| كەسىپداشلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ياخشى ماتىرىياللارنى يوللاۋاتىسىز. مۇنبەردىكى بىر قىسىم كەسىپداشلىرىمىز مۇنبەرگە نىمە يوللاشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى دىگەن مەكتەپتىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ بىۋاستە قاتناشقۇچىسى ۋە ئىشتىراكچىسى، ئۇلار ئىزدەنسە ئۇلارنىڭ ئۆزىدە، ئەتراپىدا ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش ۋە ئۈگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ماتىرىياللار بار. ئۆزىمىزدە بار بولغان ئەھمىيەتلىك ماتىرىياللارنى سىزمۇ يوللىسىڭىز، مەنمۇ يوللىسام، ئۇمۇ يوللىسا، بىلىم ئالماشتۇرۇش، بىلىم يېڭىلاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشساق، شۇندىلا تور بوشلۇقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇلاتتۇق. رەھمەت سىزگە بۇرادەر، ئورتاق ئىلگىرلەش نىشانىمىز ئۈچۈن بايقاش مۇنبىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يەنىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرايلى. |
|