پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 825 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇرلاردا چىلىم مەدەنىيتى ئەۋج ئالماقتا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
59
قىزغىنلىق
546 سەر
تىللا
141 دانە
تۆھپە
271 سەر
شۆھرەت
297 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 00:22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزگە يەنە بىر يېڭى مەدەنىيەت قۇشۇلدى ، ئۇ بولسىمۇ چىلىم مەدەنىيتى . بۇ ئىلغار مەدەنىيەت قەيەردىن كەلدى ؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىگىدىكى دۇبەيدىن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۇبەي دېگەن يەردە باي ، ھاجى خېنىملار چىرايلىق گىرىم قىلىشىپ ، كېچىدە دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ چىلىم چىكىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ كېلەرمىش . ئەمىلىيەتتە بۇ چىلىم قانداقتۇر ئەپىيۇن ، نېشە ياكى زەھەرلىك چىكىملىك بولماستىن ، ھەرخىل خۇشپۇراق دورا ماتىرىياللىرى ( قىزىل گۈل بەرگى ، ئالما ، ئۈرۈك قاقلىرى دىگەندەك ) ئىكەن ، بۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئۆپكىنى ياشارتىپ ، ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە نەپ قىلىدىكەن ، بۇلۇپمۇ ئاياللارغا بەك پايدىسى بار ئىكەن .
بۇ خىل ئىسلاپ داۋالاش شەكلى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدىكى نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى رېتىسىپلىرىدىمۇ بار . ئېسىمدە قېلىشچە ، كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرىدىغان يەرلىك تېۋىبلار دورىلىرىنى تاماكىغا ئوراپ بىمارلارغا چەكتۈرۈپ ياكى بىۋاستە نەپەس يوللىرىغا پۈۋلەش شەكلى بىلەن ھەرخىل نەپەس يوللىرى كېسەللىرىنى داۋالاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم . مانا بۇ سىرىتتىن كىرگەن ئىلغارلىق بىلەن ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەنئەنىۋىيلىك بىرلەشكەن چىلىم مەدەنىيتى .
بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزغا كەلگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نېشە -بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىك بەكرەك ئەۋج ئالغان رايۇنلاردا باشلاندى ، ئايرىمخانىلاردا ياكى بۇلۇڭ- پۇشقاقلاردىكى شەخىسلەرنىڭ ياسىداق ئارامبەخىش ئۆيلىرىدە، ئالدى بىلەن خانىم _ قىزلىرىمىز ئوغۇرلۇقچە بېرىپ چېكىدىغان، ئاندىن ئەر-خۇتۇن بىللە بېرىپ چېكىدىغان بولدى . كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدىن قارىغاندا ھەممە ئائىلىدە چىلىم بار بۇلۇپ ،ئاتا- ئانا ، پەرزەنىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ چېكىشكە قاراپ يۈزلىنىدىغان ئوخشايدۇ ؟!بەزى تاماكا ،نېشە -بەڭ چېكىدىغان (ھەتتا بەش ناماز ئۆتەيدىغانلارمۇ بار ) قېرىنداشلىرىمىزغا چېكىملىك بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى تەشەببۇس قىلساق ، دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە دانا سۆزى بار ، ئۇ بولسىمۇ قورئاندا ئىچىملىك(ئېچىتىلغان ) مەنئىي قىلىنغان ، چېكىملىك تىلغا ئېلىنمىغان ،دەيدۇ . بۇ چىلىم مەدەنىيتىنىڭ دۇبەيدە باشقىدىن رۇناق تېپىشى ، دۇبەيگە بېرىپ -كېلىپ تۇرىدىغان سودىگەر ، ئۇقۇمۇشلۇق ھاجىم ئەپەندى – خانىملىرىمىز تەرىپىدىن دىيارىمىزغا تارىتىلىشى بىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ .ئەسلىدىنلا نېشە – بەڭ ، زەھەرلىك چېكىملىكتىن قۇتۇلالمايۋاتقان خەلىقىمىزگە ئەمدى چىلىم مەدەنىيتى قېتىلدى ، بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نىڭ كۆپچىلىكى دۇبەيگە بارغان ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار دىيارىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلار (كۆپچىلىكى خانىم -قىزلار )، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پائالىيەت دەل نىشە -بەڭ ، زەھەرلىك چىكىملىك بەكرەك يامراپ كەتكەن رايۇنلاردا ئەدەب كېتىۋاتىدۇ ‹‹ تەنگە شىپا بۇلىدىغان خۇشپۇراق ماتىرىياللار ئىكەن ، دۇبەيدىكى ھاجىملار ، ھاجى خېنىملار چېكىدىكەنغۇ ، يامان ئىش قىلمىساق -يا ! ›› مانا بۇ يېڭى چىلىمكەش «بەڭگە » لەرنىڭ پەتىۋاسى . نىمە دىگەن ھاماقەتلىك -بۇ! زەھەرلىك چېكىملىك قاتتىق چەكلىنىپمۇ تۇسۇلۇپ بۇلالمايۋاتقان بۇ دىيارىمىزدا ئاشۇ ھارامخور، ئەتكەسچى مەلئۇنلار سىزنىڭ ئاشۇ خۇشپۇراق ماتىرىياللىرىڭىزغا چاڭ سالماي قالارمۇ ؟!ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان نورۇز بايرىمىنى ، ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىمىزنى ، ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ئسلام دىنىمىزغا يات دەپ قارىغان ‹‹ ئۇقۇمۇشلۇق ئۆلىمالىرىمىز ›› توردا بولساڭلار ، قېنى بۇ دۇبەيدىن كەلتۈرۈلگەن چىلىم مەدەنىيتى ئالدىدا مەڭدەرەپ قالغان ئەپەندى ، خانىم -قىزلىرىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى؟!
چىلىم مەدەنىيتىنىڭ پايدا – زېيىنى توغرىسىدا بىلىپ – بىلمەي سۆزلەپ قالغان بولسام ، قېنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىم قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار . يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان بۇ چىلىمكەشلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزگە ، ئىجتىمائىي ئەخلاق تۇپراقلىرىمىزغا زادى قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن ؟!  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
318 سەر
تىللا
52 دانە
تۆھپە
204 سەر
شۆھرەت
235 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:05:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن .
كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئېچەر .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5461 سەر
تىللا
4035 دانە
تۆھپە
3755 سەر
شۆھرەت
4236 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:50:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆتكەن يىلى ياز؛ىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە چىقاندا رېستۇراندا يەتتە سەككىزلەيلەننىڭ قاتار (چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ )تۇرۇپ چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن!بارازلاردىمۇ ساتىدىكەن چېلىمنى !لېكىن مۇھىم مەسىلە ئۇنىڭ ئىچىگە سالغان چېدىغان نەرسىدە

Rank: 1

قىزغىنلىق
12 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
13 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 01:14:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئىشلار بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ دېسە،ئۆپكىنى ياشارتىش ئۈچۈن چىلىم چىكىش ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ.
تەدبىرىڭ قانداق بولسا،تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
735 سەر
تىللا
582 دانە
تۆھپە
547 سەر
شۆھرەت
636 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىبايقاش قوغدىغۇچىسىتۆھپىكار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 14:06:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ يېقىندا بىر دوستۇمدىن ئۈرۈمچىدە ئاشخانىلاردا  چىلىم چىكىدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم ھەم ئانچە ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئەسلى مۇشۇنداق ئىشلار راستىلا باركەندە؛ بۇ جاھان قانداق  بۇلۇپ كەتتى. ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيىگە يات ئىشلارنى كۆپلەپ قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىرى ئۇنتۇلۇق قېلىنۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-5-11 04:33, Processed in 0.104572 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش