرى دىگەندەكلەرنى ئېلىپ ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئۆيگە قايتىپتۇ ، ئۇلار ياتاققا كېلىپىلا ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى جوزا ئۈستىگە قۇيۇپ ئۆزلىرىنى كارۋاتقا تاشلاپتۇ ، قىزلار ئەتىگەندىن كەچكىچە ماڭغاچقىمۇ بەكلا ھېرىپ كەتكەن ئىكەن ، قىزلارغا كەچلىك تاماق يىيىشمۇ خوشياقماپتۇ ، سىڭلىسىنىڭ كۈندە كەچتە يۈزىنى يۇيۇپ ياتىدىغان ئادىتى بار ئىكەن ، ئۇ كارۋات ئاستىدىكى ئاچىسىنىڭ كىپىشىنى كىيىپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ ، ئاچىسىنىڭ ئەمدىلا كۈزى ئۇيقۇغا ئىلىنىشىغا سىڭلىسى ئۇنى ئويغىتىپتۇ ، - -ئاچا ، تۇرغىنە ، شاتۇت سۇيى ئەكىرىپ ئىچەيلى ، - -ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزمىغىنە ، ئىچكىڭ بولسا ئاۋۇ خالتىدا چىلان سۈيى بار ،شۇنى ئىچكىن ، - -ياق ، ياق ، چىلان سۈيى ئىچكىم يوق، تۇرغىنە ، دوقمۇشتا بايا كۆرگەن ئىدىم ، لىكىن ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىردەمدىلا كىرىپ بۇلىمىز ، ئاچىسىنىڭ خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغان بۇ نەۋىرە سىڭلىسىنىڭ كىچىك بالىدەك قىلىۋاتقان ئىشىغا ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ لىكىن مىھمان بولغاچقا گېپىنى يىرالماي ئامالسز ئورنىدىن تۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئۆينىڭ سىرتىغا چىقىشىغىلا سىڭلىسى جىددىلىشىپ ئاچىسىغا دەپتۇ ، - -ئاچا ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغىن ، - -نىمىنى ؟ -بايا سىنىڭ ئۆي ئىچىدە كىيىدىغان ئايىغىڭنى ئىزدەپ كارۋات ئاستىدا قۇلىدا پىچاق تۇتۇپ مۈكۈپ ياتقان بىرىنى كۈرۈپ قالدىم ...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۇلاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-2 16:45
|