مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2072 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 53 سېكۇنت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • ئامان 4 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 10 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 3

مۇئەللىمنىڭ يۈرەك سۆزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

دوست

219

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
52 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
31 سەر
شۆھرەت
51 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىم  ئۇ _ بىرلا چېلەك سۇلا ئەمەس ،
ئۇ بىر شېشە غايىپ تەملىك  كۇلا ئەمەس .
ئۇ ئەمەلىي بىر تىرىك جان ، ئۇ _ ئىسلاھات،
ئۇ_  ئۆزگىرىش،ئۇ _ يېڭىلىق ،< كونا > ئەمەس.
مۇئەللىم ئۇ _ نازۇ - نېىمەت، ئۇ _ داستىخان ،
ئېچىلىدۇ  مېھمان دىمەي ، سائىللارغا .
ئۇ ساداقەت تانكىسىدىن ئوت ئاچىدۇ،
مەرىپەتنى كۆرەلمىگەن خائىنلارغا .
ئۇ سەھەرنىڭ گۈلخىنىغا ئوت ياققۇچى،
مۇئەللىمنى ئىنژىنىرغا ئوخشاتماڭلار،
ئۇ ئىگىلمەي كۈنگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ،
قالايمىقان يىلتىزىنى يۇمشاتماڭلار !
ئۇ ئەسلىدە بالىجانلىق قارلىغاچتۇر،
ئۇ ئۇچۇرما پەسلىگىچە توختىمايدۇ.
مۇئەللىمگە تەۋە ئەسلى < جىننىس > رېكۇت،
ئۇ ئېھتىمال چارەك ئەسىر ئۇخلىمايدۇ.
مۇئەللىمنى پىخسىق دىمە ، ئاغزىڭغا تاش !
ئۇنىڭ سېخي ھالىتىنى مۇنبەردە كۆر .
ئۇ بىخلانغان سەمىيمىلىك ئۇرىقىدۇر ،
ئۇنىڭ ئاددىي قامىتىنى ھەر يەردە كۆر!
مۇئەللىم ئۇ_  ئەمەلدارنىڭ نۆل سىزىقى ،
ئورۇندىقى تەققاس ئەمەس كىرىسلوغا .
شېرىن پۇراق شەرەتلەرگە سۈكۈت قىلار،
ئامراق ئەمەس كۆڭۈلگە ئوت سېلىشلارغا .
ئۇ ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ ئاشپىزىدۇر ،
توق تۇرىدۇ ئۇ بولغاچقا ئەۋلاتلىرى.
ئۇ يىغمايدۇ ، بەلكى بېرەر مىللەت ئۈچۈن ،
بازار نەرقى ئەمەس ئۇنىڭ بايلىقلىرى .
مۇئەللىمنى شام دىگەنلەر . كەچۈرىڭلار ،
ئۇ شۇنچىلا ئاددي كۆيۈپ ئۆچەمدىكەن ؟
چۈجىلەرنىڭ ئەڭ مېھرىبان ئانىسى ئۇ ،
ئەتە ئۈچۈن دان تاتلىماي كېتەمدىكەن ؟
مۇئەللىمنىڭ كىگىز ئۆيى - دەل ئىشخانا ،
ساقلىماقتا تاپشۇرۇقلار ،تەييارلىقلار ،
چاچالمايدۇ دىققىتىنى قەلەم تۇتسا ،
قىززىقتۇرماس مىڭ  بىھۇدە ھەييارلىقلار .
مۇئەللىمنىڭ كۆز يېشىنى كىم كۆرۈپتۇ ،
ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ قويار پىنھانلاردا .
ئۇ دەريادەك  يۈرىكىنى يېرىپ  كۈندە ،
سۈزۈك سۆيگۈ باشلاپ كېلەر ھەر دىللارغا .
مۇئەللىمنى ‹ ئەخمەق› دىگەن ‹ چوڭ ئەخمەق ›تۇر ،
بالىسىنى تېپىپ قويۇپ  ‹بولدى›  دىگەن .
شۇبالىنى ‹ ئەركە تاي › دەپ  سۆيۈپ تۇرۇپ
يەنىلا شۇ مۇئەللىملەر ئازار يىگەن !
مۇئەللىمنىڭ مائاشى بار ، ‹بەرىكەت › لىك ،
لىكىن ئايلار    ئارىسىنى ئۇلالمايدۇ .
سودا قىلىپ يۈرگەن ئەركە بايۋەتچىلەر ،
كوچىدىكى مۇئەللىمىنى تونالمايدۇ !
مۇئەللىمنىڭ بارغۇسى بار توي – تۆكۈنگە  ،
ئېچىلىپ ئۇ  كاپام پولۇ يىگۈسى بار .
بازارلاردا ماركا تاللاپ ئېسىل كىيىم
باشقىلاردەك ئۇنىڭمۇ بىر كىيگۈسى بار ،
ئۆيىدىكى غەملىرىنى سانىمايلى ،
ھېيت – بايرامدا ساڭزا – قۇيماق سالالامدۇ؟
كۆرپە سېلىپ ئىسسىققىنە تاماق ئېتىپ ، ،
ئانىسىنىڭ رازىلقىنى ئالالامدۇ؟
ئىككى بالا تەلمۈرىدۇ  دەرۋازىغا ،
يىغىنىدىن قايتىپ كەلدى مۇئەللىممۇ ،
ئۇ ئالدىراپ پۇسۇققىدە دىمەيدىكەن ،
‹پۇت – قولۇمنى سۇنۇپ راھەت سۈرەرمەنمۇ ›
مۇئەللىمنىڭ كېسىلى يوق ، زوكامى بار ،
ئۇ بالنىستا يېتىپ قېلىپ ئاغرىمايدۇ .
ئۇ سائەتلىك ئوكۇل بىلەن ئوڭشالغاچقا ،
ئىلمىي مۇدىر ئەنسىرمەيدۇ ، ئاغرىنمايدۇ.
ئۇنى چۆيۈن يۈرەك دىسەم ، ئالايماڭلار ،
ئۇ ئالدىراپ خىزمىتىدە داتلاشمايدۇ .
تەنقىد بىلەن جازالارغا كۆنۈك تۇرسا،
كەسىپى بىلەن ئۇ ئالدىراپ ياتلاشمايدۇ.
مۇئەللىمنى زەرەتلىگۈچ دىدىم ، چاخچاق ،
ئۇ ھەر قانداق  تاقاق دىلنى زەرەتلەيدۇ .
ئۇنىڭ شۇنچە  تۆھپىلىرى مەۋھۇم بولغاچ ،
پەقەت ئۇنى شائىرلارلا سۈرەتلەيدۇ .
مۇئەللىملىك كەسپىمنى بەك قەدىرلەيمەن ،
مەيلى خەقلەر مېنى پىخسىق ،نادان دىسۇن ،
پەرۋايىم يوق ! ماڭقۇرۇتلار ھېساپ ئەمەس ،
‹سەن ئىشلىمە › ، دىگەن سۆزنى دادام دىسۇن !
‹مۇئەللىمنى سۆيۈش›  دىگەن تام دوسكا بار ،
ئۇ تامدىكى ئۇلۇغلارغا سۆزلەپ تۇرار .
ئۇ مائارىپ ئۈچۈن بولار‹  ئادەم كۆۋرۈك ›
ئۇ بىر  يىراق ئۈمۈدلەرنى كۆزلەپ تۇرار .
مۇئەللىمگە  ‹رەھمەتۇف ›نىڭ  كېرىكى يوق ،
ئۇ ساداقەت ئۇرىقىنى كەڭ چاچىدۇ .
قاناتلىرى يېتىلگەندە ئەۋلاتلىرى ،
سېغىنغاندا قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ.
مۇئەللىمنىڭ جەمىيەتتە بەك ھۆرمىتى بار ،
سەھنىلەردە  گۈل قۇچاقلار  مۈكچەيگەندە .
تاتلىق جېنى كېپىنەك بوپ چىقىپ كېتەر ،
بىرەرسى كېپ سۈيۈپ قويسا ئۈمچەيگەندە .
بىر سېغىنسا  تۇيغۇسىدا مۇنبەرلەرنى
مۇئەللىمنىڭ كۆزئەينىكى تورلاشمايدۇ،
كىتاپ بىلەن بور توزانى ئەركىلىسە ،
باشقا كەسىپ بۇ ئىشلارغا قولاشمايدۇ .
ئەي، مۇئەللىم، ئايىقىڭىزنى مايلىتامسىز؟
رەھمەت  بالام ، مايلامچىلىق مېنىڭ كەسپىم .
نادانلىق ۋە خۇراپاتنى سېزىپ قالسام ،
غۇرۇرم بەك تېز ئۆرلەيدۇ ، مۇشۇ ئەيپىم  .
بارمىقىڭنى چىشلىۋەتكىن ، سۆزۈڭ خاتا ،
مەن مۇئەللىم ، يەنە قانداق پەتىۋا بار ؟
مىڭ شەرەپلىك ئەنئەنە بار بۇ دۇنيادا
مۇئەللىمدەك ئەڭ قىممەتلىك ئەتۋار بار !!!
ئابلەت مۇھەممەت شېئىرى
سەھرايى كۆلبەم : توققۇزتارا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

15

تېما

0

دوست

1341

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
257 سەر
تىللا
154 دانە
تۆھپە
232 سەر
شۆھرەت
243 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:06:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى- ئۇ مىننەتسىز تەر تۆككۈچى،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى،گۈزەل جەمىيەتكە ئۇل سالغۇچىدۇر .

61

تېما

37

دوست

9175

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1670 سەر
تىللا
1116 دانە
تۆھپە
1960 سەر
شۆھرەت
2011 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 09:08:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن، بىراق مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويماپسىز ، مەنبىسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ
كەمىنە ئىلغاردىن بالىق دوسلارغا سالام

3

تېما

1

دوست

124

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
22 سەر
شۆھرەت
24 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 19:44:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسىنى ئەسكەرتىش بىھاجەتكەن ئەمەسمۇ؟
مۇئەللىم ھەريىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر كۈن ئۇلۇغلىنامدىكىن دەيمەن بۇ دۇنيادا.باشقا ۋاقىتلاردا تاپا-تەنە،غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆمرىنى خورىتىدىكەن.ھەي مۇئەللىم.....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:01, Processed in 0.209969 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش