بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلۈك ئىپادىسى

ئەگەر سىزدە بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئىككىسى كۆرۈلسە، بۆرىكىڭىز ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، تەكشۈرتۈڭ: ★سۈيدىكىڭىزدىن ئازراق ئېلىپ ئىستاكانغا قۇيسىڭىز، سۈ ئاۋالقىدەك سۈزۈك بولسا قېنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر دۇغلاشسا ياكى سۇ يۈزىدە ياغ ماددا لەيلەپ قالسا، بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ★نورمال سۇ ئىچكەن ئەھۋالدا، كېچىدە كىچىك تەرەتكە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چىقسىڭىز. ★كىچىك تەرىتىڭىز راۋان بولمىسا، تامچىلاپ كەلسە. ★ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا كۆزىڭىز ئىششىپ قالسا. ★ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەي، قەۋەتكە چىققۇچە پۇتىڭىزدا كۈچ قالمىسا. ★ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ تاماق ئەتكەن ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئارتۇق بولغاندا، پۇتىڭىز بوشاپ كەتسە. ★بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى خالىماس بولۇپ قالسىڭىز ، زېھنىڭىزنى يىغالمىسىڭىز. ★چېچىڭىزنى يۇيغاندا چېچىڭىز كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە. ★شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئوچۇق ھالەتتە ئۇخلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، بېلىڭىز ئاغرىپ ،ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسىڭىز. ★دائىم چۈش كۆرۈپ چۈشىڭىزدە ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز، ئەتتىگەندە تۇرغاندا قاتتىق چارچاپ كەتسىڭىز. ★خەت يازماقچى بولۇپ،قەلەمنى قولغا ئېلىپلا يازماقچى بولغان سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز. ★دائىم ئۇيقۇسىراپ تۇرسىڭىز، لېكىن ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، ناھايىتى تەستە ئۇخلىسىڭىز ۋە ئاسانلىقچە ئويغۇنۇپ كەتسىڭىز، يېرىم كېچە كىتاب ئوقۇش ياكى رادىئو ئاڭلاش ئادىتىڭىز بولسا. ★كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلاپ كەتسە، تېلېۋىزور ياكى كىتابنى بىردەم كۆرسىڭىز كۆزىڭىز چىڭقىلىپ كەتسە. ★دېمەكچى بولغان گېپىڭىز ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئويلاپ تاپالمىسىڭىز، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنى -بۇنى تولا يۈتتۈرسىڭىز. ★ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالسىڭىز.

مەنبە : « ھاياتلىق » ژۇرنىلى  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 18:46
|