مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2082 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 1چىچەك 28 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • siginix1212 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • 1چىچەك يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 4

سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

102

تېما

40

دوست

8656

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1802 سەر
تىللا
523 دانە
تۆھپە
1713 سەر
شۆھرەت
1698 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 14:51:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى


بايقاش مۇنبىرىمىزدىكى دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپداشلار بولغانلىقى،يەنە كېلىپ، سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن،كەڭ كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ يوللىدىم.كەسىپداشلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىسا،پايدىلىنىشىنى سورايمەن.
سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچى ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش،ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى مەشىقىنى چىڭ تۇتۇش ۋە ياكى سىنىپنى كۈندىلىك باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دەپ ھېسابلايدۇ.مېنىڭچە بۇ قاراشلار دېگەندەك يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بۇرچىنى زادى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
مېنىڭچە،سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئاساسلىق بۇرچى ياخشى سىنىپ كوللىكتىپىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشكىللەش،سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىنى ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت.كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا،مەكتەپ مودىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە،ئەخلاقىي،ئەقلىي،جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى ۋە مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيە ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئۆز سىنىپىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ سىنىپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش،ياخشى سىنىپ كوللىكتىپىنى تەشكىللەش ۋە يېتىلدۈرۈش،بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئومۇمىيۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇلارنى تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەتراپلىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
يوقىرقى بۇرچقا ئاساسەن سىنىپ مەسئۇلىنىڭ خىزمىتىنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرىت ۋەزىپىلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
1. سىنىپنى كۈندىلىك باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش،سىنىپ كوللىكىتىپى قۇرۇش ۋە تەشكىللەش.سىنىپ مەسئۇلى سىنىپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئىلمىي تۈردە باشقۇرۇشى،سىنىپ قائىدىلىرىنى ئورنىتىشى،سىنىپ ھەيئەتلىرىگە ۋە سىنىپتىكى پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ،سىنىپ كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشى،ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ۋە ئىجادىي ئىشلەش روھىنى جارىي قىلدۇرۇپ،ياخشى سىنىپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشى،سىنىپ كوللىكتىپىنى ئىتتىپاقلاشقان ئىناق،ئاكتىپ يوقىرى ئۆرلەيدىغان سىنىپ كوللىكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
2. ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىددىيە-ئەخلاق تەلىم-تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش. سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيىنى،سوتسىيالىستىك ۋەتەننى،يۇرت-ماكانىنى،ھەممىدىن موھىمى ئۆزىنى قىزغىن سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،ئۇلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ۋەتەننى سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان ئىرادىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.ئوقۇغۇچىلارنى «ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى»،«ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت ئۆلچىمى»گە رىئايە قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ،ياخشى ئەخلاق-پەزىلەت ۋە مەدەنىيەتلىك ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
3. ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قىلىپ تەربىيلەش. سىنىپ مەسئۇلى ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش مەقسىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشى،ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىشى،ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى،توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىشى،ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يوقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش. سىنىپ مەسئۇلى ئوقۇغۇچىلارنى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغان،ساقلىقنى ساقلاپ،سالامەتلىكنى ئاسراشقا دىققەت قىلىدىغان قىلىپ تەربىيلەپ،ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشى لازىم.
بۇنىڭدىن باشقا،سىنىپ مەسئۇلى يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرىتقى تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىلمۇ-خىل جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان دەرستىن سىرىتقى پائالىيەتلەرگە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەشكىللىشى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى،ھەۋىسى ۋە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى؛ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى ھەر خىل ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ،ئۇلارنىڭ ئەمگەك كۆز قارىشىنى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ،ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قابىليىتىنى كۈچەيتىشى؛شۇ سىنىپنىڭ دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ،جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.سىنىپ مەسئۇلى يوقىرىقى بىر قانچە تەرەپلەر ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇشى كېرەك.


مەنبە: بىر قانچە يىللىق سىنىپ مودىرلىق خىزمىتى جەريانىدا توپلىغان خىزمەت ئەمەلىيىتىم.
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.
pari + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 6 تىللا + 6 تۆھپە + 6 شۆھرەت + 6  باھا خاتىرىسى

قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

200

تېما

96

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6956 سەر
تىللا
1441 دانە
تۆھپە
7469 سەر
شۆھرەت
5477 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 15:51:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپچىلىرىمىزغا خاس ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ.

باھا سۆز

ئوغلانبەگ رەھمەت سىزگە!  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 16:00
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى

294

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6768 سەر
تىللا
1729 دانە
تۆھپە
10813 سەر
شۆھرەت
5787 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 18:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپ مەسئۇللىق خىزمىتى  جاپالىق ھەم  ئەڭ شەرەپلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى . بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ  تەس ، قولىنىڭ ئۇچۇدا ئىشلەپ قويغان بىلەن ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ . سىزنىڭ بۇ تەجرىبىلىرىڭىز سىنىپ مەسئۇللىرىغا ئەڭ ياخشى سوۋغا بولۇپتۇ رەھمەت .

باھا سۆز

ئوغلانبەگ سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت! ھەممىدىن موھىمى يەنىلا سىلەردەك تەجرىبىلىك ئۇستازلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئىگەللەش. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 20:17
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

102

تېما

40

دوست

8656

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1802 سەر
تىللا
523 دانە
تۆھپە
1713 سەر
شۆھرەت
1698 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 20:17:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-2-24 18:29
سىنىپ مەسئۇللىق خىزمىتى  جاپالىق ھەم  ئەڭ شەرەپلىك خىز ...

سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت! ھەممىدىن موھىمى يەنىلا سىلەردەك تەجرىبىلىك ئۇستازلاردىن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئىگەللەش.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

0

تېما

11

دوست

721

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
116 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
147 سەر
شۆھرەت
143 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپچىلىرىمىزغا خاس ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە
ئەنۋەر ياىسن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 17:51, Processed in 0.542571 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش