مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 1816 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دىلرۇس 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاشنىڭ بۇ رەڭلىرى، بايقاشقا باشقىچە قۇلا قوشۇپتۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ–داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر. ...

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردە ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن بەك كۆپقۇ؟

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدىمى جايدىن ئارىلما چەت بولسىمۇ، سويگىنىڭدىن ئايرىلما سەت بولسىمۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ھەممىدىن تاتلىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سەندىن ئاجىز دۈشمىنىڭنى، قۇدرەتلىك ساناپ، تەييارلىق قىلساڭ، نوسرەت ساڭا مەنسۇپ بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزە ...

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:45 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

  • زەھرا 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ،مەن كەلدىم .

  • قەسىر 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبىرىمىزنىڭ بەت يۈزى جەلپكار ھەم چىرايلىق ،قالتىس بېزىلىپتۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچى ئىنسان قەلبىگە تۇنجى مەرىپەت نۇرىنى ئېلىپ كىرگۈچى مەشئەل،ئۇ ئىنسانىيەت مەدىنىيەت تارىخىنىڭ ئاسمى ...

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يۈرەك قېتىدا ساقلانغان پىنھان سۆيگۈنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر، بەك مەزمۇت بولىدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇرمۇش ئاچچىق–چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىجاد–ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

  • abdihnijan ئۈلۈشكۈن 03:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‹‹مۇقام ››جاھانداتاڭىنىڭ ساداسى،جاھانغاجانكى ئۇنىڭ ناۋاسى،ھېچ تەڭ كېلەلمەس بولبۇل ناۋاسى،ئالەمدە ي....

  • دىلرۇس 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېغىنىغان ئاتنىڭ قىلى قالىدۇ، كۆيگەن ئوتنىڭ كۈلى قالىدۇ.

  • ئىلغار 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش بىز مۇئارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

  • كۆلەڭگە 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەنمۇ مۇنبەر گە تما يوللىماقچىتم  قانداق يوللاشنى بىلمىدىم

  • دىلرۇس 5 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پەزىلەت- تەربىينىڭ مىۋىسىدۇر.

كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 0

9-يىللىقلارنىڭ ئىدىيە-سىياسەت سۇئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

6

دوست

1452

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
344 سەر
تىللا
196 دانە
تۆھپە
206 سەر
شۆھرەت
256 سەر

تىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 20:51:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9-يىللىقلارنىڭ ئىدىيە-سىياسەت سۇئالى

Ⅰ-سۇئال تاللاپ جاۋاپ بىرىڭ.(45=3×15)

1.تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە « مەسئۇلىيەت» توغرىسىدا ئېيتىلغانلىرىدىن توغرىسى: (    ) .A مەسئۇلىيەت بىر ئادەمنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك بولمغان بەزى ئىشلىرىنى كۆرىسىتىدۇ.B  مەسئۇلىيەت قۇرامىغا يەتكەنلەر ۋە كەسپىي خادىملارغا قويۇلغان ئەخلاقي تەلەپ.C پەقەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىشلار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بولىدۇ .Dئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت تىرشىپ ئوقۇغاندىلا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ

2.بىز ياشاۋاتقان جەمىئىيەت چوقۇم : (     ) .① بىر-بىرىمىزگە ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشىدىغان، ئادەملەر تىخىمۇ كۆڭۇل بۆلىشىدىغان جەمئىيەت .② ئۆزىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغان جەمىئىيەت.③ ھەممە ئۆزەم ئۇچۇن دەيدىغان جەمىئىيەت.④ قىزغىنلىق بىلەن تۆھپە قۇشىدىغان جەمىئىيەت A. ③ ①         B. ③②①        C. ④②①        D. ④③②①

3.سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەننى بىكىتىشنىڭ ئاساسى : (     )  A.دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى  .Bماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى .C سوتسىيالىزىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالى .D سوتسىيالىزىمىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى زىدىيەت      

4.دۆلىتىمىزنى باي،قۇدرەتلىك،دېموكراتىك،مەدەنىيەتلىك سوتسىيالىستىك زامانىۋلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ (   )  ،بۇ غايە (    ) ئەمەلگە ئاشىىدۇ. ①ئالىي غايىسى  ②ئەڭ ئاخىرقى غايىسى   ③ئورتاق غايىسى ④21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ⑤پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقىدا ⑥21-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا

A. ②①     B.  ③④    C. ⑤⑥       D.④⑥

2005.5-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى،10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-قېتىملىق يىغنىدا«دۆلەتنى پارچلاشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» يۇقىرى ئاۋاز بىلان ماقۇللاندى.

1.ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى؛  (      ) A.ئەڭ ئالى قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا  ئىگە   .Bۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىگە            

.C ئەڭ ئالى بىكىتىش ھوقۇقىغا ئىگە       .D ئەڭ ئالى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

6.دۆلىتمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا كېسەل كۆرسىتىش قىيىن،يەسلىگە كىرگۈزۇش قىيىن،يول يۈرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىلىرى مەۋجۇت بولماقتا. بۇنىڭ گەۋدىلەندۈرىدىغىنى،دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاساسىي زىددىيىتى؛(    ) A.كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن سوتسىيالىزم قورۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئاز ساندىكى دۈشمەن ئۇنسۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت.Bپرولېتارىيات بىلەن بۇزژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت.Cئىشچىلار سىنىپى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت.D خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت

7.ئېلىمىز ئاللىقاچان سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ،ئەمما يەنىلا سوتسيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرماقتا.بۇنىڭ سەۋەبى؛(    ) .①ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن .② پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى،مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى يەنىلا يۇقىرى ئەمەس.③سوتسىيالىزمنىڭ كونكرېت تۈزۈملىرى مۇكەممەل ئەمەس.④دۆلىتىمىزدە ھەر تۈرلۈك ئىشلار زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى A.③②①      B. ④③②    C. ④②①              D. ②①

8.ئىككى قىرغاق مۇناسۋىتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى؛(    ) A.جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ ئۇزاق تارىخى .Bبىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش     .Cئورتاق مەنپەتكە ئىگە بولۇش D .جۇڭخۇا مىللەتلىرنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى

9.تۆۋەندىكلەر ئىچىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا ئۇيغۇن بولغىنى؛(    ) .①تىرىلغۇ يەرنى ئورمانغا ئايلاندۇرۇش .② كۆللەرنى چۆردەپ ئېتىز بەرپا قىلىش .③غەربىي رايونلارنى ئېچىشتا،موھىتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ④.بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان چوكا ئىشلىتشنى تەشەببۇش قىلىش ⑤.ھەم ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بىرىش،ھەم مۇھىتقا ئەھمىيەت بېرىش

A.③②①             B. ④③②           C.①③⑤             D.③④⑤

10.تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئېلىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ھازىرلاش نسبىتى %1.4 بولۇپ،ساۋاتسىزلار نىسبىتى %6.27 نى ئىگىلەيدۇ.بۇنىڭ ئەكس ئەتتۈردىغىنى، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ ھازىرقى مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى؛(    ) A.نوپۇسنىڭ ئەسلىي سانى كۆپ  B.يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقانلارنىڭ سانى كۆپ C.نوپۇس ساپاسى تۆۋەن D.نوپۇسنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس

11. 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار4مىليون 947 مىڭ،يەككە كارخانىلار 25مىليون 762مىڭغا يەتتى. يەككە ، خۇسۇسىي كارخانىلار ياراتقان GDPسى دۆلەت ئومۇمىي مىقدارنىڭ%40  نى ئىگەللىدى. بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى؛  (   ) ①ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكىنڭ تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن قوللاش،ئىلھام بىرش، يىتەكلەش كېرەك

②ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ③ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك دۆلەت ئىگىلىكىنڭ جان تومۇرىنى ئىگەللەپ بولدى

④ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى A.③②      B.②①     C. ① ③       D.③④

12.دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىشى،دۆلىتىمىزنىڭ (    ) نى چۈشەندۈرىدۇ. .①پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەرگەنلىكى.② بىلىمگە.ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلغانلىقى.③پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيسىنى يولغا قويغانلىقى ④. ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيسىنى يولغا قويغانلىقى

A. ④③②①             B. ①③②           C.①④             D.②③④

13.پۈتكۈل سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا،ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەر چوقۇم  (    ) قا بويسۇنۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.

A.مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرولۇشى B. ئىسلاھات،ئىشكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش .Cپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكى .Dئىقتىسادىي قۇرۇلۇش

14.بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق ئادەتلىرىمىزگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىمىز؛(    ) .①جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىش② .شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاش.③ھازىرقى ئەدەپ-ئەخلاق تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇپ،دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش④. بىردەك قوبۇل قىلىش

A.③②①             B. ④③②           C. ①③④           D.①②③④

15.تۆۋەندىكلەر ئىچىدە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئىپادىلەيدىغىنى؛(      ) .①ئويلاشقا،قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ،كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش② ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي،قارىغۇلارچە ئىش قىلىش③ھەممىدىن گۇمانلىنىش،ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش④ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش،يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش A. ④③  B. ①③②     C.①④    D. ④③②

Ⅱ-ماتېرىيال تەھلىل قىلىڭ(جەمئىي 55نومۇر)

16.بەزى ساۋاقداشلار :«جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرى نورغۇن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ،مېنىڭ كۈچۈم يالغۇز كېلىپ قالىدۇ ،كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقىلى بولمايدۇ.شۇڭا،مەن قاتناشمىساممۇ بولىدۇ »دەپ قارايدۇ .  

(1)سىز بۇ خىل قاراشقا قانداق قارايسىز؟ جامائەت پاراۋانلىق پائالىيەتلىرگە قاتنىشىشنڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ (10نومۇر)

17. زوڭلى ۋېن جياباۋ ئىككى يىغىن مەزگىلدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغان جاۋاپ بەرگەندە مۇنداق دېگەن؛«دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن بىر جۇڭگوغا تەۋە،چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەندىكى قېرىنداشلار تومۇرداش بولۇپ،بىر بوغۇز ھەرگىزمۇ بىزنى ئايرۋېتەلمەيدۇ. »

سوئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ؛

1).مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق،تەيۋەننىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئسپاتلاڭ.(كەلتۈرگەن مىسالىڭىز 2دىن كەم بولماسلىقى لازىم) (5نومۇر)

2) ئېلىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي فاڭجېنى نېمە؟ (10نومۇر)

18.پارتىيىنىڭ 17-قۇرۇلتىيدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى؛«چوقۇم ئادەمىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،خەلق تۇرمۇشغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشغا كاپالەتلىك قىلىش،ئامال قىلىپ خەلق تۇمۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك »،«ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسدا،چوقۇم ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ،خەلق تۇمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ،ئىجتىىمائىي تۈزۈلمە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش...پۈتكۈل خەلقنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولىدىغان، ئەمگەك قىلسا تاپاۋىتى بولىدىغان،ئاغىرىپ قالسا داۋالىنالايدىغان،ياشانغاندا كۈتىنەلەيدىغان،تۇرىدىغانغا ئۆيى بولىدىغان قىلىش،ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

1).سىزنىڭچە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇش مەسلىسنى ھەل قىلىش خەلق تۇرمۇشغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى يا خەلق تۇرمۇشغا كاپالەتلىك قىلىش خشلاشنىڭ تۈپ يولى نېمە؟(10نومۇر)

2). خەلق تۇرمۇش مەسلىسنى ھەققىي تۈردە ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۇقرالار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۆزلىرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ پۇقرالانىڭ قايسى ھوقۇقىنى يۈرگۈگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؟بۇ ھوقۇقنى توغرا يۈرگۈزرشىنىڭ يوللىرى قايسىلار؟(10نومۇر)

19.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى يولداش خۇ جىنتاۋ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 34-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە تەكىتلەپ: ”چوقۇم پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستاتېگىيىسى بىلەن ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن يولغا قويۇپ، مائارىپنى ھەقىقىي ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، دۆلىتىمىزنى ئادەم كۈچى بايلىقىدا كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك“ دەپ كۆرسەتتى.

ماتېرىيالنى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:

1)      نېمە ئۈچۈن پەن-مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈڭ. (10نومۇر)

پايدىلىنىش جاۋابى                          Ⅰ-سۇئال تاللاپ جاۋاپ بىرىڭ.(45=3×15)



[Ⅱ-ماتېرىيال تەھلىل قىلىڭ(جەمئىي 55نومۇر)

. 16(10نومۇر)  بۇ خىل قاراشنى خاتا دەپ قارايمەن.

بىز ياشاۋاتقان جەمئىيەت بىر-بىرىمىزگە ئۆز ئارا ياردەم قىلىشىدىغان، ئادەملەر تېخىمۇ ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈشىدىغان جەمئىيەت. شۇڭا، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش جەريانىدا ھەم جەمئىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىزغا ھەم باشقىلارغا ياردەم بېرىشىمىزگە، شۇنداقلا تۆھپە قوشۇش جەريانىدا ئۆز قىممىتىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە پايدىلىق.

17. (5نومۇر) 1) تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلقنىڭ ئەجدادى بىر، يىلتىزى بىر ھەم قانداش ئىكەنلىكى

تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرى يەنى خۇاڭدى ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەممىسى چاسا يېزىق ئىشلىتىدۇ. ھەممىسى تاۋۇز چاغىنى قاتارلىق بايراملارنى ئۆتكۈزىد

(10نومۇر) 2) تېنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش

81.(10نومۇر) 1) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش.

(10نومۇر) (2) ① تەنقىد-تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى ياكى نازارەت قىلىش ھوقۇقى. ② خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىش؛

خەت يېزىش، ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى، تېلېفون بېرىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئالاقىدار ئورۇنلارغا پاش قىلىش ياكى ئىنكاس قىلىش؛ تېلېۋېزىيە، رادىئو، گېزىت قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق نازارەت قىلىش.

.

19(10نومۇر).① پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن غايەت زور ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ ② مائارىپ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈشتىكى ماددىي كۈچ؛ ③ ھازىرقى رىقابەت، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدۇر، مىللەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى رىقابىتىدۇر؛④ يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەنىۋى كۈچ، بىر دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققى قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ؛⑤ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. پەن-تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئىختىساسلىق خادىملار بولۇشى كېرەك. ئىختىساس ئىگىلىرى مائارىپ ئارقىلىق تەربىيىلىنىدۇ. پەقەت پەن-تېخنىكا، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ


تېما مەنبە قايراق ئوتتۇرا مەكتەپ
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-8-1 12:12, Processed in 0.255569 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش