baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 612|ئىنكاس: 4

جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بىلەن چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلار بىلەن چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرقى

بالىلارمەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، جوڭگولۇق ئاتا-ئانىلار:‹‹بۈگۈن ئۆگۈنىشىڭ قانداقراق بولدى؟ ئىمتاھاندا نەچچە ئالدىڭ؟››دەپ سورايدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار:‹‹بۇگۈن مەكتەپتە خۇشال ئوقۇدۇڭمۇ؟ ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئوبدان ئۆتتۈڭمۇ؟›› دەپ سورايدۇ.
ئۆيدە بىرەر ساۋاقدېشىڭنىڭ گېپى بولغاندا، جوڭگولۇق ئاتا-ئانىلاربولسا:‹‹ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى قانداقراق؟›› دەپ سورايدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا :‹‹ئۇ قانداقراق بالا؟››دەپ سورايدۇ.
بالىلار ئۆيدە بىكار ئولتۇرغاندا، جوڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار :‹‹قوزام، ئۆيدە ئولتۇرغىن، تالاغا چىقىپ كەتمىگىن، ھازىر جەمىئيەت بەك قالايمىقان››دەيدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار :‹‹بالام، نېمىدەپ تالاغا چىقىپ ئوينىمايسەن؟ سىرتقا چىقىپ دوسلىرىڭ بىلەن ئوينىغىن، سىرتقى دۇنيا نېمىدىگەن گۈزەل-ھە!››دەيدۇ.
جوڭگودا ئىككى بالا ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئارىدىن بىرىنىڭ  ئاتىسى كۆرۈپ قالسا، ئۆزىنىڭ بالىسىنى بىر ياققا تارتىپ، يەنە بىر بالىغا قۇلىنى شىلتىپ تۇرۇپ:‹‹نېمىنداق تەربىيە كۆرمىگەن نىمە سەن؟ نېمىدەپ بالامنى ئۇرىسەن؟›› دەپ ۋارقىرايدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا:‹‹بالىلىرىم، ئاراڭلاردا ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك نېمە ئىش يۈز بەردى؟ نېمە دەپ ئۇرۇشۇپ يۈرىسىلەر؟››دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.
بالىلار ئاتا-ئانىسىغا بىرەر نەرسە ئالماقچى بولغاندا، جۇڭگۈلۇق ئاتا-ئانىلار :‹‹ئۇ نەرسە قىممەت ئەمەستۇ؟›› دەپ سورايدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار:‹‹سەن ئۇ نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقمۇ ؟››دەپ سورايدۇ.
بالىلار ئاتا-ئانىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە، جوڭگۇلۇق ئاتا- ئانىلار:‹‹ئۇنداق ئىشلارنى قىلىمەن دەپ زىھنىڭنى چېچىپ يۈرمەي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇ!››دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. چەت ئەللىك ئاتا- ئانىلار بولسا:‹‹بۇ ئوبدان ئىشكەنغۇ! قېنى سىناپ باققىن، ساڭا مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن››دەپ ئىلھاملاندۇرىدۇ.
بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ مەغلۇپ بولغاندا، جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار:‹‹ساڭا باشتىلا بۇنداق ئىشلارغا زىھنىڭنى چاچما، ئۆگۈنۈشنى ئوبدان قىل !دىمىگەنمىدىم، ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتامسەن ؟››دەپ تاپا-تەنە قىلىدۇ، چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا :‹‹قوزام مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بۇلىۋاتىدۇ، كىيىنكى قېتىم چوقۇم ياخشى قىلىپ كېتەلەيسەن، ھەممە ئىشتا باشتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ كىتىدىغان ئىش يوق››دەيدۇ.
بالىلار بىرەر ئىشنى قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ قالسا، جۇڭگۇلۇق ئاتا-ئانىلار :‹‹بەك خۇش بۇلۇپ كەتمە، بۇنەرسىلەر كارغا كەلمەيدۇ، يەنىلا ياخشى ئۆگىنىپ داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتمىسەڭ بولمايدۇ!››دەپ دوق قىلىدۇ. چەت ئەللىك ئاتا-ئانىلار بولسا:‹‹بالام، مۇبارەك بولسۇن، سەن نىمىدىگەن قالتىس-ھە!مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن››دەيدۇ. (05)
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى(2012-يىلى 3سان)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-4-3 17:54:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلۇپمۇ ھازىرقى زاماندا تۇغۇلغانلار بەكلا ئىلھامغا مۇھتاج~~~~~~~ نۇرغۇن دەرسلەرنى ئاڭلىسام ئۇقۇتقۇچىغا بېرىدىغان تەكلىپ قالمىغاندا ئىلھاملاندۇرىشى كۆپرەك بولسا دەپ پىكىر بېرىدىغانلار بار ئىدى ......ئۇقۇتقۇچىلارلا ئەمەس، ئاتا- ئانىلارمۇ ئىلھاملاندۇرۇشنى كۆپەيتسە بالىلاردىكى ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكىلى بولامدىكىن دەيمەن
ۋاقتى: 2012-4-3 21:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي شۇنداقاخشى تېما ئىكەن بىزنىڭ ئشقىلىپ نۇرغۇن ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك ئىشلىرىمىز بار ئىكەن جۇمۇ!
ۋاقتى: 2012-4-5 13:17:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە.
ماتىرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پەرىق»لەر پەرزەنت تەربىيەسىدە بىزدەك ئاتا- ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۆرنەك. بىزدە كۆپرەك بالىلارغا نىسپەتەن بېسىم قىلىش، مەجبۇرلاش، قېيداش، تاپا-تەنە قىلىش پىسخىكىسى بىر قەدەر ئېغىر. ئىلھاملاندۇرۇش، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىر قەدەر كەمچىل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-5 13:18  

ۋاقتى: 2012-4-9 23:20:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز، رەخمەت سىزگە.
ماتىرىيالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «پەرىق»لەربىزدەك ئاتا- ئانا بولغۇچىلار ئۈچۈن  ياخشى بىر ئۆرنەك. بىزدە كۆپرەك بالىلارغا نىسپەتەن بېسىم قىلىش، مەجبۇرلاش، قېيداش، تاپا-تەنە قىلىش پىسخىكىسى بىر قەدەر ئېغىر. ئىلھاملاندۇرۇش، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىر قەدەر كەمچىل.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 17:48, Processed in 0.906986 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش