مۇئەللىم بولماق تەس (2-قىسىم )
نۇرمۇھەممەت قاراساي
دەردىمنى بىر تۆكسەم كۈلەرسەنمىكىن ، مۇئەللىم بۇپ قالماي دەپ تىلەرسەنمىكىن . ئويلىما مۇئەللىملىك بەك ئاسانمىكىن ، بۇباغرىم قان يىرىڭ كۆرەرسەنمىكىن . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماى تەس .
دىھقانمۇ قۇتۇلدى سۇئال سوراقتىن، خامىنى تولغاندۇ ،بۇغداي قۇناقتىن . قاچانمۇ يەيمىزكىن ئىسسىق تاماقتىن ، پەخىرلىنىپ يۈرسەممۇ ،ئۇشبۇ ئاتاقتىن ، يەنىلا جاھاندا مۇئەللىم بولماق تەس .
بەزىلەر مەكتەپتە،كۆرسۈتۈپ ئويۇن ، خىزمەتتە ئاسانلا،بۇلار چىمپىيون . بىزلەرگە مۇكاپات ئەگمەيدۇ بويۇن ، ھەق يولدا ماڭغانغا چىقىدۇ قۇيۇن . جاھاندا راستىنلا مۇئەللىم بولماق تەس .
ھەر ئىشتا ئاۋامنىڭ كۆزلىرى سەندە، سەن ئالغان مۇكاپات دېمىدە غەمدە. ئالمىساڭ خاپىلىق ،ئالساڭ دەپسەندە، كەيگەنلەر كىيىممۇ يا ،كۈلا جەندە. جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
مەرىپەت مەشئىلى ياندۇرۇش ئۈچۈن ، سەبىيلەر دىلىغا جان بىرىش ئۈچۈن . قېنىڭنى بەرسەڭمۇ ،ئەل -ئاۋام ئۈچۈن ، كۈلىدۇ بەزىلەر چاندۇرماس ئۇچۇن. جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
ھوقۇقدار چىشلىرى بىلەكلىك ساڭا، پىتنىخور بىر سېنى غاجاشقا خۇما. دوستلۇرۇڭ خۇشامەت قىلىدۇ ئاڭا، دۈشمىنىڭ دىيىشۇر ھالىغۇ مانا. جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
بەنزىدە ئىسمىڭ يوق خۇلاسىدە ھەم ، سىياسى ھوقۇقۇڭ قاتىلدىنلا كەم. ئېھتىيات قىلساڭمۇ ،ئىشلەتسەڭمۇ پەم ، يوق ساڭا ئاراملىق بىلىسەن نىكەم . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
كۆيۈنۈپ تەنقىدلەر ئامراقلار سىنى ، بەزىلەر جار سالار قىززىسا قېنى . بەزىدە ئاچچىقلاپ چىقىدۇ جېنى، ئويلاپ باق سەن ئۈچۈن ھىسداشلىق قېنى؟! جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
ئازادە سىنىپتا بىلىم بىرىسەن ، مۇكاپات ئالقىشتىن ئەسلا نېرىسەن . دۇنيادا ئەڭ ئېغىر كۈندە يۈرىيسەن، ئازغىنا ئۈمىدتە مەجبۇر كۈلىسەن . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
گۈل سۇنار سەنئەتچى غىتمەك بولسىمۇ ، بوي سۇنار ھۇقۇقدار سولتەك بولسىمۇ. باي غۇجام سۆزلىسۇن دۆترەك بولسىمۇ ، مۇئەللىمگە يۈز توخماق قاتتىق كۈلسىمۇ. جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
ئىلىمىڭنى بىلمەس ئەل ،ھېچبىر پۇرسەتتە، پۇلى كۆپنى چوڭ بىلەر، سەندىن ھۆرمەتتە. شۇڭلاشقا نادانلار تۇرار سۆلەتتە ، ئاقىلغا ئورۇن يوق ئويغۇر مىللەتتە. جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
ئەخلاقتىن سۆزلىسەڭ دەيدۇ بىدئەتچى، ئاۋامدىن گەپ ئاچساڭ،غاجار سۈننەتچى . تارىختىن سۆزلىسەڭ ،دەيدۇ مىللەتچى ، سەن يالغۇز،قارشى سەپ دائىم ئون نەچچى . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
مۇئەللىم خەق يۇۋاشراق بولمىساڭ بولماس ، زىيانغا سەۋىرلەر قىلمىساڭ بولماس . خەق سىنى ئۇرسىمۇ تىللىساڭ بولماس ، ھەممىگە خوش -خوش دەپ تۇرمىساڭ بولماس . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
ئويغانسا مىللەت دەپ قىلىسەن ھەۋەس ، نەسىھەت قىلىسەن كەلسە مەس-ئەلەس . تەربىيلەپ چىققۇچە نەچچە زەبەردەس ، ھەركەتكە كىلىدۇ مىڭلاپ نەسلى پەس . جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بولماق تەس .
يازغىنىم ئىشەنسەڭ ھېچ يالغان ئەمەس ، بىر ئۆمۈر يازساممۇ دەردىم تۈگىمەس ، ساراڭكەن دىمەڭلا،مەن ساراڭ ئەمەس ، توختىتاي سۆزۇمنى ئەمدى بولدى بەس . تەس دىسە جاھاندا مۇئەللىم بولماق تەس .
ئاپتۇرى ؛ ( قاراقاش ناھيە كاۋاك ئوتتۇرا مەكتەپتە )
|