مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 2

سىنىپ خىزمىتى پىلانىنى قانداق تۈزۈش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

14

دوست

1345

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
283 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
281 سەر
شۆھرەت
292 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 14:40:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپ خىزمىتى پىلانىنى قانداق تۈزۈش كېرەك
سىنىپ خىزمىتى پىلانى سىنىپ مودىرىنىڭ سىنىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى موھىم قورالى بولۇپ ، ھەر ئوقۇش ماۋسۇمىدا بىر قېتىم تۈزلىدۇ . بۇنى سىنىپ مودىرى ئۆزى تۈزىدۇ .
1.        سىنىپ خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈشتىكى ئاساسلار
1)        پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجىنى بولۇپ ، ئۇنى خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاسا قىلىش كېرەك .
2)        مائارىپ مىنىستىرلىكى تۈزۈپ تارقاتقان ئوقۇتۇش پروگراممىسى . بۇ پراوگرامما يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە بولۇپ ، سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش ، تەلىم – تەربىيە پىلانى . بۇ يېتەكچىلىك رولىدىن چەتنىسە بولمايدۇ .
3)        مەكتەپ ۋە ئىلمى بۆلۈم ، ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمنىڭ خىزمەت پىلانى . بۇ پىلانلارنىڭ مەزمۇنى سىنىپ خىزمىتى پىلانىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولىشى كېرەك .
4)        سىنىپنىڭ ئەمەلىيتى . سىنىپ خىزمەت پىلانى سىنىپنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلغان بولىشى ، سىنىپ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن بولىشى كېرەك .
5)        پىلان ئەقىلگە مۇۋاپىق ، تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ۋە نىشانغا يەتكىلى بولىدىغان بولىشى كېرەك . پوچىلىق قىلىشقا ، قۇرۇق گەپ سېتىشقا بولمايدۇ .
6)        سىنىپ مودىرىنىڭ ۋەزىپىسى پىلان مەزمۇنىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك .
7)        سىنىپ خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈشتىكى يەنە بىر موھىم ئاساس ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش روھى .سىنىپ خىزمىتى پىلانى چوقۇم مۇشۇ روھ بويىنچە تۈزلىشى كېرەك .
2.        سىنىپ خىزمىتى پىلانىنى يېزىش تەرتىۋى
1)        سىنىپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى يېزىش
ئوقۇغۇچى سانى ، ئوغۇل قىزلار سانى ، ئىتتىپاق ، پىئونىرلار سانى ، ياش ئايرىمىسى ،ئائىلە ئەھۋالى ( شەھەر نوپۇسى ۋە يېزا نوپۇسىمۇ ئەسكەرتىلىشى لازىم ) كادىر ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر باللىرى ، دىھقان باللىرى ، مىللەت ئايرىمىسى ، سىنىپنىڭ ئالدىنقى ماۋسۇمدىكى ئۈگۈنىش نەتىجىسى ، دەرسلەرنىڭ ئۆزلىشىش ۋە لاياقەتلىك بولۇش پىرسەنتى ، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار سانى ، دەرستە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلار سانى ، ئەخلاقتا ئەلاچى باھالانغانلار سانى ، سىنىپنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلەردىكى نەتىجىسى ، مەكتەپ بويىنچە رەت تەرتىۋى قاتارلىقلار يېزلىشى لازىم .
2)        سىنىپ خىزمىتىدىكى كونكىرت نىشانلارنى يېزىش
بۇ نىشانلار چوقۇم ئەمەلىيەتنى ئاسا قىلىپ يېزلىشى ، تىرىشسا چوقۇم يېتەلەيدىغان نىشان بولىشى لازىم .
مەسىلەن : ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىشى ، دەرسلەرنىڭ ئۆزلىشىشى ، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار نىسپىتى ، ئەخلاقتا ئەلا باھالىنىدىغانلار سانى ، تەنتەربىيەدە لاياقەتلىك بولىدىغانلار ۋە چېىنىقىش ئۆلچىمىگە يېتىش ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە لاياقەتلىك بولۇش ، تازلىق ،ئەمگەك ۋە ھەر خىل ئىجتىمائى پائالىيەتلەر ، ھەر خىل مۇسابىقىلەر قاتارلىق تەرەپلەردىكى نىسپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار .
3)        ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى
ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى پىلانىدا مۇنداق ئىككى نوختىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك :
بىرى ، سىنىپتا ساقلىنىۋاتقان خاھىش خراكتىرىدىكى مەسلىلەرنى تۈزىتىشنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرلىدىغان تەربىيە .
يەنە بىرى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى سۈپىتىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، يېڭى بىلىم بېرىشنى ، تونۇشنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى مەخسەت قىلغان تەربىيە .
بۇنىڭ مەزمۇنلىرى : ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيسى ، كوللىكتىۋىزىملىق تەربىيسى ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسى ، پەننى سۆيۈش ، تىرىشىپ ئۈگۈنىش تەربىيىسى ، قانۇن - تۈزۈم تەربىيسى ، قائىدە – ئۆلچەم تەربىيىسى ، ئاتا – ئانىلارنى چوڭلارنى ، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش تەربىيىسى ، توغرا بولغان كىشىلىك ئەخلاق تۇرغۇزۇش تەربىيىسى ، ئاممىنىڭ مال – مۆلكىنى ئاسراش تەربىيسى ، مەخسۇس سىنىپ يىغىنى تىمىللىرى ، ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
4)        ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى
ئەقلى تەربىيە خىزمىتى پىلانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشىپ ئۈگۈنىدىغان ، مۇستەققىل ئۈگۈنىدىغان ، ئىمتىھان بېرىدىغان ، ئەتراپلىق بىلىم ئىگەللەشكە تىرىشىدىغان ، تەپەككۇر قابىليىتىنى ئاشۇرىدىغان ، توغرا ئىلمى ئۈگۈنىش ئۇسۇلىنى بىلىدىغان ،تاپشۇرۇقنى مۇستەققىل ئىشلەيدىغان قىلىشنى ۋە پۈتۈن سىنىپنىڭ ئۈگۈنش نەتىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى چىقىش قىلىش كېرەك .
بۇنىڭ كونكىرىت مەزمۇنلىرى :ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزلىشىشى ۋە لاياقەتلىك بولۇش نىسپىتىنى قانچە پىرسەنتكە يەتكۈزۈش ، ھەر قايسى پەنلەردىكى ئەلاچىلار سانىنى قانچىگە يەتكۈزۈش ، دەرستە يېتىشەمىگەنلەرنىڭ سانىنى قانچىلىك ئازلىتىش ، قايسى پەنلەردە زىھىن سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ، ئوقۇش قوراللىرىنى تەكشۈرۈش ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا تولۇق ئىشلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ئۈگۈنىش قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش ، دەرستىن سىرىتقى ئۈگۈنىشنى تەشكىللەش ، ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىللىرى خىزمىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
5)        جىسمانىي تەربىيە خىزمىتى
جىسمانىي تەربىيە خىزمىتى پىلانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ، سالامەتلىكنى ئاسراشنى ، ياخشى تازلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشنى چىقىش قىلىشى كېرەك .
بۇنىڭ كونكىرتنى مەزمۇنى : ئىككى گىمناستىكىغا قويلىدىغان تەلەپ ، سىنىپ ، مەيدان ، شەخسى تازلىققا قويلىدىغان تەلەپ ، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش خىزمىتى ، مەكتەپ سىنىپ ئىچىنى گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتى ، سالامەتلىكنى ئاسراش ، تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش خىزمىتى ، سىنىپ ئۆزى تەشكىللەيدىغان تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيتى ، ئەمگەك پائالىيىتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
6)        مەكتەپ ئائىلە تەربىيسىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى
بۇ پىلان مەتكەپنىڭ تەلىپى بىلەن ئاتا – ئانىلارنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ، مەكتەپ تەربىيىسى بىلەن ئائىلە تەربىيىسىنى ماسلاشتۇرىدىغان باشقا تەدبىرلەردىن ئىبارەت .
7)        ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش
بۇ پىلان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشنى ، بەلگىلىك قابىليەت ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى  چىقىش قىلىش كېرەك .
بۇنىڭ كونكىرتنى مەزمۇنى : ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز قىززىقىشى بويىنچە ھەر خىل كۇرژىكلارغا تەشكىللەش ، ئېكىسكۇرسىيە ، زىيارەت ، ھەر خىل مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ، ئاممىغا مەنپەئەتلىك ، خالىسانە ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
8)        سىنىپ كادىرلىنى تەربىيلەش خىزمىتى
بۇ پىلان سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى چىقىش قىلىشى كېرەك .
بۇنىڭ كونكىرتنى مەزمۇنى : سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تۇرغۇزۇش ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ، سىنىپ كادىرلىرى يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىش ، سىنىپ كادىرلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
9)        سىنىپنىڭ قائىدە -ۈزۈملىرى خىزمىتى
بۇ پىلاندا يېڭىدىن تۈزلىدىغان ، ئۆزگەرتىلىدىغان ، يېڭى تەلەپ قويلىدىغان قائىدە –تۈزۈملەر يېزلىشى لازىم .
10)        مەكتەپكە قويلىدىغان تەلەپلەر يېزلىشى كېرەك ۋە باشقىلار .
سۆيسەك سۆيىمەن يەر بىلەن يەكسان بولساڭمۇ
سۆيمىسەڭ سۆيمەيمەن مىسىرغا سۇلتان بولساڭمۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7211 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7894 سەر
شۆھرەت
5863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 23:03:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنىپ مۇدىرلىرى بۇ ئەھۋاللارنى تۇلۇق يازمايدۇ دە . رەخمەت سىزگە ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى چۇقۇم بىلىشكە تىگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنكەن     
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

0

تېما

11

دوست

721

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
116 سەر
تىللا
109 دانە
تۆھپە
147 سەر
شۆھرەت
143 سەر

بايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-28 23:39:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەخمەت ىسزگە ئۈستاز. ىسنپ مۇدىرلىرى مۇشۇ بۇيىچە پايدىلىنپ ىسنپ پىلانىنى يازسا بۇلىدىكەن .
ئەنۋەر ياىسن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 01:32, Processed in 0.480877 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش