ئاتاغلىق شائىر ، دراماتورگ ئەھمەد زىيائى
ئۇيغۇر يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىللىرىدىن پېشقەدەم شائىر تالانلىق دىراماتورگ، ئەدەبىياتشۇناس ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەرنىڭ يىڭى شەھەر ناھىيىسىنىڭ قۇمۇشېرىق يېزىسىدا دېھقان ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1928- يىلغىچە دادىسى موللاخۇن ھاجىمدىن بىلىم ئالغان، موللاخۇن ھاجىم بىلىملىك زات بۇلۇپ پارىس ئەرەپچە كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇغان ھەم ساقلىغان كىشى ئىدى. زېرەك ئەھمەد 2-ئوغۇل كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرەتتى ئاتىسى بىلەن شېئىر قۇشاقلار توغۇرلۇق پاراڭلىشاتتى ئەھمەد زىيائى10يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن.15ياشلىق ئەھمەد"گۈل ۋە بۇلبۇل" داستانىنى زىيائى"نۇر،"تەخەللۇسى بىلەن تاماملاپ قول يازمىسىنى خەلق ئىچىگەتارقاتقان. بۇ داستاننى كۆرگەن شۇ چاغدىكى ئەدىپلەر ياش ئەھمەتكە يۇقىرى باھا بەرگەن، 1935-يىلى"يېڭى ھايات"تا ئېلان قىلدۇرغان.شۇ يىلى ئەھمەد زىيائىنى "يىڭى ھايات" گېزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەسۇل مۇھەرلىگىدە چىقىدىغان "يېڭى ھايات" گېزىتى پۇتۇن شىنجاڭغا ۋە ئۇتىتۈرا -ئاسىياغا تارقىلاتتى . بۇ گېزىت جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا خەلق ئاممىسىنى ئويغۇتۇش ، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشتە غايەت زور رول ئۇينىغانتى، شۇ سەۋەپتىن جاللات شېڭشىسەي 1937-يىلى قۇتلۇق شەۋقىنى تۈرمىگە تاشلاپ شۇ يىلى 10-ئايدا مەخپى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. شۇنىڭدڭن كېيىن "يېڭى ھايات"گېزىتىنىڭ بارلىق ئىشلىرى ياش ئەھمەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلنىدۇ ئۇ گېزىتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ بۇنى بىلگەن شىڭشىسەي ئەھمەد زىيائىنى خەتەرلىك دەپ قاراپ كۆز ئالدىدا نازارەت قىلىش ئۈچۈن 1943-يىلى "شىنجاڭ گېزىتىگە"يۆتكەپ ئاپىرىدۇ، ئەھمەت زىيائى "شىنجاڭ گېزىتى "گە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىپ كەڭ خەلققە ئادەلەتسىز تۈزۈمىنى ئېچىپ بېرىپ كەڭ خەلقنى ئويغۇنۇشقا دەۋەت قىلىدىغان ئەسەرلەرنى چىقىرىدۇ، ئەھمەد زىيائىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى ئىپادىلەن ئىلغار دىيەلەر شىڭشىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىگە قارشى بولغاچقا، 1946-يىلى 3-ئايداقولغا ئېلىنىپ 1946-يىلغىچە نۇرغۇن ئازاپلارنى تارتىدۇ.. 1947-يىلى "ئون بىر بىتىم" مۇناسىۋىتى بىلەن "قەشقەر گېزىتى "نىڭ مەسۇللىغىنى 1952-يىلغىچە قىلىدۇ. 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدەبىيات بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن. ئۇ مەدەتيەت ئىنقىلاۋىدا تۆۋەنگە سۈرگۈن قىلىنغان شۇ جەرياندا نۇرغۇن ئەسەرلىرى يوقاپ كەتكەن. 1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىيى پەنلەر ئاكادېمىيسىگە يۆتكۈلۈپ"قۇتادغۇ بىلىك"نىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. ئەھمەد زىيائىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى تۇۋەندىكى ئەسەرلەر "كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى" "بۇلبۇلغا خىتاپ،" "رابىيە سەئىدى" "ھايات جەڭ،قاتارلىق شېئىر داستان لاردىن 100پارچىدىن ئارتۇق يازغان ، "ئىسلام پەلەسەپە تارىخى" قاتارلىق10دىن ئوشۇق كىتاپنى پارىسچىدىن تەرجمە قىلغان."ياش يازغۇچىلارغاياردەم،" "قۇتادغۇ بىلىك كىمنىڭ ۋەئۇنىڭ تىلى قايسى تىل " قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ماقالە يازغان . يۇقارقىلار ئەھمەد زىيائىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى. بىزگە مەڭگۈ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان شائىر ئەدەبىياتشۇناس دىراماتۇرگ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۇھپىلەرنى قاتقان پىشىۋا ئۇستازىمىزمۇللاخۇن ھاجى ئوغلى ئەھمەد زىيائى ھاجىم1989-يلى 89.يىشىدا بىزگە تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇرۇپ بىزدىن ئايرىلدى، بۇ ئۇستازىمىزنى كەڭ خەلق مەڭگۈ ئۇنتىمايدۇ.
يۇرت-ئەل ئۈچۈن تارتقان ئەلەمنى، شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك. خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ، مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.
تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە، شىركەبى سۆلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك. ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا، يىغلىسا يىغلاپ كۈلسە كۈلگۈلۈك..
مانا بۇ شائىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان يۈرەك سۆزى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|