كەيپىياتىڭىزنى كونتىرول قىلالامسىز؟ (قىسقا سىناق)

سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ئاكتىپمۇ ياكى پاسسىپمۇ؟ قانداق ئەھۋال ئاستىدا ناچار كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز؟ باشقىلارنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قانداق بىلىۋالالايسىز؟ ناچار كىشىلىك مۇناسىۋەتنى تېزلا ئوڭشىيالامسىز؟ پاسسىپ كەيپىياتنىڭ روھى ھالىتىڭىزگە تەسىر قىلغانلىقىنى سېزەلەمسىز؟ ئۇنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟ مانا بولار بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. قېنى، ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ: 1. تەس خىزمەتنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىڭىزدا ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلامسىز؟ 2. پەقەت خاتا بولمىسا باشقىلارنىڭ نىمە دىيىشى بىلەن پەرۋايىڭىز پەلەك يۈرىۋېرەمسىز؟ 3. ئىشتىن چاتاق چىققاندا ھەممىدىن ئاغرىنامسىز؟ 4. كۆڭۈلسىز ئىلار كەيپىياتىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەندە، ئۇنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يىتەمسىز؟ 5.كەسپ رىقابەت جەريانىدا، باشقىلار سىزدىن ئېشىپ كەتسەبىئارام بولامسىز؟ 6. سىزنى قەستلەپ يۈرگەن كىشىنى يولۇقتۇرغىنىڭىزدا ئۇنىڭغا بىمالال قارشىلىق كۆرسىتەلەمسىز؟ 7. ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىشتىن قالدۇرۇلغان بولسىڭىز،" ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت شارائىت يارىتالىساملا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كىتەلەيمەن" دەپ قارامسىز؟ 8. ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان تەرسا كىشىلەر سىزنى بىئارام قىلامدۇ؟ 9.دوستىڭىز يىگىتى بىلەن تونۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا سىزەە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، سىز باشقىلارغا دىمەسلىككە قەسەم قىلالامسىز؟ شۇنداقلا ۋەدىڭىزدە تۇرالامسىز؟ 10. سىز ئۆزىڭىزگە ھەقىقەتەن ئىشىنەمسىز ھەمدە كۆپ قىسىم كىشىلەرگە قىزىقىسىز ،شۇنداقمۇ؟ 11.مەلۇم بىر مېيىپ كىشى بىلەن تونۇشقان چېغىڭىزدا، ئۇنىڭغا دوستلارچە مۇئامىلە قىلالامسىز؟ 12. باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قارىماسلىققا ئادەتلەنگەنمۇ؟ 13.باشقىلار بىلەن ئوتتۇرىڭىزدا زور پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلسە، ھەل قىلىشنىڭ ئامالىنى تېپىپ چىقالامسىز؟ 14.ھەمىشە باشقىلاردىن ئۈستۈنلىكىڭىز ھەققىدە سۆز ئاچامسىز؟ 15.ئەزەلدىن باشقىلارغا چاقچاق قىلىشنى ياقتۇرمامسىز؟ 16.باشقىلارغا بىرەر ئىشنى ئېيتقاندا، ئىنچىكە ھالقىلىرىنىمۇقايتا-قايتا، ناھايىتى ئېنىق ئېيتامسىز؟ 17.ئارام كۈنلىرىدە دوستىڭىزنى چاقىرۋېلىشنى ئۈمىد قىلامسىز، ئىشلىرىڭىز ھەمىشە كۆڭۈلدىكىدەك بولامدۇ؟ 18.دوستىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغىنىڭىزدا، دوستىڭىزغا ئانچە خوش ياقمىسا، قاتتىق باش قاتتۇرۇپ، ئۇنى گىپىڭىزگە كىرگۈزۈشكە ئۈرىنامسىز؟ 19.باشقىلار سىزگە ئاچچىقلانغاندا، سىز ئۆزۈمنى تۇتېۋېلىشىم كېرەك، دەپ ئويلامسىز؟ 20.ناتونۇش ئادەمنىڭ ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشى سىزنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ، ئارىمىڭىزنى بۇزامدۇ؟ 21.ئايرۇپىلاندا يۈرىۋاتقىنىڭىزدا: "ئايرۇپىلان خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇقتى" دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز قىلچە ئالاقزادە بولماي پەرۋاسىز ئولتۇرامسىز؟ 22.يەكشەنبە كۈنى سىز بىر كۈن ئۆي يۈغۈشتۇردىڭىز، يولدىشىڭىز ئۆيگە كىلىپلا: "تاماق ئەتمەپسىزغۇ" دەپ ئاغرىنسا، سىز دەرھاللا: " ناھايىتى چارچاپ كەتكەن ئوخشايدۇ" دەپ ئويلامسىز؟ 23.شەخسى ئولتۇرۇشلاردا، ئۆزىڭىزنىڭ سۆز- ھەركىتىدىن قىلچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيسىز، شۇنداقمۇ؟ 24.سىز دائىم جەمئىيەتنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپلىكىنى، ئۇنى چۈشىنىشنىڭ تەسلىكىنى ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىلاجىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلامسىز؟ 25.ھاياجانلىنىش، غەزەپلىنىش ۋە ئازاپلىنىش ھەمىشە سىزنى ئۆز ئىسكەنجەگە ئېلىپ تۇرامدۇ؟ 26.كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرىڭى ئارىسىدىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئىشلەمسىز؟ 27.سۆيگىنىڭىزنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى ياقتۇرمىسىڭىز، پۇرسەت تاپسىڭىزلا ئۇنىڭ زىتىغا تېگەمسىز؟ 28.جۆرىڭىز بىلەن سوقۇشۇپ قالغاندا، بالىڭىزنىڭ ئۆيدە بار-يوقلىقىنى ئويلاشمامسىز؟ 29.خىزمەددىشىڭىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، پەقەت سىزنىڭلا ياردەم بىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلسىمۇ، ئېغىز ئاچامدۇ، ئاچمامدۇ؟ 30.ناۋادا كىشىلەر سىزنىڭ ئاداۋەت ساقلايدىغانلىقىڭىزنى بىلسە ھەيرانلىق ھېس قىلامدۇ؟

نومۇر قويۇش ئۇسولى: 26،23،22،21،19،15،13،11،10،9،7،6،4،2- سۇئاللار مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، بىردىن نومۇر بېرىلىدۇ، ئىنكار قىلىنسا نومۇر بېرىلمەيدۇ. باشقا سۇئاللار مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە نومۇر بېرىلمەيدۇ، ئىنكار قىلىنسا بىر نومۇر بېرىلىدۇ.
ئېرىشكەن نۇمۇرىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز نەتىجىسىنى كۆرەلەيسىز. سەيياھ، ئەگەر بۇ تىمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-27 19:14
|